ھەدىس شەرىف توغىرىسىدا ئومۇمىي بايان
مۇھەممەد سالىھ
ھەدىس ئىسلام دىنىدا «قۇرئان كەرىم»دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئاساس ۋە تۈپ مەنبە ھېسابلىنىدۇ. ھەدىس «قۇرئان كەرىم»نىڭ كونكىرېت شەرھلىنىشى، ئەمەلىي تەدبىقلىنىشى بولۇپ، ھەدىس بىلەن تونۇشۇش «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بۇرۇندىن تارتىپلا «قۇرئان كەرىم»گە قانداق ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، ھەدىس شەرىفكىمۇ شۇنداق ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ساھابىلەر، تابىئىنلار زامانىدىن تارتىپلا ئىسلام ئۆلىمالىرى، ھەدىسشۇناسلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:” سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدىن ئىبارەت ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم، بۇ ئىككىسىنى چىڭ تۇتساڭلار ئازمايسىلەر“ دىگەن تارىخىي ئەھمىيەتلىك تەۋسىيىسىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە ”مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئېسىدە قالدۇرۇپ، ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزگەن ئادەمنى ئاللاھ شادلاندۇرغاي“ دىگەن سۆزىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش يۈزىسىدىن ئەسىرلەر بويى ھەدىس ئىلمىنى تارقىتىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە، ئوخشىمىغان جايلاردا ھەدىسشۇناسلىقنى پۇختا ئاساستا بەرپا قىلىپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەرىپەتلىك تارىخىنىڭ پارلاق سەھىپىلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ھەدىس ئىلمى ئۈچۈن بېسىلغان گىگانت قەدەملەر، ھەدىس ئىلمىنىڭ گۈللىنىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان نۇرلۇق سىمالار، ھەدىسلەر خەزىنىسىدە جۇلالىنىپ تۇرغان ناياب گۆھەرلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئەينى زامانلاردا دىيارىمىزدا ئىلىم – مەرىپەتنىڭ قەدەم جايلىرى ھېسابلانغان مەدرىسلەرنى ئىستىقامەتلىرى بىلەن ئاۋات قىلغان ئەھلى ھەدىسلەرنىڭ يارقىن كۆرۈنۈشلىرى خىيال ئەينىكىمدە جىلۋىلىنىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ نەسلى بولمىش ئەھلى ئىلىم ئوقۇرمەنلەر ھەدىس ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي، دۇرۇس چۈشەنچە ھاسىل قىلار دىگەن مەقسەتتە بۇ باياننى ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغۇم كەلدى.
- «ھەدىس» سۆزى بىلەن «سۈننەت» سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە ئۇلارنىڭ پەرقى«ھەدىس» سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى ”يېڭى“ دىگەن بولۇپ، ”قەدىم“سۆزى بىلەن مەنە جەھەتتىن قارىمۇ – قارىشى(سۆز)دۇر.
بەزى ئۆلىمالار ”قەدىم“ دىگەن سۆزدىن «قۇرئان كەرىم» كۆزدە تۇتۇلسا، ”ھەدىس“ دىگەن سۆزدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ دەپ قارايدۇ . گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سۈننىتىگە ھەدىس دەپ ئات قويۇپ بەرمەكچى بولغاندەك: ”ئى ئەبۇ ھۈرەيرە، سېنىڭ ھەدىسكە ئامراقلىقىڭنى كۆرۈپ، سەندىن باشقا ھېچكىممۇ ئاۋۋال بۇنى سورىمايدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم“ دىگەن سۆزىدە ھەدىسنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
”سۈننەت“ سۆزى لۇغەت مەنىسىدە مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن،” يول، مەسلەك“ دىگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. سۈننەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدە يۇقىرىقى مەنىدە كەلگەن:” كىمكى ئىسلام دىنىدا بىرەر ياخشى يولنى بەرپا قىلسا ۋە كېيىنكىلەر ئۇ يولدىن ماڭسا تاكى قىيامەتكىچە ئاشۇ كىشىگە ۋە ئەگەشكۈچىلەرگە ئاللاھ ساۋاپ ئاتا قىلىدۇ. كىمكى بىرەر يامان يولنى بەرپا قىلسا ۋە كېيىنكىلەر شۇ يولدا ماڭسا تاكى قىيامەتكىچە شۇ كىشىگە ۋە ئەگەشكۈچىلەرگە گۇناھ يېزىلىدۇ“.
ھەدىسشۇناسلار ھەدىس بىلەن سۈننەتنى مەنىداش سۆزلەر دەپ قارايدۇ ۋە ھەدىس بىلەن سۈننەتكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ھەرىكەتلىرى، ئەخلاقى، سۈپەتلىرى، مىجەز – خاراكتېرى، يارىلىشتىكى جىسمانىي خۇسۇسىيەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرۈپ تۇرۇپ ماقۇللاش يۈزىسىدىن سۈكۈت قىلغان باشقىلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى دەپ تەبىر بېرىدۇ.
«قۇرئان كەرىم»دىمۇ سۈننەت سۆزى يول مەنىسىدە كەلگەن:”ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر“ {سۈرە«ئەھزاب»(33-سۈرە)، 62-ئايەت}. سۈننەت سۆزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىدە ھەدىس مەنىسىدە كەلگەن: ”سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمنى مەھكەم تۇتۇڭلار“ (سۇنەن ئىبنى ماجە)
كېيىنكى چاغلاردا ھەدىس مەنىسىدىكى سۈننەت سۆزى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقان. ھەدىس ئىلمى ئەڭ راۋاج تاپقان مەدىنە مۇنەۋۋەرە ”دارۇسسۇننە (سۈننەت يۇرتى)“ دەپ ئاتالغان.
مەشھۇر ھەدىسشۇناسلارمۇ ”امام فۈ السنە “ يەنى ”ئىلمى ھەدىسنىڭ پېشۋاسى“ دەپ ئاتالغان. «كۇتۇبۇسىتتە»، «سىھاھى سىتتە» دەپ ئاتالغان مەشھۇر ئالتە پارچە ھەدىس كىتابىنىڭ تۆت پارچىسىنىڭ نامىدىمۇ سۈننەت سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان ”سۇنەن“ سۆزى قوللىنىلىپ، «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد»، «سۇنەن نەسەئى»، «سۇنەن تىرمىزى»، «سۇنەن ئىبن ماجە» دەپ ئاتالغان.
مەيلى قۇرئان بويىچە بولسۇن، مەيلى ھەدىس بويىچە بولسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئۇيغۇن بولغان بىرەر ئىشنى قىلغان ئادەم ”سۈننەتكە ئەمەل قىلغان ئادەم“ دىيىلىدۇ، سۈننەتنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلغان ئادەم ”بىدئەتچى، ئەھلى بىدئەت“ دىيىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي تەلىمات سۆزلىرى سۇننەتى قەۋلىيە (سنە قوليە)، ئىش – ھەرىكىتىگە دائىر ھەدىسلەر سۇننەتى فىئلىيە (سنە فىليە)دىيىلىدۇ. ”سنەقوليە“ گە دائىر مىساللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ”ھەقىقەتەن بارلىق ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق بولىدۇ. ھەقىقەتەن كىشىگە ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ“ دىگەن ھەدىس شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
”سنە فىليە “گە كېلىدىغان بولساق، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ھەرىكىتىگە دائىر نۇرغۇن ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت، ناماز، روزا، ھەج پائالىيەتلىرىدىكى ھەرىكەتلىرىنى بۇنىڭ مىسالى قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماقۇللاش يۈزىسىدىن سۈكۈت قىلغانلىقى” تەقرىر“ دىيىلىپ، بۇنىڭغا دائىر نۇرغۇن ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغان. تۆۋەندىكى ھەدىس ئۇنىڭ بىر مىسالىدۇر:
بەنى قۇرەيزە غازىتىدا، ساھابىلار يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:”سىلەر ئەسىر نامىزىنى بەنى قۇرەيزەدە ئوقۇڭلار“دەپ بۇيرىغان. ساھابىلارنىڭ بەزىلىرى بۇ سۆزنى زاھىرى مەنىسى بويىچە چۈشىنىپ، ئەسىر نامىزىنى بەنى قۇرەيزەگە بېرىپ، شام نامىزىدىن كېيىن ئوقۇغان. يەنە بەزىلەر بولسا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزنى تېزراق مېڭىپ، ئەسىر نامىزىغىچە بەنى قۇرەيزەگە يېتىپ بېرىشقا بۇيرۇغىنى دەپ يولدا ئەسىر نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇغان. بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندە، ھەر ئىككى تەرەپنى ئىنكار قىلماستىن سۈكۈت قىلغان.
فىقھىشۇناسلار سۈننەتكە يەنە ئۆز ئىستىلاھلىرى بويىچە پەرز، ۋاجىپ ئەمەللىرىدىن باشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپ ۋاقىت داۋاملاشتۇرغان، قىلغۇچىغا ساۋاب بېرىلىدىغان، تەرك ئەتكەن كىشىگە گۇناھ يېزىلمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن قىيامەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان ئەمەللەر، دەپ تەبىر بېرىدۇ.
بىز ئادەتتە تولا تىلغا ئالىدىغان بەش ۋاق نامازنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇش، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش، كىچىك بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىش دەل مۇشۇ مەنىدىكى سۈننەتلەرنى ئورۇنلاش ھېسابلىنىدۇ.
فىقىھشۇناسلارنىڭ ئىستىلاھى بويىچە كۈچلۈك ۋە كۈچلۈك ئەمەسلىك ئېتىبارى بىلەن سۈننەت”سۈننەتى مۇئەككەدە“ ۋە ”سۈننەتى مۇستەھەببە“ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. سۈننەتى مۇئەككەدە بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزۈرسىز ئەسلا تەرك ئەتمىگەن ئەمەللەردۇر. بامدات، پىشىن، شام، خۇپتەن نامازلىرىنىڭ سۈننەتلىرى مۇشۇنىڭغا ياتىدۇ. سۈننەتى مۇستەھەببە بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى چاغلاردا ئورۇندىغان، قىلغۇچىغا ساۋاب بېرىلىدىغان، قىلمىغانلارغا گۇناھ يېزىلمايدىغان ئەمەللەردۇر. ناماز ئەسىرنىڭ سۈننىتى، خۇپتەن نامىزىنىڭ ئالدىنقى تۆت رەكئەت سۈننىتى، نەفلى روزا، نەفلى ناماز، نەفلى سەدىقىگە ئوخشاش ئەمەللەر سۈننەتى مۇستەھەببە ھېسابلىنىدۇ.
داۋامى بار.