جۈمەگە بارغان تۇڭگان جازالاندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاينىڭ ئۇندىدار سالوندىكى 31-ماي كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە قورغاس ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق مال -چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پارتىيە ئەزاسى ما جىيەن چىڭ 5-ئاينىڭ مەلۈم جۈمە كۈنىدە نامازغا بارغانلىقى سەۋەپلىك 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇرۇشلۇق يېزىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدا سوراققا تارتىلغان ئۇ ئۆزىنىڭ جۈمەگە بارغانلىقىنى ئىقرار قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە جۈمە ئوقۇغىلى بارغاندا ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ماراقچىلار تەرىپىدىن نەقمەيدندا تۇتقۇن قىلىنغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ بايان قىلغان قارارىدا ما جىيەن چىڭنى «ئىككى يۈزلىمىچى پارتىيە ئەزاسى» دەپ پارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقارغان. باشقا يەنە قانداق جازا بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
دېمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا مۇسۇلمانلارنى ھەر خىل باھانىلار بىلەن يوق قىلىدىغاندەك رەزىل مەقسىتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.