ئىمانىمغا خىلاپ ئىشنى ھەرگىز قىلدۇرالمايسەن
(2)
ئارتۇچ بۇغرا
باھادىر ئۆزىنىڭ ئاپتوبۇسقا قانداق چىقىپ قالغانلىقىنى ئويلىغىدەك كوڭلىنىڭ ئارامى يوق ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئوي خىيالى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قويغان قىسماقلىرىغا قارىتا، قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىدە ئىدى.
ئۇ ئىچىدە ئاللاھقا: «ئى ئاللاھ مېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شەرمەندە قىلما، مۇناپىق دېگەن نام بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام سېنىڭ غەزىپىڭگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، ئەبەدىيلىك ئازاپقا دۇچار بولىمەن. ئۇ ئازاپنى تارتقۇم يوق ئاللاھ، بەلكىم ساڭا يارىغۇدەك ئەمەل – ئىبادەتتە بولالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن، لېكىن مېنى، زالىم خىتتايلارغا ئىمانىمنى، غورۇرۇمنى سېتىپ ياشايدىغانلارنىڭ قاتارىدىن قىلما. مېنى بۇلارنىڭ قولىدىن پاك ھالەتتە قۇتقازغىن ياكى بولمىسا ھازىر جېنىمنى ئالغىن. ئالدىڭغا مۇناپىقلىق ھالەتتە بارغۇم يوق…….» دەپ دۇئا قىلاتتى.
باھادىر يول بويى ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىپ ماڭدى. بۇ سەپىرىدە نە ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغۇ – دەريالىرىدىن ھوزۇرلىنىش، نە مېھرىبان ئاقكوڭۈل خەلقى بىلەن ئەھۋاللىشىشقا زېھنىنى ئايرىشقا نائىل بولالمىدى. كۆڭلىنىڭ ھېچ ئارامى يوق، پۈتۈن ئەس – يادى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئىستانبۇلغا ساق – سالامەت يېتىپ بېرىۋېلىش ئىدى.
ئىككى كۈنلۈك سەپەرنى تۈگىتىپ، يۇرتىغىمۇ يېتىپ كەلدى. ئالدىغا چىققان ئاكا – ھەدە، ئۇرۇق – تۇققانلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغىمۇ 10يىل بولۇپ قالغان ئىدى.
باھادىر ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالغان ئىدى. ئۇ بۇ قېتىملىق ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە، ئايروپورتتىن چۈشۈپلا بېشىغا كەلگەن، ئۇ دەھشەتلىك ۋەقەلەرنى تۇققانلىرىدىن يوشۇرۇشقا تىرىشىپ ئۆزىنى ھەر ۋاقىت تەمكىن تۇتاتتى.
ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن تۇنجى ئاخشام. باھادىر ئۇخلاشقا ھەر قانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى. ئۇنىڭ خىياللىرى، ئۈرۈمچىدە بېشىدىن ئۆتكەن دەھشەتلىك كېچە ۋە خىتتاينىڭ قويغان قىسماقلىرى ئۈستىدە پەرۋاز قىلاتتى. ئۇنىڭ ۋەتەنگە كېلىشتىن ئاۋال قىلغان ئارزۇلىرى، پىلانلىرى بەربات بولغان ئىدى… ھازىرقى پۈتۈن ئوي – خىيالى پەقەت، خىتتاينىڭ بۇ قاپقىنىدىن قانداق قۇتۇلۇشلا ئىدى.
ئۇ ھەر ۋاقىت نامىزىنىڭ كەينىدىن، ئاللاھقا ئۇزۇندىن – ئۇزۇن دۇئا قىلىپ، ئاللاھنىڭ بۇ ئىشتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلاتتى.
باھادىر يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتە بولغان كۈن. ئۆيىدىكىلەر بىلەن چۈشلۈك تاماققا داستىخانغا ئولتۇرغان ۋاقىت ئىدى. باھادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ يانفۇنى سايراپ، ئاكىسى تېلىفوننى ئېلىپ سالاملاشقاندىن كېيىن، تېلىفوننى باھادىرغا ئۇزاتتى:
– ئۇكام، سېنى ئىزدەيدىكەن. دوستۇڭ ئوخشايدۇ.
باھادىر تەئەججۇپ بىلەن تېلىفوننى ئالدى.
– ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم. كىمۇ؟
– ۋاي ئاداش، مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ، مەن نەزەر. شۇ سېنى ھاردۇقى چىقىپ قالدىمىكىن دەپ ئەھۋال سوراپ ئۇرغان. قانداق ھاردۇقۇڭ چىقىپ قالدىمۇ – يا؟ – باھادىرنىڭ بېشىدىن بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتى ۋە چاندۇرماي:
– ھە… سەنمىدىڭ. ياخشى، ھاردۇقلارمۇ چىقىپ قالدى. شۇ تۇققانلار بىلەن ئۆيدە، سىرتلارغىمۇ چىقمىدىم – دىدى.
– ھېچقىسى يوق، سىرتلارغا چىقىۋەر. سىلەرنىڭ يۇرتتىكى بىزنىڭ كەسىپداشلارغا تېلىفون قىلىپ قويدۇم. سېنى ھېچكىم ئاۋارە قىلمايدۇ، مەن ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم. دېيىشكىنىمىزدەك 30 – چىسلا قايتىسەن، قالغان گەپنى سەن كەلگەندە دېيىشىمىز…
باھادىر تېلىفوننى ئاكىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەچ، تۇققانلىرىغا يەر تېگىدىن بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. ئۇ تۇققانلىرىنىڭ بۇ ئىشنى سېزىپ قېلىشىدىن، ئۇلارنى ساراسىمىگە سېلىشتىن ئەنسىرەيتتى.
تاماقتىن كېيىن، ئۆز ھوجرىسىغا كىرىپ كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى. ئۇ، ئىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپالماي قىينىلاتتى. « خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆزۈم كەلدىم. ئەمدى چوشقىلار مېنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ چوتىنى سوقۇۋاتىدۇ، مەن بولسام قانداق قۇتۇلۇشنىڭ… مەيلى مەن قانچىلىك زىيان تارتاي، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتمىسەم بولمايدۇ. “ياق، قىلمايمەن.” دېسەم، ھەقاچان ماڭا كەيدۈرىدىغان دوپپىسى تەييار «تىرورچى»، «مىللىي بۆلگۈنچى» دېگەندەك قالپاقتىن بىرەرسىنى كەيدۈرسە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەن ئۈچۈن ئەسكەر چىقىرىپ قۇتۇلدۇرىدىغان يەردە ئەمەس. نوپۇسۇمنى ئۆچۈرۈۋەتكەن دېسەممۇ، خىتتاينىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە بەش مىنۇت ۋاقىت كەتمەيدۇ. شۇڭا، ئىستانبۇلغا كېتىۋالغۇچە بۇ خەق بىلەن ئىچەكىشىپ، ئۇلارنىڭ بىزنى قانداق ئىندەككە كەلتۈرۈپ، جاسۇسلۇققا سالىدىغانلىقىدەك تاكتىكىلىرىنى بولسىمۇ بىلىۋالسام، كېيىنكىلەرنىڭ دىققەت قىلىشىغا بىر ياردىمىم تېگىپ قالار. ھازىرچە ماڭا، مۇشۇنداق قىلماقتىن باشقا يول يوق. ئىستانبۇلغا بېرىۋالغاندىن كېيىن ” ئەمدى نېمە دەيسەن؟” دەرمەن…» دىگەنلەرنى ئويلىدى.
30 – چىسلامۇ بىر دەمدە يېتىپ كەلدى. باھادىر تۇققانلىرى بىلەن خوشلاشتى ۋە ئۇلارنىڭ رازىلىقنى ئالدى:
– جان بار يەردە، ئۆلۈم بار. قېرىنداشلىرىم، سىلەر مەندىن رازى بولۇڭلار. ئاللاھ ئۆمرۈمنى بەرسە يەنە كېلىمەن. بۇ قېتىم يېنىڭلاردا ئۇزاق تۇرالمىدىم. ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىنغان ئىبادەتلەرنى، ئويۇن – تاماشا ۋە دۇنيا ھەلەكچىلىكىگە تېگىشىۋەتمەڭلار، ئاللاھ سىلەردىن، كۈچۈڭلار يەتكەن ئىشلاردىن سوراق ئالىدۇ. كۈچىمىز يەتمىدى دەپ، ھەممىنى تەرك ئەتمەڭلار – دېگەنلەرنى دىېيەلىدى.
باھادىرنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىش ئايرۇپىلان بېلەتلىرىنى نەزەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. نەزەرمۇ، ئالدىغا ئۆزى كەلگەن بۇ بېلىقنى ئوبدان بىر مەززە قىلىپ يېيىش ئۈچۈن ئاز باش قاتۇرمىدى. چۈنكى، نەزەرنىڭ ئويىدا بۇنداق ياشلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قىلىۋاتقان سىياسىي تەشكىلاتلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىشنىڭ يەنە بىر يولى ئىدى. ياخشى بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئالغان ئۇيغۇرلار، تۈركىيەدە ياخشى خىزمەتلەرگە ئېرىشەلەيتتى. ئۇنداق ئادەملەر خىتتايغا باغلىنىشلىق تىجارەت، سودا ئىشلىرىدىن يىراق بولغاچقا، قىسماققا ئېلىشمۇ تەسكە چۈشەتتى. بۇنداق ئوقۇغان ئادەملەر بىر كۈنلەردە دەۋا سېپىگە قوشۇلۇپ كەتسە، دەۋانىڭ كۈچلىنىشىگە ياخشى ئاساس بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ، مۇشۇنداق ئوقۇغان ياشلارنى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچۈن ئىشقا سېلىشقا ئۈندەش، ئىشقا سالالمىغان شارائىتتىمۇ، قورقۇتۇپ يۈرىكىنى مۇجۇش ئارقىلىق دەۋادىن ئۇزاق تۇرىدىغان قىلىش، ئۇلارنىڭ بىمالال كېلىپ ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇققانلىرىنى، تۇغۇلغان ماكانىنى كۆرۈپ كېتىشىگە يول ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق كونترۇل قىلىش، ئاقىلانىلىك ھېسابلىناتتى.
باھادىرغا ئوخشاش قىسماققا ئېلىنىپ قالغان زىيالىلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، خىتتاينىڭ باشقا ئادەتتىكى جاسۇسلىرىدىن پەرقلىق ۋە ئۈنۈملۈك ئىش ئىدى. چۇنكى ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى يۇقىرى بولغاچقا، ئادەتتىكى ئادەملەر كۆرەلمىگەن نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشتا، بايقاشتا، ئالدىنى ئېلىشتا چوڭ رول ئوينايتتى. ھەمدە باشقا خىزمەت قىلىۋاتقان جاسۇسلارنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئايرىشتىمۇ ياردىمى بولاتتى. ئەگەر باھادىر تۈركىيەگە قايتىپ بېرىۋالغاندىن كېيىن، تاساددىپى ئۆزلىرىگە ئىشلەشتىن باش تارتسا، ئۇنى تەربىيەلەش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش جەريانىدا يوشۇرۇن سىنئالغۇغا ئېلىۋالغان ۋىدىئولىرى ئارقىلىق تەھدىت سېلىشقىمۇ ھازىرلىق كۆرۈپ قويغان ئىدى.
ئىشقىلىپ، نەزەر بۇ قىماردا، بىر دو تىكىپ بېقىشقا مەجبۇر ئىدى. « تەلىيىمىز ئوڭدىن كېلىپ ئوشۇقىمىز ئوڭدىن چۈشسە ئۇتىمىز، تەتۈر چۈشسە ئۇتتۇرىمىز. ئەمما سەن بىزنىڭ ئىشىمىزغا كەلمىسەڭ، بىز سېنى باشقىلارغىمۇ يارىمايدىغان كېرەكسىز بىر نەرسە قىلىپ تاشلىيالايمىز» دەپ ئويلايتتى.
داۋامى بار.
4 ئىنكاس
ئابدۇل ئەزىز
ئۈچنجى قىسمى يوقمۇ
ئارتۇچ بۇغرا
بار. داۋامى يوللىنىدۇ.
Abdu
Bırınqı kısımnı tapalmıdım . Adresını yullap bıramsız
ئارتۇچ بۇغرا
http://www.hoylam.net/imanimgha_xilap_ishni_hergiz_qilduralmaysen/