ئاپتوردىن ئىلاۋە:
غەربىي تۈركىستان دېگەندە روسلار قولىدىن ئازاد بولغان تۈرك دىيارلىرى يەنى ”ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان…“ قاتارلىق رايونلارنى كۆزدە تۇتتۇم. ئانا ۋەتىنىمىز ”شەرقىي تۈركىستان“ بىلەن بىر تۇتاش كەتكەن بۇ زېمىنلارنىڭ تارىختا ۋەتىنىمىز بىلەن قوشۇلۇپ ”تۈركىستان“ دىيارى دەپ ئاتالغىنى بىر ھەقىقەتتۇر. دادام رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا، جاللات سىتالىننىڭ تۈرك قەىملىرنىڭ مەڭگۈ بىر يەرگە ئۇيۇشالماسلىغى ئۈچۈن، تارىختىن بۇيان تۈرك قەۋملىرى ئورتاق ۋەتىنىم دەپ بىلگەن بۇ تۇپراقلارغا ”ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، ….ىستان“ دېگەن بۇ تەرىقىدىكى بۆلگۈنچى ئىسىملارنى قويۇپ رىسبوبلىكلارنى تەسىس قىلغىنىنى، ۋە بىزنى خىتتايغا يەم قىلىپ بەرگەنلىگىنى دائىم ئەلەم بىلەن تىلغا ئالاتتى. دادام ئۆزبېكلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بىلەن بىر خەلق ئىكەنلىگىنى قەيت قىلىپ: كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئۆزبېكلەرنى كىشىلەرنىڭ ”ئەنجانلىق“ دەپ چاقىرىدىغانلىرىنى، ”ئۆزبېك“ دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ شۇ چاغلاردا بىر ئايرىم مىللەتنىڭ نامىدەك ئەمەس، خۇددى ئاتۇشلۇق، قەشقەرلىق، غۇلجىلىق دېگەن ئاتالغۇلاردەك تەسىر بېرىدىغانلىغىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى ۋەھالەنكى بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ تۈرك قەۋملىرنىڭ سىتالىننىڭ ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ بىر – بىرىنىڭ ھالىغا يەتمەيۋاتقانلىغىدىن تولىمۇ ئېچىناتتى. مانا ھازىر سىتالىننىڭ بۇ رەزىل سۈيقەستى ئۇ ئۆلۈپ جەسىدى تامام چىرىپ بولغان بۇ كۈندىمۇ ئۆز كۈچىنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. ھەر قېتىم بۇ قېرىنداش تۈرك قەۋملىرىمىزنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتتايلارغا قول چوماق بولۇپ، خىتتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى قانلىق ئاقىۋەتلەرگە گىرىپتار قىلغان خەۋەرلەرنى كۆرگىنىمدە ئەپسۇسلۇق ۋە ئېچىنىش ئىچىدە ياش تۆكىمەن. ئۇشبۇ ۋەجىدىن بۇ شېئىرنى يېزىش ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتتىم.
غەربىي تۈركىستان دىيارىغا مەكتۇپ
ئاپتورى: سەرۋى
ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان دىيارى،
تۈركىستانى شەرقى ئېلى قېرىندىشىڭ مىسالى.
تارىخقا باق چاپتۇر دۇلدۇل مۇتائىلە مەيدانىدا،
تۇپراق تۇتاش، ئەجدادىڭ بىر ئوغۇز سۈتى يىلتىزىڭدا.
پەلەك چەرخى پارچىلىدى تۈركىستان دىيارىنى،
غەربىي، شەرقىي بۆلۈندى ئاھ تۈركىستانى گۈلشەنى.
غەربىي تۈرك دىيارىدا روس بايرىقى ئەزدى جاننى،
شەرقىي تۈرك دىيارىدا خىتتاي دەھشەت چاچتى قاننى.
ھالا بۈگۈن ئۆزبېكىستان، قازاقىستان سىز ئەركىنسىز،
روس بايرىقى جەۋلان قىلماس، تەختىڭىزدە قەددىڭىز.
ئەپسۇس خىتتاي ھاكىم ئىرۇر تۈركىستانى شەرقىدە،
ئەھلى ئۇيغۇر زىندانلاردا، قول – پۇتلىرى ئىشكەللەردە.
ئەھلى تۈركىستانى شەرقىي خانۇ – ۋەيران بەك مەزلۇممىز.
كېلىپ كۆرۈڭ قېرىندىشىم سىز ھەيرەتتە قالارىسىز.
بايلىق ئاقار خىتتاي يۇرتى تامان يۇرتۇم تېگىدىن،
قاراقچىدەك بۇلار خىتتاي بەكمۇ ئاشقان ھەددىدىن.
زىندان تولدى ئۇيغۇر بىلەن، تىلى – دىنى خەۋپتەدۇر،
سىزدەك قانۇ – قېرىنداشتىن ياردەم ئىزدەپ تەلەپتەدۇر.
ئالەم ئىچرە مەزلۇمدۇر بىز، پېقىرلىقتا سەرۋاز بىز،
قېرنىداشچۈن، ئادالەتچۈن قاينىمامدۇ قېنىڭىز.
نىچۈن غىرىپ ئۇيغۇر قاچسا زۇلۇم -ستەم تىغىدىن،
سىز تەرەپكە پاناھ تارتار تېلەپ ياردەم قولىڭىزدىن.
بىلەر ئۇيغۇر ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق قانۇ – قېرنىداش،
تاتار، تۈركمەن بارچە ئەھلى تۈركىستانى تۈركداش.
ئۇشبۇ سەۋەب بىرلە ئۇيغۇر پاناھ تارتار سىزىن تۇپراق،
مىڭ ئەپسۇسكى، سىز بولدىڭىز شۇم خىتتايغا يانتاياق.
پاسپورتىسز ئۇيغۇر يۈرسە سىز قېرىنداش دىيارىدا،
سىز بىلىسىز قاچقان ئۇيغۇر ئۇشبۇ ۋەتەن دەۋاسىدا.
خىتتاي قەستى ھەر ئۇيغۇردا شۇڭا بېرەر سىزگە ئاقچا،
بېقىندۇرار سىزنى بۇندا سىياسى ھەم ئىقتىسادتا.
ۋادەرىخا، سىز قېرىنداش ئۇيغۇرىڭىز تۇتتىڭىز،
ئاقچا ئۈچۈن، مەنپەئەتچۈن ۋەتەنداشنى ساتتىڭىز.
قوللىرىڭىز بىگۇناھنىڭ قانلىرىدا تامغىدار،
نىچۈن ئاكا ئىنىسنى ئەغيارىغا ئۇزىتار؟
تەگسە گەر توقماق ئۆكۈزنىڭ تۇياقىغا پىقىراپ،
ھۆكىرەيدۇ بۇندا ھايۋان قوش مۈڭگۈزى سىقىراپ.
ئۇيغۇرىڭىز زالىم قولىدا قاندا – ياشتا زار ئۆتسە،
سىز غەپلەتتە بىغەملەرچە توۋلامسىزكەن ”شادىيانە“؟
ئىككى تۈركىستانى خەلقى قان – قېرىنداش ئەمەسمۇ،
ئەسلى زاتى بىر نەسىلدىن تىلداش – دىنداش ئەمەسمۇ؟
ئەھلى شەرقىي تۈركىستانى قايغۇلىرى سىزنىڭمۇ،
قەلبىڭىزنىڭ تۆرىدىن ماكان تۇتقان ئەمەسمۇ؟
سىزدىن تەلەپ ئېتەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىق مېھرىنى،
قانات يېپىڭ، سىلاڭ غېرىپ ئۇيغۇرۇمنىڭ باشىنى.
خىتتايسزمۇ تاپارسىز دوست ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەككە،
سىز مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قاياشىسىز شەرىئەتتە.
غېرىپ ئۇيغۇر ئاھى تۇتار گەر ساتسىڭىز قىيامەتتە،
كۈچەيىتسىڭىز شۇم خىتتاينى سىزنى يۇتار ئاقىبەتتە.
ئەھلى شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرلۈك كېرەك، ئەرك كېرەك،
يۆلەڭ ئۇندا، قېرىنداشلىق بۇرچلىرى ئادا دېمەك!
2017 – يىلى27 – نويابىر، ئامېرىكا