يۇپىتېرنىڭ يۈزىدە بىر چوڭ قىزىل داغ بار بولۇپ، ئۇ داغ 1664-يىلى بايقالغان. بۇ داغنىڭ چوڭلىقى يەر شارىنىڭ 3 ھەسسىسىگە تەڭ. بۇ داغنىڭ شەكلى ئازراق سوقۇچاق بولۇپ، 2015-يىلى تارتىلغان بىر رەسىمدە بۇ داغنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقى بايقالغان ئىدى. ناسا مەركىزى جپل باشقۇرىدىغان «جۇنو» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2016-يىلى 11-دىكابىر كۈنى يۇپىتېرگە يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ جەنۇبىي يېرىم شارىغا جايلاشقان چوڭ قىزىل داغنى يەنە بىر قېتىم رەسىمگە ئالغان بولۇپ، ناسا ئۇ رەسىمنى 13-يانۋار كۈنى دۇنياغا تارقاتتى. تۆۋەندىكى 1-رەسىم ناسا يېڭىدىن تارقاتقان بولۇپ، 2-رەسىم يۇپىتېر بىلەن يەر شارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرۇپ بېرىدۇ.
پايدىلىنىش مەنبەسى:
https://www.yahoo.com/news/juno-snaps-image-jupiter-great-055326491.html?.tsrc=daily_mail