كىچىك پلانېتادىكى مۇز ۋولقان
ناسا نىڭ «شەپەق» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ بايقىشىچە، قۇياشنى مارس بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئارىلىقىدا ئوربىتلايدىغان، ئىنگلىزچە «Ceres» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك پلانېتىنىڭ ئۈستىدىكى بىر قانچە چوڭ ئويمانلىقنىڭ ئىچىدە مۇز ۋولقان بار بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. ئۇ ۋولقانلار ئاسمانغا مۇز بىلەن پاتقاتلارنى ئېتىپ چىقىرىۋاتقانلىقى مۇمكىن ئىكەن.
(تۈگىدى)