چېن چۇەنگونىڭ بەش ئاي جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قىلغان زۇلۇملىرى ئاشكارىلاندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا سېكرىتار قىلىپ بەلگىلىگەن، چېن چۇەنگونىڭ بەش ئاي جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زۇلۇم سىياسىتى ئاشكارا بولدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇندىدار سالونلىرىدا تارقالغان خەۋەرلىرىدە مەلۈم بولىشىچە، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان كادىرلار يىغىنىدا، سېكرىتارلىق قىلىۋاتقان جاڭ چۈنشەننىڭ ئورنىغا ، چېن چۇەنگو ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقى جاكارلانغان.
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چېن چۇەنگو پارتكوم يىغىنى ئاچقان. يىغىندا چېن چۇەنگو سىياسەتتە چىڭ تۇرۇشنى، ئىدىيىدە بىرلىك بولۇشنى، نىشان ئېنىق بولۇشنى، ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى، خىزمەتتە ئىزچىل بولۇشنى، ئىستىلى كونكرېت بولۇشنى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى، پاك بولۇشتا ئاكىتىپ بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، چېن چۇەنگو تېلېۋىزور، تېلېفۇن يىغىنى ئاچقان. يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەمدە ئون تۈرلۈك چارە ئېلان قىلغان:
1. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇچۇر توپلاشنى ئومۇملاشتۇرۇش، جاسۇسلارنى كۆپەيتىش .
2.ئاخبارات قاناللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش.
3.ئىنتېرنېت تورلىرىنى قامال قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇش.
4.ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش.
5. ئىسلام دىننىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش.
6.شەھەر، بازارلارنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش.
7.يېزىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش.
8.مۇقىملىقنى ئوموميۇزلۇك ئىشقا ئاشۇرۇش.
9.چېگرا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،بۆلگۈنچىلەرنىڭ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
10.ئونىۋېرسال باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى چىن چۋەنگو جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى.
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر دىننىي زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنى سىلەر بىلەن ئاكا-ئۇكا قېرىنداشتەك، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز دەپ ئالدىغان.
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىلغان.يىغىندا تۆۋەندىكىدەك 6مۇھىم نۇقتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
- جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
- خەلقنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
- مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنە ياساپ چىقىش.
- ئىسلام دىننىي سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش.
5.ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
6.مۇھىت ئاسراشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى قوراللىق قىسىم ئەسكەر،ساقچىلاردىن ھال سوراپ تەكشۈرۈشنى ئولچەملىك ھالدا كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك پارتىيە يىغىنىدا «ئۈچ ئەل خىزمىتىنى » يولغا قۇيۇش ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنتېرنېت تورىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، پاسپورتنى يېغىۋېلىش، بېجىرىلگەن پاسپوتلارنى قايتىدىن تورلاشتۇرۇش ھەمدە پاسپورت بېجىرگەنلەرنىڭ «قان ئۈلگىسى» ئىسكىلاتنى قۇرۇپ چىقىش، ئاۋۋال قول سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر بىكىتىلگەن.
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسىدىكى «قوشماق تۇغقىنى »قۇربان تولۇمنىڭ قىزىنىڭ ئۆيىگە «قوشماق تۇغقان »سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا بارغان.
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋەتەنپەرۋەر دىننىي زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلاردىن ئىسلام دىننىي سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە دىننىي زاتلارنىڭ ئاشقۇن ئىدىيىسى بار يوقلىقىنى بىلمەكچى بولغان.
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇقىملىققا سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى چاقىرغان.( 28-كۈنى قارقاش ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن).
يىغىدا «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى تۇرۇشنى مەركەز قىلغان ھالدا، پارتىيىلىك كادىرلار ئىچىدە قاتتىق تەلەپ قۇيۇلغان.
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورلۇققا قارشى قەسەمياد يىغىنى ئاچقان.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ سىكرىتارىنى قاراقاش ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىدىن خەۋەرسىز قالغان، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمىگەن دەپ ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىغان.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك كادىرلار يىغىننى ئاچقان. يىغىنىدا قاراقاش ۋەقەسىدىن كېيىن كېلىپ چىققان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۇرتىغا قېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارغا ئىدىيە خىزمەت ئىشلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇقىملىقنى قوغداش تېلېفۇن يىغىنى ئاچقان. يىغىنىدا قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش، يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق خىزمىتىنى ئىشلەش، دىننىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چېگرادىن بىرەرسىنىڭمۇ چىقىپ كېتەلمەسلىك ۋە كىرەلمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نۇقتىلىق ئائىلىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلار مەركەز قىلىنغان.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنى مەركەز قىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى كەڭ -كۆلەملىك باشلىغان.