مۇستەقىللىقىمىزگە ئۈمىدسىز قارىمايلى
ئىقبال
بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيەتنىڭ تار دائىرىلىك ئىدىئولوگىيىسى ۋە بۇرمىلانغان دۇنيا كۆز قارشىنىڭ تەسىرىدە ئۆتكۈزگەن بەزى ئۇيغۇرلار، مۇستەقىللىق تۇغرىسىدا مۇلاھىزە بولۇنغاندا، بۇ تېمىغا قىزىقماسلىق ياكى ئۆزىنى قاچۇرۇشتەك ئەپسۇسلىنارلىق رىئاللىققا شاھىد بولۇۋاتىمىز.
مىللەتتىن سادىر بولۇۋاتقان بۇ خاتا پسىخىكىلىق پوزىتسىيەنىڭ ئامىللىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1 – مۇستەقىللىق ۋە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئەسلى مەنىسىنى چۈشەنمەسلىك. دۆلەت قارشى، مىللەت قارشى، دىن قارشى، مەدەنىيەت قارشى ۋە تارىخ قارىشىنى خىتتاي مائارىپىدا ئىزاھلىغىنىدەك چۈشىنىۋېلىش ۋە شۇنىڭغا رازى بولۇش. كېلىپ چىقىۋاتقان دىننى ۋە مىللى باراۋەرسىزلىكنىڭ سەۋەبىنى ھاكىمىيەتتىن ئەمەس مىللەتتىن كۆرۈش.
2 – ئۇيغۇر تارىخىدا قۇرۇلغان مۇستەقىل خانلىقلار، قىسقىسى يېقىنقى يۈز يىل ئىچىدە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتكە ئېتىبارسىز قاراش، مىللى پسىخىكىمىزغا ئورناپ كەتكەن ئۆزىمىزنى كەمسىتىش، ئۆزىمىزنى ئەيىبلەش ئادىتىمىز بويىچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەسلىك سەۋەبىنى خىتتاي، روس، باشقا ئىسلام ۋە تۈرك دۈشمەنلىرىنىڭ سۈيىقەستى دەپ چۈشىنىشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىن ئىتتىپاق ئەمەسلىكى، ئىقتىدارسىزلىقىدىن ئاغرىنىش.
3 – تەبىئىتىمىزدە يىلتىز تارتىپ قالغان خىتتاي قورقۇسى ۋە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى زىيادە كۈچلۈك بولۇپ كەتكەنلىك دەپ قاراش تۇيغۇسى. خىتتاينىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزى، دىپلوماتىيە كۈچى، ھەربى، سىياسى، ئىقتىسادى ساھەلەردىكى تەرەققىياتى … قاتارلىق ئامىللارنىڭ مۇستەقىللىق تۇيغۇمىزنى سۇسلاشتۇرۇشى.
بۇ خىل سەلبى چۈشەنچە مىللى ئىرادىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئەسلىدىنلا سۇس قاراۋاتقان ھەق دەۋايىمىزدىن يىراقلىشىۋاتىمىز، ئېتىبارسىز قاراۋاتىمىز.
ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق دېيىلگىنىدەك، نىيىتىمىزنى بۇ پاسسىپ چۈشەنچىلەردىن قۇتۇلدۇرىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھالقىپ كېتەلەيدىغان بىر ئىرادىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.
ئىنسان ئۆز ئىرادىسنى كۈچەيتىمەن دەيدىكەن. چوقۇم ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارىشى ۋە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ نىشانىمىز، غايىمىز مۇستەقىللىق بولغانىكەن، بۇ ئۇلۇغۋار غايىنى ئىشەنچ بىلەن پائاللاشتۇرالىساق ۋە ئىزچىل سادىق بولساق ھامان نەتىجىسى كۆرۈلىدۇ.
ھەممىمىز بىرلىكتە:
دىنىمىز ئىسلام.
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان.
مىللىتىمىز ئۇيغۇر.
دۈشمىنىمىز خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى دېگەن ئىدىئولوگىيە ئاساسىدا، ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا، ئاندىن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىمىز ھەمدە مۇستەقىللىقىمىزنى قولىمىزغا ئالىمىز.