دەرۋازا ئۇرۇلغاندا
(بىر يۇتۇم ھېكايە)
ئاپتورى: گۈلشەن ئابدۇقادىر.
سەھەر دەرۋازا ئۇرۇلدى. يالغۇز ئانا كۈندىكى ئادىتى بويىچە، ئورنىدىن تۇرۇپ سۈت قاچىسى قويۇلغان شىرە تەرەپكە قاراپ ماڭدى. بۇ ئەسنادا سۈتچىنىڭ سۈت -سۈت دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئانا سۈت قاچىسىنى كۆتۈرگىنىچە، دەرۋازا ئالدىغا چىقتى. ئانا بۇ مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. ھەر كۈنى سەھەردە سۈتچىنىڭ دەرۋازىلارنى تەكشى ئۇرۇشى بىلەن تەڭ، بۇ مەھەللىدىكى خوشنىلار سۈت باھانىسىدا دىدارلىشاتتى ۋە ئانچە مۇنچە ھال ئەھۋال سورۇشۇپ يىراق يېقىندا بولغان ۋە پۈتكەنلەر، توي -تۆكۈن، نەزىر -چىراغلاردا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە كۇسۇلدىشىپ، ئاياللىق ئىچ پۇشۇقلىرىنى چىقىرۋېلىشاتتى. ئانىنىڭ يان خوشنىسى، چەتئەلدىكى ئوغلىنىڭ ئەتە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئانىنىڭ ئىچ، قانداقتۇر سېغىنىش ۋە ھەر خىل سوئاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ۋىللىدە قىلغان بىر خىل يېرىمچىلىقتىن تىترىگەندەك بولدى -دە دەرھال يەنە ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، بەلكىم مېنىڭ ئوغۇللىرىمنىڭ ۋەتەنگە كېلىدىغان شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەندۇ-ھە،دېدى خوشنىلىرىغا چاندۇرمىغان ھالەتتە ئۇھ تارتىپ.
ئانىنىڭ دەرۋازىسى پەقەت 2 كىشى تەرىپىدىن كۆپ ئۇرۇلۇپ تۇردى. بۇنىڭ بىرى سۈتچى يەنە بىرى پوچتىكەش ئىدى. ئەمما ئانىنىڭ يان خوشنىسىنىڭ دەرۋازىسى ئۇنىڭ ھەر يىلى چەتئەلدىن كېلىدىغان بالىلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئۇرۇلۇپ تۇردى. بۇنداق چاغلاردا، يان خوشنىسىنىڭ قورۇسىدىن چىقىدىغان ئانا-ئوغلۇم دېگەن ھاياجانلىق ئاۋازلار ئانىنىڭ قورۇسىغا ئۇچۇپ كىرەتتىدە، ئانىنىڭ يىراق چەتئەلدىكى ئوغۇللىرىغا بولغان سېغىنىش ئوتلىرىنى ۋە پىغانلىرىنى ئاشۇراتتى. يىللار ئۆتتى كەچتى. يان خوشنىسىنىڭ دەرۋازىسى ھەر يىلى ئۇرۇلۇپ، ئايىغى ئۈزۈلمىگەن پەتىچىلەر، خوشال ئاۋازلار ۋە كۈلكىلەر بىلەن جانلىنىپ تۇردى. ئەمما ئانىنىڭ دەرۋازىسى تىمتاس. ئانا دەرۋازىسىنىڭ سۈتچى ۋە پوچتىكەشتىن باشقا ئادەملەر تەرىپىدىن ئورۇلۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە .چۈنكى ئانىنىڭ 4 ئوغلى چەتئەلدە. بۇ يىل ياز كېلىپ قىزىل گۈللەر ئېچىلىپ، تەبىئەت گۈزەل تۈسكە كىرگەن مەۋسۈمىدە، يان خوشنىسىنىڭ دەرۋازىسى يەنە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئوغلى يەنە كەلدى. يان خوشنىسىنىڭ قورۇسى يەنە ئاۋاتلاشتى. بۇ قېتىم ئانا چىداپ تۇرالمىدى. ھاسىسىغا تايىنىپ، پېشايۋان پەلەمپەيلىرىدىن بىرمۇ-بىر ئاتلاپ چۈشۈپ، يان خوشنىسىنىڭ قورۇسىغا كىردى. قورۇ ئەر-ئاياللار، ياشلار ۋە ياشانغانلار بىلەن لىق تولغان ئىدى. كىشىلەر چەتئەلدىن كەلگەن بۇ زىيالىنى ئورۇۋېلىشىپ. ئۇنىڭ چەتئەل ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىنى تىڭشىماقتا ئىدى. ئانىنىڭ چىرايى ۋە كەيپىياتىدىن، بىر نەرسىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان جامائەت ئورۇنلىرىدىن ھۆرمەت بىلەن تۇرۇشۇپ ئانىغا سالام بەردى ۋە ئولتۇرۇشقا ئورۇن كۆرسەتتى. ئەمما ئانا چەتئەلدىن كەلگەن بۇ يىگىتنىڭ قارشىسىدا تىكىلىپ تۇرۇپ، ئېيتقىنا نېمە ئۈچۈن سەن ھەر يىلى كېلىسەن ئەمما، مېنىڭ ئوغۇللىرىم كېلەلمەيدۇ؟ دېدى. قورۇ ئىچىنى جىمجىتلىق ۋە سۈكۈنات قاپلىدى. چەتئەلدىن كەلگەن بۇ يىگىتمۇ يەرگە قاراپ جىم تۇردى. ئانىنىڭ سوئالى جاۋابسىز قالدى. چۈنكى ھېچكىم بۇ سوئالغا بىلسىمۇ جاۋاپ بېرەلمەيتتى. ھەقىقەت شۇكى يان خوشنىسىنىڭ ئوغلى، بارسا كېلىدىغان يولغا، ئانىنىڭ 4 ئوغلى بارسا كەلمەس يولغا مېڭىشقان ئىدى.
ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ مەھەللىگە مۇخبىرلار يېغىپ كەتتى. گېزىت، رادىئو ۋە تېلۋىزورلاردا، چەتئەلدىن كەلگەن بۇ زىيالىينىڭ ئىش ئىزلىرى، چەتئەللەردىكى ئوقۇش خىزمەت ۋە ئۈگۈنۈش مەسىلىلىرى تونۇشتۇرۇلغان كۆپلىگەن پروگراممىلار، ماقالىلار ۋە تونۇشتۇرۇشلار بېرىلدى. زىيالىي چەتئەللەردىكى مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە مەيدانى ئېنىق ھالدا قارشى تۇرۇپ، ۋەتىنى ۋە خەلقىنى دەپ، چەتئەلدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن ۋاز كەچكەن تۆھپىكار ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي دەپ تونۇشتۇرۇلدى. ئانا تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈپ، رادىئونى ئېچىۋىدى يان خوشنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن بالا تەربىيىلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردىم………ئانا مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
ئانىنىڭ 4 ئوغلى بىلەن يان خوشنىسىنىڭ ئوغلى، بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان. ئوخشاش بىر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىغان شۇنداقلا داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىمۇ ئوخشاشلا ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرۈشكە ئىدى. يان خوشنا بىلەن ئانا ئوتتۇرسىدىكى بالا تەربىيىلەش پەرقى بولسا، بىرى تاجدارلار تاجىنىڭ كۆزى قىلىپ تەربىيىلىگەن، يەنە بىرى بولسا كۆكلەم يامغۇرنىڭ بىر تامچىسى قىلىپ تەربىيىلىگەن ئىدى. ئانىنىڭ كۆكلەم يامغۇرنىڭ بىر تامچىسى بولۇشنى نىيەت قىلىپ ۋەتەندىن كەتكەن ئوغۇللىرى بولسا، ئانا ۋەتىنىگە ھەقىقى بىر باھار يامغۇرى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن چەتئەللەردە كۈرەش قىلماقتا ئىدى.
ئەتىسى سەھەردە ئانىنىڭ دەرۋازىسى ئەنسىز ئۇرۇلدى. ئانا بۇنىڭ سۈتچىنىڭ دەرۋازا ئۇرۇشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. ئانا ئەنسىزلىك ئىچىدە بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ بېرىپ دەرۋازىنى ئاچتى. بىز بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى، سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان گەپ بار، دەرھال بىز بىلەن كېلىشىڭىز كېرەك دېدى باقىت ئاتلىق بۇ ئادەم ئانىغا قوپاللىق بىلەن ئانا ماشىنىغا سېلىنىپ شەھەردىن يىراق بىر خىلۋەت مېھمانخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. ئوغۇللىرىنىڭ چەتئەللەردە مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئانا ئوغۇللىرىغا خىزمەت ئىشلەپ ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە قايىل قىلالىسا، يان خوشنىسى كۆرۈۋاتقان ئەۋزەللىكلەردىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.70 ياشلىق ئانا بىلەن بىخەتەرلىك خادىملىرى ئوتتۇرسىدىكى سۆھبەت سائەتلەرچە داۋام قىلدى. ئاخىرى ئۇلار ئانىنى تېلېفوندا كۆرۈشتۈردى ۋە ئوغۇللىرىنى تېلېفۇن ئارقىلىق قايتىپ كېلىشنى بۇيرۇشقا قىستىدى، ئانا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرسىدىكى سۆھبەت ئۈنئالغۇغا ئېلىنىپ تۇرۇلدى.
ئوغۇل بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتتى..
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئوغلۇم.
-ۋۇي-ۋۇي، ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئانا، سەن تېلېفۇن قىلىپ قاپسەنغۇ؟ قانداق بىر ئىش بولدىمۇ؟
-ياق، ئوغلۇم ھىچ ئىش بولمىدى، ئۆزەم شۇ سىلەرنى سېغىنىپ تېلېفۇن قىلغان، قانداق 2 ئاكاڭ ۋە ئۇكاڭنىڭ ئەھۋالى ياخشىمۇ؟ -ياخشى ئانا بىز ياخشى تۇرۇۋاتىمىز، ئۆزەڭچۇ ئانا، ئۆزەڭنىڭ سالامەتلىك قانداق؟
-مەن ياخشى بالام-ئەنسىرىمە.
-ئانا ئاۋازىڭ تىترەپ كېلىۋاتىدىغۇ بىر ئىش بولدىمۇ؟
ئوغۇل ئانىنىڭ تۇيۇقسىز تېلىفۇنىدىن شۇنداقلا تىترەپ كېلىۋاتقان ئاۋازىدىن بىر نەرسىدىن گۇمانلانغاندەك بولدى.
-ياق ئوغلۇم ھىچ ئىش بولمىدى. مەن ياخشى……….. ئاناڭنىڭ سۆزىنى تىڭشا بالام.
-بولىدۇ، ئانا سۆزلەڭ .
ئانا سۆزلەشكە باشلىدى.
-كېلىدىكەن يىراق كەتكەنلەر بالام ئەمما، كەلمەيدىكەن كەتمەنلەڭەنلەر بالام. سەنمۇ ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىسەن، ئۇ كۈنلەر كەلگەندە مەن يوق بولىمەن تايىنلىق. ياتلار سېنى بۆلگۈنچى دېيىشىۋاتىدۇ ئەمما سەن ئانىنىڭ قەلبىدە بىر ھەققانىيەتچىسەن. ياتلار سېنى تېرورچى دېيىشىۋاتىدۇ، ئەمما ئانا قەلبىدە سەن بىر ئەركىنلىك جەڭچىسى. ئادەم ئۇ ھەممىمىز، ئۆلۈپ تۈگەيمىز ئوغلۇم؛ پەقەت ۋە پەقەت ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك ئۆلمەيدۇ.دۇنيانى چۆگلىتىدىغىنى يەنىلا ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك بالام. خەير بالام تېلېفوندا قىسقا سۆزلىشىشكە مەجبۇرمەن. كۆرۈشەلمەي قالساق سېنى ئۇلۇغ ئاللاغا تاپشۇردۇم. ۋەتەن ۋە خەلقىڭگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمىغىن بالام. ھەق-ناھەق ئالدىدا سۈكۈتنى تاللىما بالام. ئانا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئانىنىڭ بىردىن -بىر بار بولغان ئۆي تەئەللۇقاتى تېلېفۇنىمۇ تاقالدى. ئۆيلىرى بىرقانچە قېتىم ئاختۇرۇلدى. ئانا پاراكەندىچىلىككە مۇپتىلا بولدى. ئانا بىر قانچە قېتىم قايتا سوراق قىلىندى. بالىلىرىغا قىلغان سۆزلىرى ئۈچۈن پۇشمان قىلىپ تۆۋەنامە يېزىشقا قىستالدى. ئانا ئالدىدىكى قەلەم ۋە قەغەزلەرنى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ يۈزىگە ئاتتى. ھاسا تايىقىنى ئۇلارغا شىلتىپ تۇرۇپ مۇنازىرىلەشتى.
شۇندىن كېيىن ،سۈبھى تاڭغا يېقىن ئانىنىڭ دەرۋازىسى يېنىك ئۇرۇلىدىغان بولۇپ قالدى. ئانا دەرۋازىنىڭ ئۇرۇشلىرىدىن ئۇنىڭ خەيرلىك ياكى خەيرسىز ئىش ئۈچۈن ئۇرۇلۇۋاتقانلىغىنى سېزىۋالاتتى. سەگەك ئانا دەرۋازىنىڭ ئاستا ئۇرۇلۇشىدىن ئويغۇنۇپ كىمۇ دەپ ۋارقىرىدى قارشى تەرەپتىن جاۋاپ كەلمىدى. ئانا بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ بېرىپ دەرۋازىنى ئاچتى. دەرۋازا ئالدىدا ھېچكىم يوق، ئەمما يەردە بىر دەستە گۈل، ئۇن، گۈرۈچ ۋە بىر تۇڭ ماي دىگەندەك نەرسىلەر تۇراتتى. ئانا گۈلنى قولىغا ئېلىپ پۇرىدى. سەھەردىكى خۇشپۇراق گۈل ھىدى ئانىغا ھۇزۇر بەردى. شۇ تاپتا ئانىنىڭ قولىغا بىر باغاقچە ئۇرۇلدى. ئانا باغاقچىنى ئاچتى باغاقچىدا، ئانا 4 ئوغلۇم چەتئەلدە دەپ قايغۇرما ،بىز سېنىڭ ئوغۇل قىزلىرىڭدۇرىمىز دەپ يېزىلغان ۋە سېنىڭ قوغدىغۇچىلىرىڭ دەپ ئىمزا ئېتىلگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن ئانىنىڭ دەرۋازىسى سۈبھىگە ئۇلىشىپ داۋاملىق يېنىك ھالدا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان بولدى. ئانىنىڭ ئۆيى گۈل باغچىسىغا ئايلاندى. ئانىغا تاماق ئېتىپ بېرىش، ئۆي تازىلاپ بېرىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى . ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ مەھەللىدە ساقچىلار، قوغدىغۇچىلار ۋە ئاساسى قاتلامنىڭ ئاكتىپلىرىمۇ يېغىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئانىنىڭ ئۆيىگە قارىتا كېچە -كۈندۈز 24 سائەت نازارەت قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.روھى مەسىلىلەرگە سىياسى تەدبىرلىرى كار قىلماس. نامسىز كىشىلەر بۇ قېتىم ئانىغا بولغان كۆڭۈل ئەشيالىرىنى بىرقانچە قورولاردىن ئاتلاپ، تاملاردىن تاشلاپ بېرىشكە باشلىدى. ئانا سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىسىغا چىققاندا، تام -تاملاردىن تاشلانغان خەلقىنىڭ يۈرەك سوۋغىلىرى بىلەن قارشىلاشتى. كىچىك-كىچىك باغاقچىلارغا يېزىلغان، ئانىغا ئۈمىت ۋە جاسارەت بەرگۈچى سۆزلەرنى ئوقىغان ئانىنىڭ يۈزىدە خوشاللىق ئالامەتلىرى جىلۋە قىلاتتى. باغاقچىلارنىڭ بىرىگە شۇنداق يېزىلغان ئىدى.خەلق كىملەرنى بېشىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ، كىملەرنى يەرگە ئۇرۇشنى بەك ياخشى بىلىدۇ.خەلق ئارقىڭىزدا ئامان بولۇڭ ئانا. بىر كۈز كېچىسى، ئالما-تاشئالما يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ يەرگە چۈشكەن، ئەڭ ئاخىرقى بىرقانچە تال تاشئالما يوپۇرماقسىز شاختا، كۈز شەبنىمى بىلەن ئاشىق -مەشۇق بولۇشۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئانا ئاللانىڭ ھەققى رەھمىتىگە ئېرىشتى. شەھەر خەلقى قوزغىلىپ كەتتى. كىشىلەر توپى ناگان-ناگاندا سۈتچى ۋە پوچتىكەش تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ قالىدىغان بۇ دەرۋازىغا قاراپ ئاقماقتا ئىدى. ئۆلۈمگە كەلگەنلەر ئۈستىلىرىگە، ھاۋارەڭ كاستۇم، ئاياللار ھاۋا رەڭ ياغلىق، ياشلار ھاۋارەڭ گالىستۇك تاقىشىپ، باشلىرىغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىشكەن ئىدى. ئانا ئاخىرەتلىكىگە ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ھازىرلاندى. ئۇنىڭغا خەلقى تەرىپىدىن تىكىلگەن ئاق ۋە ھاۋا رەڭ ئارىلاشتۇرۇلغان كېپەنلىك كىيدۈرۈلدى. ئۇنىڭ تاۋۇتىغا ھاۋا رەڭ ئىپپەك رومال يېپىلدى. ئانىنىڭ مېيىت نامىزىغا خەلقتىن بەكرەك ساقچىلار يېغىپ كەتتى. دەپنە مۇراسىمىدىكى ئەھۋاللارنى كۈزۈتۈپ تۇرغان، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى قول ئاستىدىكىلەرگە، نېمە دېگەن جىق ھاۋا رەڭ بۇ؛ بۇنىڭ بىر مەناسى بارمۇ قانداق؟ ئەمما 2-قېتىم روھى مەسىلىلەرگە سىياسىي تەدبىرلەر كار قىلماس ئىدى.
ساقچىلار مېيىتنى ماشىنىغا سېلىشنى كۆپ قېتىم ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىندى. ئانىنىڭ جىنازىسى خۇددى، تەختىراۋاندا شەھەر ساياھىتىگە چىققان پادىشاھتەك، قولدىن قولغا ئېلىنىپ، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى قەبرىستانلىققا قاراپ ئاستا لەپىلدەپ ئۇچماقتا ئىدى. شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن بۇيرۇق كەلدى. مېيىت ماشىنىغا سېلىنسۇن !!!رەت قىلىندى. 3-قېتىم روھى مەسىلىلەرگە سىياسى تەدبىرلەر كار قىلماس. ئانىنىڭ دەپنە مۇراسىمى بۇ شەھەر تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا، ئەڭ داغدۇغىلىق، ئەڭ ئادەم سانى كۆپ بولغان بىر مۇراسىم بولدى. ئانىنىڭ مېيىتى ناھايىتى كاتتا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن ،قولدىن -قولغا ئاستا ئۇلىشىپ، قەبرە ئىچىگە يەرلەشتۈرۈلدى.
دەرۋازا ئۇرۇلدى. بۇ قېتىم ئۇرۇلغىنى زېمىنىنىڭ دەرۋازىسى ئەمەس بەلكى جەننەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە كاتتىسى بولغان جەننىتىي فىردەۋىسنىڭ دەرۋازىسى ئىدى. جەننەت ئەھلى بۇ ھەق ئادالەت پېشۋاسى ئۇيغۇر ئانىنى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قارشى ئېلىشتى.