مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى بىردەك جۈمە كۈنى ئوقۇلماقچى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 24 – يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە شېھىت قىلىنغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ئەللاما يىتۈك ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قايغۇغا چۆمدى.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ، «مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە 2 – فېۋرال جۈمە نامىزىدىن كېيىن، بىردەك مەرھۈمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇش» چاقىرىقىغا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىردەك ئاۋاز قوشتى.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ جامىلەردىن بىرى بولغان فاتىھ جامىسىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئۇقۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ بىلگەن 7ياشتىن 70ياشقىچە بولغان بارلىق ئەر – ئايال، ئوغۇل – قىزلارنىڭ تولۇق قاتنىشىشىنى ھەمدە، ئەرلەرنىڭ بېشىغا بىردەك ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىۋېلىشىنى، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماسلىقىنى تاپىلىغان.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلىدىغان مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا، ئىستانبۇلدىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەر قايسى رادىئو، تېلىۋىيە مۇخبىرلىرىمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات بېرىدىكەن.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات بىرلىكى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تۈرك خەلقىغە شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىدىغان مەيدانغا ھازىر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
قېنى ئەمىسە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا – ئانىلىرى، ئۇرۇق –ت ۇققانلىرى، دوست – بۇرادەرلىرى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۈرمىلىرىدە شېىھت بولۇۋاتقان، ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراپ ئازاپ چېكىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، سىلەر ئۈچۈن مەيدان ھازىرلاندى. ئەمدى روھىمىزنى چىرمىۋالغان خىتتاي قورقۇسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئائىلىمىز بىلەن بىرگە مەيداندا ھازىر بولايلى.