دېھقان بىلەن يىلاننىڭ يېڭى ھېكايىسى
چوغلۇق
بالىلىق چاغلىرىمىزدا دەرسلىك كىتابلىرىمىزدا <دېھقان بىلەن يىلان>ناملىق بىر مەسەل بولىدىغان. بۇ مەسەل بەلكى 70-، 80 – يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدە ئۇچرايدۇ. كېيىنكىلەرنىڭ دەرسلىكىدىمۇ بار ياكى يوقلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بۇنىڭدىكى ۋەقەلىكتە، بىر دېھقان يولدا كېتىۋېتىپ، بىر يىلانغا ئۇچراپ قالغانلىقى، يىلاننىڭ سوغۇقتىن توڭلاپ، تۈگۈلۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنى قوينىغا سېلىپ، ئۆز ھارارىتى بىلەن قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلغانلىقى، ئەمما يىلاننىڭ ئەسلىگە قايتىشى بىلەنلا دېھقاننى چېقىپ ئۆلتۈرگەنلىكىدەك كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىبرەتلىك بىر ۋەقە تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ۋەقەلىكنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا سىياسەت سەھنىسىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقى بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ……
ھەممىمىزگە ئايان، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا – خىتتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئاجايىپ ئىشلار كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئەسلىدىمۇ ئامېرىكا – خىتتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن قىزىقىۋاتقان دۇنيا خەلقلىرى، يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن ئامېرىكا بىلەن خىتتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق باھا بېرىشتە مەڭدەپ قالدى. ترامپنىڭ خىتتاي سەپىرى، دەسلەپتە بىزگە ترامپنىڭ خىتتايغا سېتىلغانلىقى ھەققىدە گۇمانىمىزنى قوزغىغان بولسا، ترامپنىڭ خىتتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا بولغان ماختاش ۋە ئۇچۇرۇشلىرى بۇ گۇمانلىرىمىزنى چېكىگە يەتكۈزۈپ، خىتتاي كوممۇنىست ئىدىيىسىنىڭ ئامېرىكىدەك دېمۇكراتىك بىر دۆلەتكە سىڭىپ كىرىشى خەلقئارا قائىدە – قانۇنىيەتلەرنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە سەۋەب بولۇپ، <خىتتاي ئەمدى دۇنيانىڭ خوجىلىق ئورنىغا چىقىپ قالامدۇ نېمە؟> دېگەندەك ئەندىشىلەرنى قوزغاشقا سەۋەب بولدى.
ئەسلەپ باقايلى، ترامپ ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنت سايلىمىدا ھېلارى كېلىنتون ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزدېنتى بولغىنىدا، خىتتاينىڭ بۇ يېڭى پرېزدېنتقا نىسبەتەن < ترامپ پەقەت بىر تىجارەتچى، تىجارەتچى بولغانىكەن ئۇ پۇل – مالنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. بەلكىم ترامپ خىتتاي ئۈچۈن ئامېرىكىنى بويسۇندۇرۇشتىكى ياخشى بىر قورال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!> دېگەن قاراشتا بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن بولۇپ، بۇ قىياسىمىزنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇنغا قالمايلا، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ترامپ كارخانىسىنىڭ جۇڭگودىكى 140نەچچە تۈرلۈك ماركىسىنىڭ ئەنگە ئېلىنىشىنى تەستىقلىشىدىن ھېس قىلالايمىز . ترامپنىڭ خىتتاي سەپىرىمۇ خىتتاي تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن بېيجىڭدىكى قەدىمىي پادىشاھ ئوردىسى(گۇگۇڭ سارىيى)دا كۈتۈلۈش، پادىشاھلارچە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولۇشتەك ئالاھىدە كۈتۈشلەرگە مۇيەسسەر بولدى. خىتتاي كوممۇنسىت پارتىيەسىنىڭ دېپلوماتىيە تارىخىدا چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرىنى بېيجىڭ خان سارىيىدا كۈتۈۋېلىش ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن ئىش بولۇپ، بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ پرېزدېنت ترامپ ۋە خانىمىنى بېيجىڭ خان سارىيىدا كۈتۈۋېلىشى ۋە بۇ يەردە خىتتاينىڭ ئەنئەنىۋىي سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندۇرۇشى، پادىشاھلارچە كۈتۈلۈش ئىمتىيازى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇنداق ئالاھىدە ئىمتىياز پەقەت ترامپقىلا بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئىش ھەتتا ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئەرباپلارنىڭمۇ ترامپنى <خىتتايغا سېتىلدى!> دەپ پەرەز قىلىشلىرىغا سەۋەب بولغانىدى.
ئۇنداقتا ترامپ زادى قانداق بىر ئادەم؟
ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەققىدە نۇرغۇن ئوخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق دۆلەت ستراتېگىيە مەسلىھەتچىسى، يەنى <دۆلەت ئۇستازى> دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ستىفېن باننوننىڭ ياپونىيىدە تۇيۇقسىز خىتتايغا قارشى سۆزلىگەن نۇتقى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا – خىتتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان قاراشلىرىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. ستىفېن باننون ياپونىيەدىكى نۇتقىدا خىتتايغا پۈتۈنلەي پاسسىپ قاراشتا بولغان بولۇپ، خىتتاينى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك دۆلەت دەپ ئاتىغان ۋە ھازىرقى خىتتاينى 1930 – يىللاردىكى گېرمانىيە بىلەن ئوخشىتىپ، خىتتاي كوممۇنىست ئىدىيىسىنى ئامېرىكا جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئامېرىكىدەك يۈكسەك دېمۇكراتىيىگە ئىگە بولغان قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنى يوقىتىش غەرىزىدە بولغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا – خىتتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسلىدىكى <ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى>گە پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئېنىقلىما بېرىپ دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى.
ستىفېن باننون ئەينى ۋاقىتتىكى پرېزدېنت سايلىمىدا ، ترامپنىڭ پېرېزدېنتلىققا سايلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان مۇھىم شەخس بولۇپ، گەرچە ئېرقچىلىققا تاقىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ۋە ئۆزىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ترامپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.
ئۇنداقتا ستىفېن باننون نېمە ئۈچۈن خىتتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى ئېنىقلىما بەردى؟ بۇ ھەقتە بىز تۆۋەندە ستىفېن باننون ھەققىدە كىچىككىنە توختىلىمىز:
ستىفېن باننون دېڭىز ئارمىيىسى گېنىرالى بولغان مەزگىلىدە، خىتتاي دۆلىتىنىڭ كلاسسىك ئەسىرى <سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى>نىڭ قىزغىن ھەۋەسكارى ئىكەنلىكى ۋە بۇ كىتاب ئۈستىدە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە مەتبۇئاتلاردا خەۋەرلەر تارقالغان. بىزگە مەلۇم بۇ كىلاسسىك ئەسەر ئىقتىساد، سىياسەت ۋە ھەربىي ئىشلار ھەققىدىكى ئومۇمىي ستراتېگىيە ئۈستىدە، 36 تەدبىر شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، 36 تەدبىر خىتتاينىڭ قەدىمكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە شەكىللەنگەن. ئاساسلىغى 7 كۈچلۈك بەگلىك دەۋرىدە، 3 پادىشاھلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۇرۇش مەيدانىدا قوللىنىلغان ئۇرۇش تەدبىرلىرى بولۇپ، يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان ھەربىي ئالىملاردىن سۈنۋۇ، سۈنبىنلار ”سۈنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى“، «سۈنبىننىڭ تەدبىرلىرى» دېگەن ئەسەرگە خاتىرىلەپ قويغان. بۇ دەۋردىكى ھۇقۇقپەرەسلەر بىر – بىرىدىن پادىشاھلىق تالىشىپ خەلقنى رەھىمسىز ئۇرۇش سېپىگە سۆرەپ كىرگەن، سانسىزلىغان خەلق ھوقۇق – مەنپەئەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.
بۇ ئەسەر ھازىرمۇ خىتتايدىكى ھەربىي مەكتەپلەردە مەخسۇس دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدۇ. ستىفېن باننون بەلكىم مۇشۇ كىتابنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك ئامېرىكا – خىتتاي مۇناسىۋەتلىرىدە خىتتاينى ياخشى تەھلىل قىلىپ، <سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى>گە ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلىرىغا ئومۇملاشتۇرۇپ ستراتېگىيلىك پىلان تۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. بىز ستىفېن باننون ئۇسلۇبىنى خىتتاي خەلقىنىڭ<زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش> دېگەن نەقىلىگە يىغىنچاقلىساق تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىشىمىز مۇمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا ستىفېن باننون خىتتاينىڭ 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن خىتتايدا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولغان ۋە بۇ جەرياندا خىتتاينىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىشەن بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ كۆرۈشۈش خىتتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا ئالاھىدە غولغۇلا قوزغىغان ئىدى. چۈنكى خىتتايدىن ئامېرىكىغا قېچىپ كېلىپ، پاناھلىق تىلىگەن ۋە بۇ يىل يانۋاردىن تارتىپ خىتتايدىكى چېرىكلىك ۋە خىتتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىگە بولغان تەسىرى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىگە قاراتقان كوممۇنىست ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈش پىلانى، شۇنداقلا ئامېرىكىنى يوقىتىش، دۇنياغا خوجا بولۇش غەرىزى قاتارلىق نۇرغۇن جىنايەتلىرىنى پاكىتلار بىلەن دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىپ كەلگەن گو ۋېنگۈي ئەپەندىم، ۋاڭ چىشەن ھەققىدە ئالاھىدە پاش قىلىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ۋاڭ چىشەن ۋە ۋاڭ چىشەن جەمەتىنىڭ بارلىق سەتچىلىكلىرى، ئامېرىكىدىكى بايلىقلىرى، خىتتايدىكى پارىخورلۇق قىلمىشلىرى، خىتتاينىڭ دۆلەت خەزىنىسىنى قانداق قىلىپ قۇرۇقدىغانلىقى، ۋاڭ چىشەننىڭ خىتتاي ھاكىمىيىتىدىكى رولى ۋە تەسىرى شۇنداقلا جياڭ زېمىن جەمەتى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان بولۇپ، ستىفېن باننوننىڭ خىتتاي سەپىرىنىڭ دەل مۇشۇ پەيتكە توغرا كېلىشى شۇنداقلا ، ۋاڭ چىشەن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشى، كۈزەتكۈچىلەردە ئوخشىمىغان پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى. لېكىن تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى، ستىفېن باننوننىڭ خىتتاي سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپلا گو ۋېنگۈي ئەپەندىمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇشى ۋە گو ۋېنگۈي ئەپەندىم بىلەن ئىزچىل قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. مۇلاھىزىچىلەر ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە توختىماستىن ھەر خىل تەھلىل ۋە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. ئۇنداقتا ستىفېن باننوننىڭ ۋاڭ چىشەن ۋە گو ۋېنگۈي بىلەن كەينى – كەينىدىن كۆرۈشۈشتىكى مەقسىتى نېمە؟ ئۇ زادى نېمە قىلماقچى؟
بىز ئەلۋەتتە ستىفېن باننوننىڭ خىتتاي سەپىرىدىن كېيىنكى ۋە بۈگۈنگىچە بولغان پائالىيەتلىرىدىن، يۇقىرىدىكى سوئاللىرىمىزغا بىر ئاز بولسىمۇ جاۋاب تاپالىشىمىز مۇمكىن.
ئامېرىكا پرېزدېنتى ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا – خىتتاي مۇناسىۋەتلىرىگە چوڭ بۇرۇلۇش ئېلىپ كەلدى. يەنى بۇ خىل بۇرۇلۇش ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن بىر قانچە ئون يىلىدا <خىتتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلسىلا خىتتاي جەمئىيىتى ئۆزلىكىدىن دېمۇكراتىك تۈزۈمگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ> دېگەن قاراشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، خىتتاينىڭ ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ بۇ ياخشى نىيىتىگە <زەھەرلىك قولى> بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى پۈتۈنلەي تونۇپ يەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك.
ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان خەلققە بەرگەن ۋەدىسىنى بىر – بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدى. دېمەك ترامپ ھازىر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك قىلاتتى.
ستىفېن باننون مۇنداق دەيدۇ، ئامېرىكا بىلەن خىتتاي ئارىسىدا ھەر يىلى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا پەرقى يۈز بېرىدىغان بولۇپ، خىتتاي ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قىممەت يارىتالايدىغان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن ۋە ئامېرىكىنى پەقەت خىتتايغا خام ئەشيا تەمىنلەيدىغان قوشۇمچە دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئاۋۋالقى بۇش ۋە كلىنتون ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن غەرپ دۇنياسى خىتتاينىڭ قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن دېمۇكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. پرېزدېنت ترامپ بىلەن سايلام رىقابىتىگە قاتناشقا ھېلارى كلىنتونمۇ دەل مۇشۇنداق دېگەن. ئەمما رېئاللىقچۇ؟ رېئاللىق دەل بۇنىڭ ئەكسىچە!
ستىفېن باننون يەنە مۇنداق دېدى: خىتتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈندىن – كۈنگە يۈكسەلدى. ئەمما ئۇنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى بارا – بارا مۇستەبىتلىككە قاراپ تەرەققىي قىلدى! خىتتاي خەلقئارادىكى ئەركىن كاپىتال بازىرىنىڭ قائىدىسىگە بويسۇنماي، ئامېرىكىنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلىرى بىرلىكتە بارلىققا كەلتۈرگەن خەلقئارا تەرتىپكە قارشى چىقتى. دېمەك، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيىتى. يەنى، تارىختىن بۇيانقى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەتنىڭ بىرى!
ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكىنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئاتلاندى! ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتتاينىڭ كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان، چۆچۈتىدىغان، قاپ يۈرەك، ياۋۇز <دۇنيانى يۇتۇۋېتىش>تەك يامان نىيىتىنى ۋەيران قىلىش يولىنى تاللىغاندەك قىلاتتى. ئەلۋەتتە ئامېرىكا خىتتايغا قارىتا كېلىشتۈرۈش سىياسىتىنى قوللانسا ئىشلارنىڭ 20 -ئەسىردىكى تراگىدىيىلەرگە قايتا باشلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. دېمەك ھازىر قاتتىق قوللۇق بىلەن تاللاش قىلىدىغان پەيت بولۇپ، ترامپ بولسا شاھمات تاختىسىدىكى بۇ مۇرەككەپ ئويۇندا، ھەر بىر ئۇرۇقنى ئاۋايلاپ ۋە ئەقىل بىلەن يۆتكەشكە تىرىشىۋاتقاندەك تۇراتتى.
ستىفېن باننوننىڭ دېيىشىچە، پرېزدېنت ترامپ ئەزەلدىن ئامېرىكىنى يالغۇز قالدۇرۇش ياكى دۇنيا سەھنىسىدىن چېكىندۈرۈش تەرەپدارى بولمىغان ھەم ئۇنداق سۆزنىمۇ قىلمىغان. ترامپ تىلغا ئالغان <ئامېرىكا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ>دېگەن قارىشىنىڭ مەنىسى بولسا، ئامېرىكا ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلدا دۇنيا بىلەن ئالاقە باغلاش، ئامېرىكىنىڭ شەرتى ئاستىدا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان دائۇس قاتارلىق تەشكىلاتلاردەك بولۇشنى نىشان قىلمىغان.
خىتتاينىڭ ئىزچىل ھالدا خەلقئارادىكى سىياسىي ئەربابلارنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر بىلەن ئۆزىگە قارىتىشى ۋە بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن مەقسەتلىرىگە يېتىۋاتقانلىقلىرى بىزگە سىر ئەمەس. ئەگەر غەربتىكى سىياسىي ئەربابلار ئۆز نەپسىگە قۇل بولماي، خىتتاينىڭ ياۋۇز نىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن كۈزەتكەن بولسا، كوممۇنىست ئىدىيىسىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك يامرىشىغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئېنىق چۈشەنچىگە ئېرىشكەن بولاتتى. خېلى بۇرۇنلا كانادانىڭ پارلامېنت ئەزاسى روبېرت ئاندېرس ئۆزىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق، خىتتاينىڭ غەربنىڭ سىياسىي ئەربابلىرىغا پارا بېرىش، بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان. ئۇ يەنە خىتتاينىڭ ئاساسلىق ئىش قىلىش ئۇسۇلى سىياسىي ئەربابلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىش ، پۇل بىلەن قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتتاينىڭ قاپقىنىغا دەسسەتكەندىن كېيىن بۇ كىشىلەر ئارقىلىق ئاجايىپ ئۈنۈملەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. روبېرت ئاندېرس يەنە ، غەربنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى ئەسلىدە خىتتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈدىغان بولۇپ، خىتتاينىڭ يۇقىرى سوممىلىق پارا بېرىشى ۋە ھەر خىل مەنپەئەتلەر بىلەن قىزىقتۇرۇشى نەتىجىسىدە ، پۇل بىلەن ۋىجدان ۋە غورۇر ئالدىدا يەنىلا مەنپەئەتنىڭ مېھرىدىن ۋاز كېچەلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
غەرپ، خىتتاي ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلسا، خىتتايدا ئۆزلىكىدىن زەردارلار سىنىپى شەكىللىنىدۇ، بۇ زەردارلار ھاكىمىيەتتىن ئۆزىگە ئۈلۈش تەلەپ قىلىپ سىياسىي ھاكىمىيەتكە بېسىم قىلىشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە خىتتايدا قان تۆكۈلمەستىن سىياسىي ئۆزگۈرۈش پەيدا بولىدۇ دەپ قارىغانىدى. ھالبۇكى، خىتتايدا شەكىللەنگەن زەردارلار تەبىقىسى خىتتاي كوممۇنىست ھاكىمىيەت يۆلەپ چىقارغان، ھاكىمىيەتنىڭ سايىسىدا باي بولغانىدى. شۇڭا ئۇلارمۇ مەنپەئەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى باي قىلغان ھاكىمىيەتنى قوللاپ كەلدى. ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ھاكىمىيەتكە بولغان چۈشەنچە پەرقى بۇ خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانىدى.
دېمەك، غەربنىڭ خىتتايغا قىلغان شاپائىتى خىتتاينى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن بىرگە دۇنياغا غايەت زور بىر ئاپەت خاراكتېرلىك يالماۋۇزنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان! ئەمما تارىختىن بۇيان جاھالەت ھامان ئادالەتكە باش ئەگكەن بولۇپ، دېھقان بىلەن يىلاننىڭ ھېكايىسى ئامېرىكا شۇنداقلا، جاھالەتكە قارشى بارلىق كۈچلەر تەرىپىدىن قايتا يېزىلىدىغانلىقى ئېنىق!
پايدىلانغان مەنبەلەر:
https://www.voachinese.com/a/news-redefining-china-threat-20171218/4168633.html
http://www.epochtimes.com/gb/17/2/9/n8793591.htm
https://www.youtube.com/watch?v=P8wR2EFtAdg
https://www.youtube.com/watch?v=MuAMcjDqHj8&feature=youtu.be