مەمەت ئەمىن
يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق مەتبۇئاتلاردا خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرىنى توپلاۋاتقانلىق خەۋەرلىرى كەينى – كەينىدىن بېرىلدى. بۇ خەۋەرلەر ئەڭ دەسلەپتە RFA ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن بېرىلگەن بولۇپ، كېيىن خەلقئارا ئىنسان ھەق – ھوقۇقلىرى تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر يازغان. يېقىندا بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر بۇ توغرىسىدا سوئال سورىغاندا، ۋە تېخىمۇ كوپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
http://www.newsweek.com/china-gathering-blood-dna-iris-massive-database-millions-muslim-province-746529
https://www.thenational.ae/world/asia/china-collects-dna-from-muslim-majority-population-in-xinjiang-1.684391
DNA دېگەن نېمە؟
DNA دېگىنىمىز ھاياتلىقنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان ماددا بولۇپ، ھاياتلىقتا بولىدىغان ھەر قانداق تۇغما ئالاھىدىلىك، گېن يەنى DNA بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەر بىر ئىنساننىڭ DNA سىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بولىدۇ، ئوخشىمىغان ئىنسانلارنىڭ DNA سىدا ئوخشىمىغان پەرقلەر بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى ھاياتلىقنىڭ جۈملىدىن، ئىنسانلارنىڭ بىئولوگىيەلىك كىملىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى
دۇنيادا ئەڭ چوڭ DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئامېرىكىدا بولۇپ، 2016 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 16 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ DNA ئۇچۇرلىرى ئارخىپلاشتۇرۇلغان، بۇ ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %4.85 نى ئىگەللەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 12.2 مىليونى جىنايەتچى، 2.6 مىليونى تۇتۇقلانغانلار، 684 مىڭ نەپىرى بولسا جىنايەت نەخ مەيدانىدىن ئېلىنغان ئۆرنەك. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئەنگلىيەدە بولۇپ، ئۇنىڭدا 4.51 مىليون ئادەمنىڭ DNA ئۇچۇرلىرى ئارخىپلاشتۇرۇلغان. ئۇ ئەنگلىيە نوپۇسىنىڭ %7 نى ئىگەللەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جىنايەتچى ۋە تۇتۇقلانغانلار.
مەنبەسى: https://www.nanalyze.com/2016/04/codis-the-worlds-largest-dna-database/
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋەتەندە ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ساغلاملىق تەكشۈرۈش نامى بىلەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 18 مىليون ئادەمنىڭ قان ئۆرنىكىنى، بارماق ئىزىنى ۋە كۆز رەسىمىنى يىققان. ئەگەر ئۇ قان ئۆرنەكلەرنىڭ ھەممىسىدىن DNA تەكشۈرۈلۈپ ئارخىپلاشتۇرۇلسا، ئۇزۇنغا بارماي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئايلىنىشى مۈمكىن.
ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر دۆلەتتە پۈتۈن بىر مىللەت، جىنايەت ئۆتكۈزۈش گۇمانى بىلەن نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىش ئوبيېكتىغا ئايلانمىغان. خىتتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئۆرنەك توپلاشنى سالامەتلىك ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ پۈتۈن خەلقنى “جىنايەت گۇماندارى” قاتارىغا قويۇپ، ئىنساننىڭ بىئولوگىيەلىك كىملىكى بولغان DNA ئۇچۇرلىرىنى توپلىشى، خەلقئارانىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا، ۋە ئۇنى بىر رايون، بىر مىللەتكە قارىتىلغان ھاقارەت ۋە كەمسىتىش قاتارىدا ئەيىبلەشمەكتە. ئەمىلىيەتتە بولسا ھازىر ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز قېنىنىلا ئەمەس، ئەركىنلىكىنى، مېلىنى ھەتتا جېنىنى ئالماقتا.
DNA ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق نېمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟
1. ئەگەر پۈتۈن خەلقنىڭ DNA ئۇچۇرلىرى ئارخىپلاشتۇرۇلسا، ھەر قانداق بىر ئىش يۈز بەرگەندە، نەخ مەيداندىن تېپىلغان ھەر قانداق بىر بىئولوگىيەلىك ئۆرنەك ئارقىلىق، ئۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئادەمنى دەرھال تاپقىلى بولىدۇ.
يۇقىرىقى رەسىمنىڭ سول تەرەپتىكىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن جىنايەت مەيدانىدىن تېپىلغان ئورنەكتىن ئېلىنغان DNA؛ ئوڭ تەرەپتىكىسى 3 گۇمانلىق ئادەمنىڭ DNA سى. گۇمانلىق ئادەم 2 نىڭ DNA سى بىلەن جىنايەت نەخ مەيداندىن تېپىلغان ئورنەكنىڭ DNA سى ئوخشاش. شۇ سەۋەبتىن گۇمانلىق ئادەم 2 نى جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى دەپ ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ.
2. يالغۇز شۇ ئىش / ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەمنىلا ئەمەس، ئۇ ئادەم بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ھەر قانداق ئادەمنى تاپقىلى بولىدۇ.
3. ئىنسانلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ قايسى ئىرققا تەۋە ئىكەنلىگىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىسىنىڭ نەدە ياشىغان ۋە نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
4. تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىنساننىڭ ئىرسىي ئالاھىدىلىكىنى، گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇغما ئالاھىدىلىك ۋە خارەكتىرىنى، كۆپلىگەن يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىكلەرنى، ئۇ كېسەللىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدا ئىپادىلىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى بىلگىلى بولۇشى مۈمكىن.
بىر قىسىم دۆلەتلەردىن ئىرسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغۇچىلار نىسبىتى
http://www.bmj.com/content/333/7573/831
ئۇندىن باشقا ھازىرقى زامان گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق مەلۇم گېننى ئېلىپ تاشلاش، ۋە ياكى مەلۇم گېننى قوشۇپ كىرگۈزۈش، مەلۇم گېننىڭ مەلۇم قىسمىنى كېسىپ تاشلاش ئارقىلىق، ئۇ گېنغا ئازرۇ قىلغان يۆلىنىشتە بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈش مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ تېخنىكىلار ھازىر تېخى تەتقىقات باسقۇچىدا بولۇپ، ئۆسۈملۈك ۋە كىچىك ھايۋانلاردا سىناق تەرىقىسىدە قوللىنىلماقتا؛ ھەر خىل قانۇن – تۇزۇم ۋە ئەخلاق – پەزىلەت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن گېن ئۆزگەرتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار ئادەمدە تېخى قوللىنىلغىنى يوق.
2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۇنى
مەنبە: بىلىپ قېلىڭ مۇنبىرى
https://bilip-qiling.blogspot.nl/2017/12/dna-toghursida-qisqiche-chushenche.html?spref=fb