ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
دۇنيا خاراكتىرلىك ئېلىپ بېرىلغان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشى شىۋىتسىيە پايتەختى ستوكھولمدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا، 15 – مارت كۈنى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 12:00 دە رەسمى باشلاندى.
نامايىشقا، ستوكھولم ۋە باشقا شەھەردىكى خانىم – قىزلار ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىنى تەشكىللىگەن، شىۋىتسىيەدىكى يېتەكچىلەرنىڭ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە شىۋىتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن نامايىش غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلدى.
ستوكھولمدا ھاۋا سوغۇق، شامال ۋە قار ياققان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشقا كەلگەن خانىم قىزلارنىڭ قىزغىنلىقىنى بوشاشتۇرالمىدى.
نامايىش ئالدى بىلەن ياشلارنىڭ شىۋىت ۋە ئېنگلىز تىلىدا شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە زۇلۇمى ئاڭلىتىلغان باياناتلارنى ئوقۇشى بىلەن باشلاندى.
شىۋىتسىيەدە بۇ نامايىشنى تەشكىللىگەن يېتەكچى خانىملار سۆزگە چىقىپ، نامايىشقا كەلگەن خانىم قىزلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە مۇشۇنداق بىرلىك، باراۋەرلىك ئاستىدا قولنى – قولغا تۇتۇپ، بىرلىكتە بىر ئاۋاز، بىر قەدەم بولغاندا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشتا يەنە شىۋىتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.
ئاخىرىدا جاراڭلىق شۇئارلار توۋلىنىپ، نامايىش غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.