مەزكۇر رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى ساتۇرننىڭ ھەمراھى «پان» نىڭ يېڭىدىن ۋە يېقىندىن تارتىلغان رەسىمى بولۇپ، ناسا ئۇنى 20-مارت كۈنى تارقاتتى. بۇ رەسىملەرنى ناسا ئالەم ئۇچقۇرى كاسسىنى (Cassini) 9-مارت كۈنى تارتقان بولۇپ، سول تەرەپتىكىسى 24600 كىلومېتىر، ئوڭ تەرەپتىكىسى 37300 كىلومېتىر يىراقلىقتىن تارتىلغان. بۇ «پان» نىڭ ھازىرغىچە تارتىلغان ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان رەسىملىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«پان» نىڭ شەكلى بىر ياڭاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قېلىنلىقى 23 كىلومېتىر، كەڭلىكى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. ساتۇرنغا ئەڭ يېقىن ئوربىتلايدىغان ھەمراھدىن يەنە بىرسى بار بولۇپ، «پان» نىڭ ساتۇرن بىلەن بولغان ئارىلىقى 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.
ساتۇرننىڭ 150 دىن كۆپرەك ھەمراھى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 62 دانىسىنىڭ ئوربىتىسى ۋە 53 دانىسىنىڭ ئىسمى بار.
مەنبە:
[2] https://en.wikipedia.org/wiki/Pan_(moon)
[3]
http://www.universetoday.com/15383/how-many-moons-does-saturn-have/