كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم
ئەركىن سىدىق
ئېسىمدە بالا چاغدا ئۇماچ ئەتكىنىم،
كالىغا مىنىۋېلىپ خامان تەپكىنىم.
قىش ئۈچۈن يەرنى كولاپ گەمە ياپقىنىم،
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
باراتتۇق كۆپ جايلارغا يارىيار ھارۋىدا،
ئۇخلايتۇق باغ، ئۆگزىدە يۇلتۇز قوينىدا.
مۇڭداشقان تۇغقانلىرىم باغلىق ھويلىدا،
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
يۇرتۇمدا ھەممە كىشى مېھرىبان ئىدى،
ئاياللار بەك كۆيۈمچان ھەم ئىشچان ئىدى.
ئەرلەرمۇ ھېچ يېڭىلمەس قەھرىمان ئىدى،
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
ئېسىمدە كۆپ چۆمۈلگەن يېزا ئۆستىڭى،
كېچىلەردە ھارۋىلىق ئېزىشلار تېخى.
بېلىمگە ئېسىۋالغان پىچىقىم قېنى؟
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
مەكتەپتە قىز – ئوغۇللار ئىناق، شوخ ئىدى،
ئانا تىلدا دەرس ئاڭلاپ دىللار توق ئىدى.
كىملىكتە ياتلىشىش قەتئىي يوق ئىدى،
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
چەت ئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشتىم،
بەش يىلدا ئۈچ تىل بىلىپ، شەرتكە يېتىشتىم.
ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق تونغا ئېرىشتىم،
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
كۆرۈنەر ئىللىققىنا ئۇيغۇرۇم چېھرى،
ئۆزگىچە تەملەر بېرەر بارلىق ئاش – نېنى.
بىر ماكاندا تۇغۇلغاچ چىرمىشار جېنى،
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
ئىدارىگە قىلغانلىرىم يېقىپ كەتسىمۇ،
نەتىجەم تەلەپتىن كۆپ ئېشىپ كەتسىمۇ.
ژورناللار كۆپ ماقالەمنى بېسىپ كەتسىمۇ،
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
ياشايمەن بىر يېرىم كەم ئۆيۈم بولسىمۇ،
ھەمرايىم، قىز – ئوغلۇمدىن كۆيۈم بولسىمۇ.
ئەلگە ياققان ئەمىلىم، سۆزۈم بولسىمۇ،
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
يۇرت – ۋەتەن مۇھەببىتى ئىكەن بىر ئوكيان،
تەڭ كېلەلمەس قەدرىگە باشقا ھېچ ماكان.
تۇيغۇلار سېغىنىشتىن ياسار بىر ۋولقان،
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
پىغانسىز ئۆتمەس ھازىر بىر سائەت، بىر كۈن،
ھەسرەتتە قېتىپ قالدى بارلىق ئاۋاز – ئۈن.
ئەي ئاللاھ! قىل بۇ كۈننى تاڭ ئالدىدىكى تۈن،
كەلمەيدىكەن چىن بەخت سەنسىز ۋەتىنىم.
2017 – يىلى 10 – نويابىر