ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى سائەت 12:00 دە، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئامستېردام شەھىرىنىڭ دام مەيدانىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا قارشى 100 كىشىلىك نامايىش ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى نامايىشقا 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشقان بولۇپ، نامايىش ئارقىلىق خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىغا قارىتا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىملىق نامايىش گوللاندىيەدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار ئىچىدىكى قاتناشقان ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان نامايىش بولدى. نامايىشقا قاتناشقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن شارپا، دوپپىلارنى كىيىشىپ، يۇمران قوللىرىدا بايراقلىرىمىزنى كۆتۈرۈشۈپ مەيداندا چۇقىرىشىپ يۈرۈگۈشلىرى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى.
خىتتاي تاجاۋزچىلىرى ئۇزاق يىللاردىن بېرى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق – تۇققان، قان – قېرىنداشلىرىغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردە توپلۇشۇپ ھەرىكەت قىلىشىنى ئاستىرىتتىن چەكلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ۋەتەن ئىچىدىكى زۇلۇمنىڭ كۈندىن – كۈنگە قەبىھلىشىشى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سەبىرىنى تاشتۇردى. بۇ زۇلۇم، بۇ ئىشكەنجىلەرنىڭ سۈكۈت بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقى ھەر بىر ئەقلى ھۇشى جايىدا ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچتى. بىرلىك، ئىتتىپاقلىق بولغاندىلا زۇلۇم ئۈستىدىن غالىپ كەلگىلى بولىدىغانلىقى تونۇپ يەتكەن ئۇيغۇرلىرىمىز غەزەپ – نەپرىتىنى جاراڭلىق ئاۋازلىرى بىلەن دام مەيدانىدا ياڭرىتىپ، خەلقئاراغا ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. رادىئومىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ مەردانە ئوغۇل – قىزلىرىغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن تەشەككۈرىنى بىلدۇرىدۇ.
نامايىش ئەسناسىدا ۋەكىللەر، بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقان جامائەت ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى نامايىشقا قاتنىشىش ئارزۇسى بولغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى 2018 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان نامايىشقا، بۈگۈنكىدىنمۇ كۆپ قوشۇن بىلەن قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.
بۇ قېتىملىق نامايىش بىر قەدەر تەشكىللىك، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان نامايىش بولدى.