ئارتۇچ بۇغرا شىركىتى «نۇزۇگۇم »فوندى جەمئىيىتىگە يېڭى نەشىر قىلغان «ئېلىپبە»دىن 100دانە كىتاب ھەدىيە قىلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئارتۇچ بۇغرا ھەسسىدارلىق شىركىتى 6-ئىيۇن كۈنى ، ئىستانبۇلدىكى «نۇزۇگۇم»فوندى جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ئارتۇچ بۇغرا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان يېڭى تۈزۈلگەن «ئېلىپبە»دىن 100دانە كىتابنى ھەدىيە قىلدى.
«نۇزۇگۇم»فوندى جەمئىيىتى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان يېتىم ۋە تۇل ئاياللار، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئىمكانى يار بەرگىنىچە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان جەمئىيەت بولۇپ، ئارتۇچ بۇغرا شىركىتى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان «ئېلىپبە» كىتاب ساۋاتىنى چىقىرىش يېشىدىكى يېتىم بالىلارغا ، ئائىلىسىدە قىينچىلىق بارلارغا ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بار ئوسمۇلەرگە ھەدىيە قىلىپ بېرىدىكەن.
بۇ «ئېلىپبە» كىتاب باشقا ئېلىپبە كىتابلاردىن پەرقلىق بولۇپ، بۇنىڭدا كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت بايرىقى ھەمدە دۆلەت گىربىنى تونىغان ھالدا ئىسلام دىنى ئاتالغۇ سۆزلۈكلەر بىلەن تونۇشۇش بىر گەۋدە قىلىنغان، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىشقا ياردەمدە بولالايدىكەن.