د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى، 23-مارت كۈنى شېۋىتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى.
ئىگەللىشىمىزچە، سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى 23-مارت شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇر كومىتىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن 26-مارت كۈنى شېۋىتىسيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نەۋرۈزغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كومىتېنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە مۇھىم سوھبەتلەردە بولغان.
24-مارت كۈنى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شىۋىتىسيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ تەكلىۋى بىلەن سۇتۇق بۇغرا مەسچىتىدە زىيارەتتە بولغان ھەمدە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەر ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.