ھايات پاسىبانلىرى بولغان ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلغان ، ئەمما پۈتۈن سەلتەنەتكە ئىگە بولغان ئۇلۇغ رەببىدىن ئايرىلمىغان بەختلىك ئىنسانلار بىز.
ئاپتاپتەك ئېچىلىپ تۇرىدىغان چىرايلىرىنى سايە قاپلىغان، ئەمما قايناق يۈرەكلىرىگە مۇز تېڭىپ سەبىر بىلەن ياشاۋاتقان قەيسەر ئىنسانلار بىز.
نۇرغۇنلىغان ئەزىزلىرى بىلەن يىللاردىن بېرى كۆرۈشۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئىمكانى بولمىغان، ئەمما بۇ ئارقىلىق سەبىرنىڭ نېمىلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە ھەقىقىي ئىمان ھالاۋىتىنى تېتىش شەرىپىگە نائىل بولغان ئىنسانلار بىز.
بۇ پانىي دۇنيادىكى خۇشاللىقلارنى، باقىي دۇنيارى بولغان ئاخىرەتنىڭ تۈگىمەس خۇشاللىقلىرىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن گەرچە تالاي قېتىملاپ ئازار يېگەن بولسىمۇ، يۈرەكلىرى لەختە – لەختە بولۇپ قىينىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز يولىدا تەۋرىنىپ قالماستىن مېڭىشقا جۈرئەت قىلالىغان ناھايىتى جاسارەتلىك ئىنسانلار بىز.
كاپىرلار، مۇناپىقلار جەھەننەم ئوتىغا كىرىش ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغاندا ۋە پۈتۈن كۈچلىرىنى سەرپ قىلىۋاتقاندا، جەننەتنىڭ خۇش پۇراق ھىدلىرىنى ئىزلەپ بۇ ھەق يولدا جېنىنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرغان جەننەت ئاشىقلىرى بىز.
ياۋلار ئۆزىگە قاراپ توختىماستىن خىرىس قىلىۋاتقان بولسىمۇ ھېچ قورقۇپ قالماستىن “بىزنى قوغدايدىغان رەببىمىز ھەر ۋاقىت مەۋجۇت” دېگەن شۇئار بىلەن تىك تۇرالىغان مەردانە ئىنسانلار بىز.
يۈرەكلىرى ھىجران ئازابىدا پۇچىلانغان تۇرۇقلۇق، قېرىنداشلىرىنىڭ ئازابىغا تەڭ قايغۇرالىغان، كۆز يېشى قىلالىغان كۆڭلى يۇمشاق، مىھرى ئىللىق ئىنسانلار بىز …
شۇنداق، ھەقىقەتەن شۇنداق، تەرىپلەشكە بۇ ئۆمۈر يەتمەيدىغان، بۇ تىللار، بۇ قوللار ئاجىزلىق قىلىدىغان ئېسىل كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىز. ئىسمىنى ئاڭلاش بىلەن ئىنسان ۋۇجۇدىنى تىترەك باسىدىغان، شۇ قاراڭغۇ زىندانلارغا كىرىش ئالدىدا، چىرايىدىن ئۈمىدسىزلىنىش ۋە قايغۇرۇشتىن ئەسەرمۇ بولمىغان ھالەتتە تۇرۇپ:« ۋاقتىمىز ئاز قالدى، پۇرسەتنىلا كۈتۈپ تۇرىۋاتىمىز، ھەق يولدا ياشاپ جان بېرەلىسەك بۇ نەقەدەر بەخت – ھە!» دېيەلىگەن ھەم دەۋاتقان ساھابە كەبى ئىمانى ساپ، پۈتۈن ھاياتىنى ئاخىرەتكە بېغىشلىغان ئاجايىپ تەقۋا قەلپ ئىگىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى بىز……
بىزگە ئۈمىدسىزلىك ئەسلا ياراشمايدۇ، بىزنىڭ قانداق ۋاقىتتا ياكى قانداق ئورۇندا بولمىسۇن ھامىنى قۇياشىمىز پارلايدىغان گۈزەل كېلەچىكىمىز بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنىشىمىز كېرەك . چۈنكى بىز ھەق ئىسلام دىنى بىلەن نېئىمەتلەنگەن ئىنسانلار بىز. پۈتۈن كائىناتنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغان، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سەر خىلى بولغان يولباشچىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممەتلىرى بىز……
روھىيەت جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك ياشاشقا تېگىشلىك ئىنسانلار كاپىرلار ئەمەس، بەلكى بىز…
چۈنكى بىز مەدەتكارى بولغان ئۇلۇغ رەببى بار مۇسۇلمانلار بىز …
چۈنكى بىز نىمجان يۈرەكلىرىگە ھەر ۋاقىت مەلھەم بولىدىغان قەلبىدە ئىمانى بار مۆئمىنلەر بىز …
چۈنكى بىز ھايات قالسا ھاياتىنى ھەق يولدا ھەر ۋاقىت قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرالايدىغان، ئەگەر ئۆلتۈرۈلسە شېھىتلىك ماقامى ئۈستىدە رەب جامالىنى كۆرمەككە ئىنتىزار بولالايدىغان مۇتتەقىينلەر بىز …
ئۈمىدسىزلىكنى ئېڭىمىزدىن سىقىپ چىقىرىپ شۇ قەدەر جاسارەتلىك بولايلىكى، قەلبىمىزدىكى ئىماننىڭ سېھرى كۈچى ئارقىلىق دۈشمەنلەرنىڭ قەدەملىرى ئالدىمىزدا دىر – دىر تىترىسۇن !!!
رەھمان ۋە رەھىم بولغان كەرەملىك رەببىمىز بىلەن ئارىمىزنى شۇ قەدەر مۇستەھكەم باغلايلىكى، قەلبىمىزگە شەيتانلار سوقۇنۇپ كىرىشتىن ئەيمەنسۇن !!!
پۈتۈن ھاياتىمىزنى بۇ يولدا پىدا قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىدىغانلىقىمىزغا شۇ قەدەر يانماس ۋەدىلەرنى بېرەيلىكى، ھاياتىدىن، ئەركىنلىكتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن، تۈرمىلەرگە مەھكۇم بولغان شۇ ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدىكى قان ياشلار توختىسۇن !!!
بىر – بىرىمىزگە شۇ قەدەر مېھىرلىك باقايلىكى، ئاتا – ئانىسىز، ئۇرۇق – تۇققانسىز چاڭقىغان بۇ دىللار قېرىنداشلىق مېھىر مۇھەببىتىدىن سۇ ئىچسۇن !!!
( #ئىمان نۇرى )