«ئېلىپبە»دىن ساۋات چىقىرىش يازلىق كۇرسىدا دەرس باشلاندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئارتۇچ بۇغرا شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىن بولغان زەيتۇنبۇرۇندىكى «ئۈمىدۋار» بالىلار باغچىسىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن، «ئېلىپبە»دىن ساۋات چىقىرىش سىنىپى تەسىس قىلىندى.
دەرس 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.
تەتىل ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىلىغا دائىر دەرسلەر داۋاملىق تەسىس قىلىنىدىكەن.
دەرسنى شەرقىي تۈركىستاندا 20يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىغا ئىگە، پېداگوك ۋە مائارىپشۇناس ئۇستازلار دەرس بېرىدىكەن.
كۇرستا ئارتۇچ بۇغرا ھەسسىدارلىق شىركىتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ بازارغا سېلىنغان، يېڭى نۇسخىدىكى ئۇيغۇر تىلى «ئېلىپبە»سى ئاساس قىلىنىدىكەن.