خەلقارادا خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداش كۈچلەر شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىنى بىر ئىزدا كونتۇرۇل قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا! خىتايغا ھەمكارلىشىۋاتقانلار ئۆز دەۋلەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى يوشۇرۇن دەپسەندە قىلىپ، مەركىزى تەشكىلاتلىرىمىزغا، تەشكىلاتلىرىمىزغا ۋە ھەتتا ئامەرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى قاتارلىقلارغا قەدەر پىلانلىق ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇغان، بۇ بىر قىل سىغماس رىياللىق.
ھەممە يەردە خىتاي بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بولغان ياكى خىتاي بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان گۇمانلىق كىشىلەر مەخپىي ھەركەت قىلىۋاتىدۇ.
بۇ ئارىمىزغا كىرىۋالغان گۇرۇچقا ئوخشايدىغان ئاق تاشلار مەخپىي ھەركەت قىلىپ، خۇجايىنلىرىنىڭ بەرگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاۋاتىدۇ! قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلار ئۆزىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كىشىلەرگە دىندار، مىللەتپەرۋەر ۋە ئىنقىلاپچىدەك تەسىر بېرىۋاتىدۇ. كۆرۈنىشتە رەسمىي ئىنقىلاپچىلاردىن ئۇلارنى ئىتتىك پەرىق قىلماق تەس. ئىنقىلاپ جەريانىدا ئۇلار دايىم چاندۇرۇپ قويىدۇ.مىللىي ئىنقىلاۋىمىزغا پايدىلىق شەخىسلەرگە ۋە ھادىسىلەرگە ئاستىرىتتىن ئۆچمەنلىك قىلىدۇ.
بىزدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، تەشكىلاتلىنالماسلىق، ئۆز-ئارا جىدەل-ماجرا ۋە بارلىق چوڭ-كىچىك مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ئانىسى دەل بىز بىلمەي يۈرگەن قوزىلار ئارىسىغا كىرىۋالغان ۋەھشىي بۈرىلەردۇر!قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بۇ مەلۇنلار جىددى پەيىتلەردە ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئۆكتىچىسى شەكلىدە مەيدانغا چىقىدۇ.
قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلارنى بايقاش، تېپىپ چىقىش، ھەزەر ئەيلەش ۋە مىللىي ھەركىتىمىزگە سېلىۋاتقان زىيىنىنى بار ئىمكانلار بىلەن چەكلەش لازىم!
قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.بىرىنچىسى دۈشمەن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ياكى قورقۇنچاقلىق قىلىپ قېرىنداشلىرىغا پىكىر تەرەپتىن ئاسىيلىق قىلىپ ياشايدۇ.ئىككىنچىسى خىتايغا ياكى بىز بىلمەيدىغان دۈشمەنلىرىمىزگە مەخسەتلىك خىزمەت قىلىپ، ئىشلىرىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، مىللىي ھەركىتىمىزگە ئىچكىي جەھەتتىن ئېغىر زەربە ئۇرىدۇ.
قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا داۋانىڭ پايدا چىقىدىغان، ئاسان ۋە بىخەتەر يەلىرىگە خۇددى پارازىت قۇرۇتتەك قاتتىق چاپلىشىۋالغان بولغاچقا ئالدىراپ ئۇ يەرنى قويۇپ بەرمەيدۇ.قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلارغا مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ سىياسىي پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا دىققەت قىلساق ئېغىر سىناقلاردىن ئۆتەلمەيدۇ.مىللىي ھەركىتىمىزدىكى ياخشى ئىش، ياخشى ئادەملەرگە پەرۋاسىز قارايدۇ، ھۈرمەتلىمەيدۇ ياكى پۇرسەت تېپىپ خەلقىمىزنىڭ نادانلقىدىن پايدىلىنىپ ئابرويىنى تۆكىدۇ ۋە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.
قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلار ۋەزىيەتكە توغرا كەلمەيدىغان نا توغرىلارنى ئىتتىپاقسىزلىق ۋە ئىشەنچىسىزلىك پەيدا قىلىشتا ئەپچىللىك بىلەن ۋاستە قىلىدۇ. قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بۇ مىللىي مۇناپىقلار بەزىدە دىننى، بەزىدە مىللەتچىلىكنى، بەزىدە سىياسىينى ئۇستلىق بىلەن سۈيىستىمال قىلىپ مىللىي داۋاغا ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر زىيانلارنى سالىدۇ.
مىللىي ئىنقىلاپقا كېلىۋاتقان خەتەر، بولىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق، سېلىنىۋاتقان زىيان قاتارلىقلارنى قەستەن كۆرمەسكە سالىدۇ، مۇمكىن بولسا تېخىمۇ ئەلەۋ ئالدۇرۇپ، جانىجان مەنپەئەتلىرىمىزنى كۆزىنى قىرپىتماي كۈلگە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.
قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ساتقۇنلار دۈشمەننى ياكى دۈشمەن كۈچلەرنى ئارقا تىرەك قىلىپ ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئاتىدۇ، ھىچكىمنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھاكاۋۇر ۋە كۆرەڭ كېلىدۇ.قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلار گوروھ بولىۋېلىپ، خۇددى بىر جىنايەت شايكىسىدەك بەزىدە تۈلكىدەك نەيرەڭۋازلىق قىلىسا يەنە بەزىدە نومۇس قىلماي باشقىلارغا ئورۇنسىز تەھدىت سالىدۇ.قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلار ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالمايدۇ، دۈشمەننىڭ ئەمرى بىلەن، مەزلۇم خەلقىمىزگە دۈشمەنلىك قىلىدۇ.
قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بۇ ماڭقۇرتلار جىددىي پەيىتلەردە پېتىر ناندىن قىل ئىزدەپ ئىشلارغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، كاشىلا تۇغدۇرىدۇ ۋە داۋا قوشۇنىمىزدىكىلەرنىڭ ئىچىدە زىددىيەت ئۇرۇقىنى تارقىتىپ، تەشكىلاتلارنىڭ ۋە يېتەكچى كۈچلەرنىڭ خەلىق ئارىسىدىكى ئىماجىنى قاتتىق زىدىلەيدۇ.
قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان خەتەرلىك شەخسىيەتلەرگە تازا دىققەت قىلىپ قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ قانداق ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئاسانلا پەرىق ئېتەلەيسىز. قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بۇ پارازىت قۇرۇتلار بىر تەرەپتىن مىللىي داۋادىن پايدا-مەنپەئەت ئۈندۈرىۋېلىش كويىدا بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۈشمەننىڭ غالچىلىقىنى قىلىپ جان باقىدۇ.
قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بۇ ھارام تاماقلار بىر تەرەپتىن ئىگىسىنى يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي داۋا قوشۇنىدىكىلەرنى ئالداپ يۈرىكى پوك-پوك ياشايدۇ.قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان خەتەرلىك ئاقتاشلار خەلقىمىزنىڭ كۆزىگە گۇرۇچ دانىسىدەك كۆرۈنۈپ، مىللىي ھەركىتىمىزدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرننى بايقاپ، خەلقىمىزنىڭ قولى ئارقىلىق ۋەيران قىلىپ، خوجايىنلىرىنىڭ غالچىلىقىنى قىلىدۇ!
مىللىي ھەركىتىمىزدىكى ئىختىلاپ قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلارنىڭ پىلانلىق پەردە ئارقىسىدا كونتورۇل قىلىشى ئارقىسىدا ئاۋال ئۆكتىچى تەرەپلەرنىڭ ئۆز-ئارا مەنسەپ ۋە مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشى شەكلىدە ئورتىغا چىقىدۇ، خەلىق بۇ كۈرەشتە تەرەپ تۇتۇپ بىر-بىرىنى ۋەيران قىلىدۇ.
ئاندىن قالسا ئىنقىلاپ ئەدىئولوگىيمىزنى قوغداۋاتقانلار بىلەن يوشۇرۇن ھالدا تەشكىلاتلىرىمىزغا سىڭىپ كىرىۋالغان سېتىلمىلار ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ. خەلىق داۋاملىق پۇلى بار، ئارقا تېرىكى بار دۈشمەنلىرىگە ياردەم قىلىپ، ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلەرنى، مىللەتپەرۋەرلەرنى چەتكە قاقىدۇ! قوشۇنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلار قىلىۋاتقان گۇناھلىرىنى ساۋاپتەك، جىنايەتلىرىنى ياخشى ئىشتەك، مىللەتكە قىلغان ئاھانەتلىرىنى ئىنقىلاپتەك كۆرسۈتۈپ، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئەپچىللا نىقاپلىنىۋالىدۇ.
ئاندىن قالسا يەنە بىر ئىختىلاپ داۋاغا سىڭىپ كىرگەنلەرنىڭ دىننى سۈيىستىمال قىلغان قۇتراتقۇچىلىقى سەۋەبىدىن مىللەتنىڭ لايىق ۋە مۇتى´ئەسسىپ گورۇپپىلارغا ئايرىلىپ بىر-بىرىگە قارشى كۈرەش قىلغانلىقىدن مەيدانغا كەلىدۇ.
مەغلۇبىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبى پەقەتلام مىللىي دۈشمىنىمىز بولغان خىتايلارنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى بولماستىن بەلكى مىللىي ئىنقىلاپ ئەدىئولوگىيىمىزدىكى چېچىلاڭغۇلۇق ۋە چۇۋالچاقلىقلىرىمىزدۇر.
خەلقىمىزنىڭ نادانلىق قىلىپ، بۇ ئەچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىشى، توغرا تەرەپتە ئەمەس خاتا سەپتە تۇرۇپ قېلىشى سەپلەر ئارا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ۋەتەندە ۋە ۋەتەن سىرتىدا خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان تۈمەنمىڭ سەۋدا ئارىمىزدىكى ساتقۇنلارنىڭ ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرىدىن قايناقلىنىۋاتىدۇ.
خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر مىللىي ئىنقىلاپنىڭ جانىجان مەنپەئەتى تەرەپتە ئەمەس ئەكسىچە غەرەزلىك خەجلەڭەن پۇل ۋە سېلىنغان مول داستىرخان تەرىپتە تۇرۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەشەددى دۈشمەن كۈچلەرگە ئۆزلىرى بىلمەستىن داۋانىڭ ئىچكىي تەرىپىدىن ھەمكارلاشىپ بېرگەندەك يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار مەسەلىلەر سەۋەبىدىن قىلغان ئىشلىرىمىز ئانچە راۋاج تاپمايۋاتىدۇ!
مىللىتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان زىيالىلارىمىز بىر تەرەپتىن تەشكىلاتلىرىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەردىن بىزار بولۇپ، مىللىي داۋايىمىزغا يېقىن كەلمىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاۋام پۇخرالار نادانلىق، خۇراپىيلىق ۋە بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن يامان نىيەتلىك كۈچلەرنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە خۇددى قاسساپخانىغا ئېلىپ مېڭىلغان قويلاردەك دىرىڭشىپ يۈگىرەپ بىر-بىرى بىلەن ئۈسسۈشۈپ يول تالاشماقتا!
ھەي مىللەت سىلەرگە گەپ قىلىپ ھاردۇق! سىلەرگە خىتاپ قىلغۇدەك ئېنەرگىيمىز بارغانچە ئۇپراپ تۈگەي دەپ قالدى. ئۆزەڭلار ئويغانمىساڭلار، بۇندىن كېيىنكى كۈنۈڭلار تېخىمۇ بەتتەر بولىدۇ. ئۆزەڭلار ئۆزەڭلارنى ھۈرمەت قىلمىساڭلار، كۆزۈڭلارنى ئاچمىساڭلار، تەشكىلاتلىرىڭلارغا سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگە چىقمىساڭلار، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر ئەزىمەتلەرنى پىداكارلىق بىلەن ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپتىن ھىمايە قىلمىساڭلار جىن-شەيتانلار بېشىڭلاردا بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەر بەزمە قۇرىدۇ!
ئاللاھىم بۇ مىللەتنىڭ بەشىغا يېغىۋاتقان كۈلپەتلەرنى، خەيىر يامغۇرى ئارقىلىق يۇيۇپ تاشلىغايسەن!
ھەي ئاللاھىم دۈشمەنلەرنىڭ بىرلىشىپ ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈستىدىن قۇرغان پىلانلىرىنى بەربات قىلغايسەن! بىزگە ئىچ ئاغرىت ۋە نۇسرەت ئاتا قىلغايسەن!
07.06.2017 گېرمانىيە

Küresh Atahan
Germaniye
07.06.2017