ئىستانبۇلدا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزىۋاتقان بىر ئۇيغۇر پاش بولدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
يېقىندا، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى يوللىغان بىر ئۇيغۇر پاش بولدى.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، 2016 – يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن، مەمتىمىن ئابدۇللا (پاسپورتتىكى ئىسمى)نىڭ ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن، ئەسلى يۇرتى خوتەندىكى مەھەللە ساقچىسى ئېلىنىڭ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تۈرمىگە تاشلاپ، قىينىغان كۆرۈنۇشلىرىنى ئۇندىداردا يوللاپ، مەمتىمىننى ئۇچۇر يوللاشقا قىستىغانلىقى سەۋەبلىك، ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتتايغا يوللاپ بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.
مەمتىمىن ئابدۇللانىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ تۇققانلىرىنىڭ قىيىن – قىستاققا ئېلىنىشىغا چىدىماي ئېلى ئىسىملىك ساقچىغا ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرىدىن 3 كىشىنىڭ رەسىمىنى يوللاپ بەرگەن.
ۋاتساپ، تېلگىرام قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا قىز بالا سىياقىغا كىرىۋېلىپ، نۇرغۇن بالىلارنى ئۇچۇر ئىگەللەشكە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلىپ، قىلىنغان سۆزلەرنى باشقىلارغا تارقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغان.
ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى 15 نەپەر بالىنىڭ رەسىمىنى تېلگىرام ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈپ، خىتتاي ساقچىلىرىغا يوللاپ بەرگەن.
خىتتاي ساقچىلىرى ئۇچۇر يوللاش بەدىلى ئۈچۈن مەمتىمىن ئابدۇللانىڭ بانكا كارتىسىغا جەمئىي 40مىڭ لىرا پۇلنى يوللاپ بەرگەن.
ئۇيغۇر نىدا ئىكرانى، پات يېقىندا مەمتىمىن ئابدۇللانىڭ ئىقرار قىلغان كۆرۈنۈشىنى يوللايدۇ.