بىز نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە؟
ئارتۇچ بۇغرا
شەرقىي تۈركىستاندىن كۈندە كېلىۋاتقان يۈرىكىمىزنى ئەزگىدەك خەۋەرلەر مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلارنى پەرىشان قىلماقتا.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۈلۈمنى قانچە ئاشۇرغانسېرى بىزنى تېخىمۇ سۈكۈتكە چۆمدۈرىشى مېنى ھەيران قالدۇرۇماقتا.
ئۆز-ئۆزەمگە شۇنداق خىتاپ قىلىمەن:«سەن ئارتۇچ بۇغرا بىر يالغانچى، سېنىڭ قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلىق داۋارىڭ يالغان ، چۈنكى سېنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭ تۈرمىدە ئېڭراۋاتسا ، تۇتقۇن قىلىنىپ، شېھىت قىلىنىپ جەسىتى تاشلىنىپ تۇرسا، ئاناڭ –ئاچاڭنىڭ ھىجاپلىرى يىرتىپ تاشلىنىپ ئىپپەت –نۇمۇسى دەپسسەندە قىلىنىۋاتسا، سەن يەنە سۈكۈت قىلىپ ياشاۋاتىسەن؟ شۇڭا مەن دەيمەنكى، سېنىڭ مۇسۇلمانلىق دەۋارىڭ يالغان. سەندە غورۇر-ئىمان يوق ، چۈنكى سېنىڭ غورورۇڭ بولغان ۋەتىنىڭ، قېرىنداشلىرىڭ، خەلقىڭ ئۆلتۈرلىۋاتسا سەن يەنە سۈكۈت ئىچىدە ياشاۋاتىسەن.
سەن ئۇرۇشتا مىللەتنىڭ ئۆلۈپ تۇگەپ كەتمەي بەلكى سۈكۈت ئىچىدە تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟
ساڭا ئوخشاش ئارتۇچ بۇغرالارنىڭ سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ قالغانلىقىدىن ،خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆلتۇرۇشنى بىر كۈن بولسىمۇ توختىتىپ قويدۇمۇ؟
ياق، سەن بۇنى مەندىن ياخشى بىلىسەن لېكىن سەن خاتىرجەم تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىڭ ياكى سېنىڭ بىۋاستا تۇققانلىرىڭ زۈلۈمغا ئۇچرىمىغانلىقى سېنى غەپلەتتە قويۇۋاتامدۇ؟
مانا سېنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قورقاپ ئايرىمىغان زاكاتلىرىڭنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزى بۇلاپ ئېلىپ سېنى چەتئەلدىن قورقۇتۇپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىپ تۇرمىلەرگە سولاپ، شۇ مۇجاھىتلارغا خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بەرمىگەن پۇللىرىڭىنى، زاكىتىنى قورقۇپ ئايرىمىغان ئىقتىساد ، مال-مۇلىكىڭنى مۇسادىر قىلىش بىلەن بىرگە «سۇرىيەدىكى مۇجاھىتلارغا پۇل بەردىڭ »دىگەن جىنايەت بىلەن سېنى تۇتقۇن قىلىپ قىيىن –قىستاقتا مۇددەتسىز كېسىپ تۈرمىلەرگە مەھكۈم قىلماقتا.
«مەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ چىشىغا تەگمىدىم ، ئۇنىڭغا قارشى ھەركەت قىلىدىغان تەشكىلات، سىياسىي پائالىيەتچىلەر بىلەن ئالاقە قىلمىدىم مېنى ھىچنىمە قىلمايدۇ» دەپ ئويلىغان ئىدىڭ لېكىن خىتاي سېنىڭ ئىستانبۇلدىكى زەيتۇنبۇرنۇ مەھەللىسىگە بارغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى تۈرمىگە تاشلىدى. ئۇندىداردا چەتئەلدىكى تۇققانلىرىڭ ساڭا ئۇچۇر يوللىغانلىقى ئۈچۈن سېنى ئېغىر جازاغا مەھكۈم قىلىۋاتىدۇ.
سەن كىمنى ساقلاۋاتىسەن؟ سېنىڭ بۇنچىلىك ئەھۋالدىمۇ يەنە سۈكۈت ئىچىدە ياشاپ، ھەتتاكى جۇمە خۇتبىلىرىدىمۇ مەسچىتتە سىياسەت قىلساق بولمايدۇ دەپ قورقۇپ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۈم خەلققە ئاتاپ، دۇئادىمۇ ئۇلارنىڭ ئىسمنى ئاغزىڭغا ئالالمايۋاتىسەن……
ھەتتا تەشكىلات، بىرلىك ، ئۇيۇشمىلار نامىدا بىر بايانات ئېلان قىلالمايۋاتىسەن. بۇلارنى سەن مۇستەقىل بولغاندا قىلماقچىمۇ؟
قاغىلىقتا 27-فېۋرال 25 قېرىندىشىڭنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قاراپ تۇرۇپ ئوققا تۇتۇپ قىرغىن قىلىۋاتسە، بۇ خەۋەرنى قېرىنداشلىرىڭ ھاياتىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ۋەتەندىن سىرتقا يوللىسا، ساڭا 25 قوي ئۆلگەنچىلىكمۇ تەسىر قىلمىدى.
ساڭا ئىسپات كېرەكما؟ يۈرە مەن بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا، بىللە كىرەيلى. سەن چىگىردىن كىرگەندىن باشلاپ ئىسپات دىگەن ماڭدامدا بىر ئۇچۇرايدۇ.
مانا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى رەسمىي يولغا قويدى. ئاتۇش نوپۇسىدىكى400دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى چەتئەلدىن چاقىرىپ ئەكىرىپ، چىگىردىن كىرگەندە قولغا ئالدى.
قاراماي، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە 10000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئىزدېرەكسىز يوق، مەخپى سوراق قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۇققانلىرىمنىڭ ئىسمىنى چىقارسام ئۇلارغا زىيان يېتىپ قالىدۇ دەپ سۈكۈت ئىچىدە تۇرىۋەر، ئۇلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ساڭا ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى تاشلاپ بېرىدۇ.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئوموميۇزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى.شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس بەلكى چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىش ئۈچۈن ھۇجۇم باشلىدى .
سەن باشلىق مەيدىسىدە تۈكى بار ئەركەكلەر ، سۈكۈتتە تۈرۇپ ساقلاپ تۇرۇڭلار، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھلى ئىلىملىرىنى باشتا يوقىتىپ ئىش باشلاپ دەرىجىگە ئايرىپ يوقاتقان بولسا ئەمدى ھازىر پۇتۇن ئۇيغۇر بولغانلىكى ھەممىنى يوقىتىش ھەركىتىنى كەڭ-كۆلەملىك باشلىدى.
سەن خاتىرجەم سۈكۈت ئىچىدە ساقلاپ تۇر…..
سۈكۈت ئىچىدە تۇرغانلارمۇ ھامىنى ئۆلىدۇ….ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغاندا سۈكۈتنىڭ جاۋابىنى ئوزەڭ بېرىسەن…ئاللا ھەر بىر تىنىقنىڭ ھىسابىنى ئادىل ھىساپلاپ ئېلىشقا قادىردۇر….
2 ئىنكاس
ئۇيغۇر
ئارتۇچ بۇغرا ئەپەندى، بەكمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ. پەقەت كاپىرلارلا ئۈمىدسىزلىندۇ. ئاللاھنىڭ سىنىقى بۇ! رەببىمىز بىزلەرنى مەزلۇملارنىڭ قوللىرى بىلەن خىتاي كاپىرلىرىنى ھالاك قىلىشقا، ئۇلارنى تۇپراقلىرىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىشىمىزغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. سىز يالغۇز ئەمەس. ھەممىگە ۋاقىت كېتىدۇ. سەبىر قىلىڭ. ئىشلار بۇ پېتى كىتىۋەرمەيدۇ.
ئارتۇچ بۇغرا
توغرا دەيسىز، مەن ئەلبەتتە ئۈمۈتسىزلەنمەيمەن،مەن شۇنداق ئۈمۈتسىز ياشاۋاتقان ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى تونىيالمىغان ، دۇشمىننڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتقان ، بىلسىمۇ پاتىڭىدىكى خىتاي ساقچىسىدىن قورقۇپ سۈكۈت ئىچىدە ياشاۋاتقانلارنى سىكلىپ قويۇشنى لايىق تېپىپ بۇ يازمىنى يېزىپ قويدۇم…..