ماڭا كىملىك كېرەك
ئىقبال
بېلەت ئالالمىدىم.
ئايروپىلاندا ئۇچالمىدىم.
پاراخوتتا ئولتۇرالمىدىم.
ماشىنىغا چىقتىم، چۈشۈرۈلدۈم يېرىم يولدا
دېدى: كىملىكىڭ يوق ئىكەن قولدا.
ماڭا بىر كىملىك كېرەك.
سورالدى: كىمسەن، كىملىكىڭ قېنى! !؟
دېدىم: ئۇيغۇرمەن، بۇ يەرگە كۆچمەن.
تۈرۈلدى قوشۇمىلىرى،
ئاغدۇرۇلدى نەزىرى باشقا ياققا،
سورىدى: كىملىكىڭ قېنى! ؟
كىملىكىم يوق، مەن ئۇيغۇر …
دېدى: مەن بىلمەيمەن …كىملىكىڭ قېنى …!!؟
مەن ئۇيغۇر …
ماڭا بىر كىملىك كېرەك.
سورالدى: سەن قەيەرلىك! !؟
جاۋاب بەردىم: شەرقىي تۈركىستانلىق،
دېدى: شۇنداق دەپ تۇرايلى …
يۈرۈگۈمنى تىلدى، ئۈنسىز قىلدىم ئىسيان.
مەن شەرقىي تۈركىستانلىق،
ماڭا بىر كىملىك كېرەك.
مەن ئۇيغۇر ماڭا بىر كىملىك كېرەك .
مەن شەرقىي تۈركىستانلىق. ماڭا كىملىك بېرىدىغان بىر دۆلەت كېرەك.
مەن بىر ئىنسان ،
ماڭا بىر ئىنسانلىق كىملىكى كېرەك.
ماڭا بىر كىملىك كېرەك.
ماڭا بىر كىملىك كېرەك.