شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ، شېھىتلەرنىڭ روھى شادلىنىدۇ! مالغا – مال، قانغا قان ۋە جانغا جان ئېلىنىدۇ!
-ھەقىقەت نۇرى
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۈيۈك ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى، دۇنياغا تونۇلغان دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ خىتتايلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر شىددەت بىلەن تارقالماقتا! مىڭ ئەپسۇس خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغاندىن بېرى خەلقىمىزنىڭ دات – پەريادى تىنمىدى، كۆز – ياشلىرى قۇرۇمىدى.
بىز داڭلىق دىنىي ئالىم، تونۇلغان ئۆلىما، مائارىپچى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ شېھىت بولغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەرنىڭ يالغان بولۇپ قېلىشىنىلا ئارزۇ قىلىۋاتىمىز ۋە بۇ ھادىسىدىن كېيىن روھىمىز دىرىلدەپ تىتىرەپ، يۈرىگىمىز چاك – چاك بولۇپ، خىتتايلار تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن قان – قان يىغلىماقتا!
بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىدىكىلەر، مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ شۇم خەۋەرگە نېمىشقىدۇر تېخىچە ئىشىنەلمەيۋاتىمىز! ئەگەر خىتتاي ھۆكۈمىتى تىنچ ۋە خەلقئارا قائىدە ۋە قانۇنلارغا ئۇيغۇن، مۆتېدىل، ساغلام، شۇنداقلا لىبىرال بىر ئېقىمدا تۇرۇپ ئىسلامىي ئەقىدىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن تەرغىپ قىلىپ، مىللەتنىڭ ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۆپ ھەسسە قوشقان مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنى راستىنلا قىيىن – قىستاق ئىچىدە قىيناپ ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇزاققا قالماي ئەلقىساسى مىنھەلھەق بولىدۇ، بۇ خىتتايلار ئۆزلىرىنىڭ بېشىنى يەيدۇ، ئىنشائاللاھ!
مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن ۋەتىنىمىز خىتتاي مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان ئازغىنە كام بىر ئەسىردىن بېرى، مىللىتىمىزنىڭ ئالىم ۋە ئۆلىمالىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىشغالچى خىتتايلارنىڭ زەربە بېرىش، يوقىتىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ كەلدى!
بۇ جەرياندا مەنىۋىيەت ئاسمىنىمىزدىكى مىڭلىغان يورۇق چولپانلار بېھۇدە قىرغىن قىلىندى ۋە ۋەھشىيلەرچە ئۆمۈرلۈك قاراڭغۇ زىندانلارغا تاشلىۋېتىلدى.
بىز ھازىر پەقەت شۇنى ئېيتىيالايمىزكى، ئاللاھنىڭ ئىلاھىي قانۇنلىرى ھەقدۇر!شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يامان نىيەتتە جازا كەسكەن تىللار قۇرۇپ كېتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۇزۇتۇلغان قوللار سۇنۇپ كېتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يامان نىيەتتە قارىغان كۆزلەر قۇيۇلۇپ كېتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىپ ئېتىلغان پۇتلار قان – يىرىڭ بولۇپ ئېقىپ كېتىدۇ ئىنشائاللاھ!
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى خىتتايلارنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. دۈشمەن خەلقىمىزگە بولغان قاتتىق باستۇرۇشىنى ئەسەبىيلىك بىلەن ئېلىپ بارغاچقا، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت ئىشغالىيەت رايونىدىكى ھالاكىتىنى تېزلەتمەكتە!
دۈشمەن رەھىمسىزلىك بىلەن بىر پۈتۈن مىللىتىمىزگە جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئېغىر ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گورىنى ئۆزى قېزىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمىئىيەت خىتتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ھەقسىزلىقلىرى ئارقىلىق خىتتايلارنى رەسمىي شەكىلدە تونۇپ يەتتى. خىتتايلار بۇ ھادىسىلەردىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر – خىل كىرزىسلارنىڭ شىددەتلىك يامغۇرىدا ئۆزلىگىدىن ئېرىپ، خۇددى ئەسكى بىر بىنادەك غۇلاپ چۈشۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. خەلقىمىز دۈشمەندىن كېلىۋاتقان چوڭ – كىچىك ھەقسىزلىقلارنى ھېچ ئۇنۇتمايدۇ! جاھاننىڭ ھەققانىي تارازىسى ئۇزاققا قالماي ئىلاھىي ئادالىتىنى كۆرسۈتىدۇ ۋە خەلقىمىز ھامان بىر كۈنى بەرگەن ئېغىر بەدەللەر ئۈچۈن، بىرگە ئون قىساس ئالىدۇ!
ئەگەر بۇ شۇم خەۋەر يەنى مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ۋاپاتى راست بولغان بولسا، تۈرك – ئىسلام ئالىمىنىڭ جۈملىدىن، مىللىتىمىزنىڭ بېشى ساق بولسۇن! ئەگەر مۇھەممەتد سالىھ داموللام تېخىچە ھايات بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۆمرىنى زىيادە قىلسۇن! مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ئۆلۈمى بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز مۇسىبەت بولدى!بىز مۇھەممەد سالىھ داموللامدەك، خىتتايلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان بارلىق نام – نىشانسىز ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ ئاچچىق ئاقىۋىتىدىن چوڭقۇر قايغۇرىمىز ۋە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە مەڭگۈلۈك ۋارىسلىق قىلىمىز!
ئەگەر بۇ شۇم خەۋەر ھەقىقەتەنمۇ راست بولغان بولسا، مەرھۇمنىڭ ۋە ۋەتەن – مىللىتىنىڭ ھۈرىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، زالىم خىتتايلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان بارلىق مۇنەۋەرلىرىمىزنىڭ روھىناتىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! يا ئاللاھ، يا سەبىر! بۇ ئىش خەلقىمىز ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز زور يوقۇتۇش بوپتۇ. ئاللاھ خەلقىمىزنى ھەر تۈرلۈك يامانلىقلاردىن، كۆتۈ روھ ۋە نەزەرلەردىن قورۇسۇن. ئامىن!
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى
پارلامەنتوسى رەئىسى: كۈرەش ئاتاخان
18.01.2018 گېرمانىيە