ئادەتتىكىدەكلا رامازان كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
كومپەيۇتېردىن دىنىمىزغا ئايىت ئۆرگۈتلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم.
ئىپتارغا تېخى ئالاھىزەل بىر ساەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت بار ئىدى.
يىگىرمە ساەتتىن ئارتۇق رۇزى تۇتۇشنىڭ لەززىتى ھەقىقىتەن باشقىچە ئىدى.
بىردىنلا كۆز ئالدىمدىن بىر نەرسە ئۇچۇپ ئۆتتى. جانىۋار ئاسانلىقچە كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىچىك ئىدى.
جانىۋار ئەتراپىمنى ئايلىنىپ ئۇچۇپ، بىردىنلا جىمىپلا كەتتى.
دىققەت قىلىشقا باشلىدىم.
بىر ھازاردىن كېيىن پۇتۇمنىڭ ئوشۇقى ئەتراپى تاتلىق قىچىشقىلى تۇردى.
قاشلاپ قويۇۋېدىم بىردىنلا ئاچچىق ئەيتىشىشقا باشلىدى.
يامان بولدى. جانىۋار چاققان يەر تۇخۇمدەك ئىششىپ چىقتى.
كىچىكلىكىگە باقماي ئادەمنى بۇزەك قىلىۋاتقىنىغا قارا بۇ مەخلۇقنىڭ.
قاتتىق غەزەپلەندىم. ئەتراپىمغا چەكچىيىپ قارىدىم.
جانىۋارنى تىرىك تۇتۇپ يىۋەتكۈدەك ئەلپازدا ئورنۇمدىن ئىتتىك تۇردۇم.
جانىۋارنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرىۋەتىش ئۈچۈن ئەتراپىمغا قارىدىم.
قۇرسۇقۇم ئېچىپ، ئېغىزلىرىم قۇرۇپ، كۆزلىرىم تورلىشىپ تۇراتتى.
خانىمىم ئاشخانىدا بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرەتتى. بىردىنلا قىڭراق بىلەن گۆش چانىغان ئاۋاز كەلدى.
كۈتۈلمىگەندە قاتۇرۇپ قويغاندەك تۇرۇپلا قالدىم، ئىزدەشنى توختاتتىم. نىمىشقىدۇر ئارقىدىن ئاستا جايىمغا كېلىپ يەنە ئولتۇردۇم.
-يا راببىم، ساڭا شۈكۈرى،-دېدىم ئىچىمدە.
مەن بىردىنلا جىمىپ كەتتىم. بىردىنلا يۈزۈم قىزارغاندەك بولدى.
دېمىسىمۇ ھەر بىر جانلىقنىڭ ياشاش ھەققى بار ئىدى.
مەن قېنىمدىن ئازراق شۈمۈۋالغان جانىۋارنى ئويلىدىم. پەسكويىغا چۈشتۈم. بۇ نۆۋەت كۆزۈم بىلەن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدىم.
مەن گويا جانىۋاردىن ئۆزرەخالىق سورىماقچى بولغاندەكلا ئەتراپىمغا قارىدىم. بىرازدىن بۇرۇن مېنى چۆرگىلەپ جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۇچقان جانىۋارىنىڭ ئەمدى قارىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتى.
بۇ ئىشلار بىردەمنىڭ ئارىلىقىدا يۈز بېرىپ ئۆتۈپ كەتتى.ھاياتتا نىمىلەر بولمايدۇ دەيسىز. قۇرسۇقۇم ئېچىپ، ئېغىزلىرىم قۇرۇپ، كۆزلىرىم تورلىشىپ تۇراتتى. خانىمىم تېخىچە توختىماي گۆش چاناۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئاللاقانداقتۇر چۈشۈنىكسىز خىياللارنىڭ ئىلكىدە،-ھېلى ئىپتار قىلىمىز،-دېدىم ئۆزەمگە-ئۆزەم كۆڭلۈمدە.
توغرا…دۇنيادا پەقەت بىزلام… يالغۇز ياشىمايمىز…!
19.06.2017 گېرمانىيە
ئاۇتورى: كۈرەش ئاتاخان