بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقلىقىغا نېگىرىيەلىك دىپلوماتىيە خادىمى تىججانى مۇھەممەد باندە سايلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقىنى سايلاپ چىقتى.
باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە نېگىرىيەلىك دىپلوماتىيە خادىمى تىججانى مۇھەممەد باندە سايلاندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئاتونىئا گۇتېررېس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇھەممەد باندەنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ نېگىرىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمى ۋەكىلى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكى سەۋەبىدىن ب د ت نىڭ خىزمەت تەرتىپىنىمۇ پىششىق بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گۇتېررېس مۇھەممەد باندەنىڭ سىياسەتشۇناسلىق ۋە ئىدارە ئىشلىرى مەسىلىسىدە مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، بىر نېگىرىيەلىك شۇنداقلا ئافرىقىلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن تىججانى مۇھەممەد باندەنىڭ رايوندىكى مەسىلىلەرگە بولغان قاراشلىرىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەنبە: TRT ئۇيغۇرچە مۇنبەر