بېرلىندىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيەلەش سىمنارىيەسى ھەققىدە
ئويلىغانلىرىم
ئاپتور: كۈرەش ئاتاخان
-ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ئاتالغۇسى سېپى ئۈزىدىن بىر قۇرۇق ئىمىزگە
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۇ قېتىم بېرلىندا ئېچىلغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنى „ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش“ تېمىسى بويىچە تەربىيەلەش سىمىنارىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى خەلقىمىز تولۇقى بىلەن بىلگەن بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى. سىمنارىيەدىن كېيىنكى رادىو خەۋەرلىرىمىز، تېلېۋىزور پروگىراممىلىرىمىز ۋە ئىنتېرنېت خەۋەرلىرىمىزگە قاراپ بېقىپ، ئۇ مەقسەتنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن سىمنارىيەدە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئېزىز ۋەتىنىمىز شەرقىيتۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرىگە بېرىپ چېتىلىدىغان تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ھەققىدە خەلقىمىز بىلەن بىر دىيالوگ شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، سىمنارىيەنىڭ ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا بۇ ماتېرىيالنى رەتلەپ چىقتىم. بۇ ماتېرتىيال داۋايىمىزغا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ پىكىر قىلىشىغا ئىلھام بۇلىقى بولۇپ قالسا ۋە يىپ- يېڭى سىياسىي ئىددىيە ۋە يىپ-يېڭى پەلەسەپىۋىي پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرغا ئېتىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
*****
سىمنارىيە باشلىنىشتىن ئىلگىركى يىغىن: خەلقارا قانۇنلاردىكى „ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش“ تېمىسى بويىچە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيەلەش سىمنارىيەسى باشلىنىشتىن بىر كۈن ئاۋال، يەنى 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان كېڭەيتىلگەن بىر يىغىن ئېچىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرى خۇلاسىلەپ ئۆتۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمىز، ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسەلىلەر ۋە كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىمىز ھەققىدە مۇھاكىمە، مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرىدە قانداق قىلىپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرىتىدىكى خەلقىمىزنىڭ جۈملىدىن شەرقىيتۈركىستانلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ مىللىي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، داۋايىمىزنى غەرىپ دۇياسىغا ئاڭلىتىش، ھازىرغىچە داۋادا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بەزى پىرىنسىپلىق مەسەلىلەرنى ھەل قىلىش شۇنداقلا ئاخبارات، نەشرىيات ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنى كۈچەيتىش مەسەلىلىرى ھەققىدە بەزى قارارلار ئېلىندى. بۇ يىغىندا ئالاھىيدە يېڭىلىقلار، پىلان ۋە ئىستراتېگىيلەر ئوتتۇرغا ئېتىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا نۆۋەتتىكى شەرقىيتۈركىستان مىللىي ھەركىتىنىڭ قانات يېيىيىشى ئۈچۈن ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىنلارنىڭ بىرى، دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ. يىغىندىن خەلقىمىزنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ساپاسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. سىياسىي جەھەتتىن ۋە ئىلمىي جەھەتتىن ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە جىددىي قارىمىساق تارىخنىڭ بىزگە يۈكلىگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمايمىز. پىكىرگە، ئەقىلگە، تەجىربىگە، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، پىلانلاش، لاھىيلەش، ئىستىراتىگىيەلەش، پروگراممىلاش، سىستېمىلاشتۇرۇش، كۆپلەپ كىتاپ ئوقۇش، تەدبىقلاش، ئويلۇنۇش، پىكىر قىلىش، ئانالىز قىلىش، خۇلاسىلەش، سېلىشتۇرۇش قاتارلىقلارغا مايىر بولۇشنى تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ئادەتلەندۈرۈشىمىز كېرەكتەك قىلىدۇ.
سىمنارىيە قاتاناشقۇچىللىرىنىڭ كوللىكتىپ ساپاسى: يىغىنغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بىر دۆلەت ئالقىنىغا چۈشكەندە، خۇددى بىر كىچىك ئاىلىنى باشقۇرغاندەك ئىدارە قىلىپ كېتەلەيدىغان قابىلىيەتنى ھازىلىشى كېرەك. ئەمما ئەمەلىي ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىمىزنى تېخىمۇ چېنىقتۇرۇشقا، بىلىمىمىز ۋە نەزەر دايىرىمىزنى كىڭەيتىشكە، خىتاي بىلەن ئۆزىمىزنىڭ، ئۆزىمىز بىلەن خەلقارا جەمىيەتنىڭ ھەر تۈرلۈك باغلىنىشلىرىنى بەلگۈلەيدىغان، مىللىي ھەركىتىمىزگە جىددىي تەسىر كۆرسۈتىدىغان ھادېسىلەرگە ئوبيېكتىپ باھا بېرەلەيدىغان سەۋىيەنى ھازىرلىشىمىزغا توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ. ترىشمىساق، قابىلىيەت ئىگىللىرىنى تەربىيەلەپ چىقىپ، داۋا يېتەكچىللىرىنى كەسپىيلەشتۈرمىسەك، قىلغان ئىشلىرىمىز سىياسىي مەقسەتلىرىمىزگە پايدىسىز بولۇپ چىقىدۇ.ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا ئۆزىمىز پۇختا بولمىساق، مەنمەندارلىق، ھاڭۋاقتىلىق، خۇراپىيلىق ۋە ھورۇنلۇق قىلساق كېيىن ئەپسۇسلىنىپ قالىمىز. ئۆزىمىز باش قاتۇرمىساق شاراېتنى باشقىلار بىزگە ھەرگىز ھازىرلاپ بەرمەيدۇ.
سىمنارىيەنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (ۋۇچ)، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى(ئۇنپو) ۋە مىللىي دېموكىراتتىك ئاڭنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى (نەد) قاتارلىق ئۈچ تەشكىلاتنىڭ ساھىپخانلىقى بىلەن ئورگانىزە قىلىنغان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيەلەش سىمنارىيەسى 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 21- كۈنى گېرمانىيە باشبالىقى بېرلىن شەھەرىدە رەسمىي باشلاندى. بۇ سىمىنارىيەگە 16 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەيىسى ۋە مۇاۋېن رەيىسلىرى، ئىجراھىيە كوممېتىتى رەيىسى ھەم ئەزالىرى ۋە شەرقىيتۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەيىسلىرى شۇنداقلا خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. بۇ سىمنارىيەگە قاتناشقانلار ئىچىدە يەنە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ خەلقارا قانۇنلار ئۈستىدە مەخسۇسۇ ئىزلىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان پروفەسسورلىرى قاتارلىقلارمۇ بار.
بۇ سېمىنارىيەدىكى چوڭ تېمىلار: 1) خەلقارا قانۇنلار ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ھەققىدە چۈشەنچىلەر؛ 2)ئاپتونومىيە، فەدراتسىيە ۋە كومفەدراتسىيە دېگەن ئاتالغۇلارغا ئىزاھات- بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆرنەك ۋە مىساللار؛ 3) مىللىي تېرىتورىيە ۋە خەلقارادىكى ۋاكالەتچىلىك- مىللىي كىملىك ۋە ئۇنىڭ گلوبال ئىنكاسى؛ 4)خەلقارا ئەھدىنامىلارغا ئۇيۇشۇش ۋە ئېتنىك گروپپىلارنىڭ رولى-كەلگۈسىگە يول ئېچىش- دۆلەت ھالقىغان مىللىي ھەركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ رولى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. پىكىر قىلىدىغان ئادەم ئۈچۈن يوقارقىلارنىڭ بۇ قېتىمقى سىمنارىيەدە ئالاھىدە تېما قىلىپ تاللانغانلىقى ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈدۈ.
بۇ سىمنارىيەدە شەرقىيتۈركىستان تەشكىلاتلىرىدا ھەر تۈرلۈك ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارغا لىكسىيە سۆزلىگەن شەخىسلەر ۋە تېمىلارنىڭ تىزىملىكى: 1) رابىيا قادىر خانىم ( دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەيىسەسى، خەلقارا كىشلىك ھوقۇق پاالىيەتچىسى.):ئېچىلىش نۇتقى؛ 2) مارىنو بۇسداچىن ( ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىۋى):ئېچىلىش نۇتقى؛ 3) ئۇلرىش دەلىۇس ( خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى مەسۇلى):ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش-شەرقىيتۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ۋە خەلقارالىق ھىمايىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ 4) ئاننا باتاللا خانىم (بدت ئىنسان ھەقلرى ئالىي كومىسىونى ئەمەلدارى): ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەشنىڭ خەلقارا ئەدەلىيە سېستىمىسىدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە بۇ قانۇننىڭ يۈرگۈزۈلىشىگە ئايىت پۇرسەتلەر ۋە توسالغۇلار؛ 5) ھانس ھەىنتزە ئەپەندى ( خەلقارا تىنىچلىق ۋە قۇراللىق توقۇنۇش قانۇنى ئىلمىي تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ باشلىقى):خەلقارا قانۇنلاردىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش پىرىنسىپى خېيىم-خەتەرگە تولغان بىر توزاق؛ 6) مىچاەل گىبب ئەپەندى( ئوخفورد ئۇنىۋېرسىتىتى پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى): جۇمھۇرىيەت(ئاپتونومىيە)گە ئوخشاپ كېتىدىغان تۈزۈملەر- كۆپ مىللەتلىك رايونلار ۋە دۆلەتلەرنى باشقىچە سېستىمىلاشتۇرۇش: فېدراتسىيە، مەدەنىيەت ئاپتونومىيەسى ۋە كومفېدىراتسىيە ؛ 7) پېدرو پىنتو لەىتە ئەپەندى ( خەلقارا شەرقىيتىمۈر مەسەلىسى قانۇن مۇنبېرىنىڭ باش كاتىۋى): ئۆز-تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ھوقۇقى-شەرقىيتىمور، غەربىي ساھارا ۋە غەربىي پاپۇنا مەسىلىلىرىدىكى سېلىشتۇرمىلار؛ 8) موھامەد داار ئەپەندى:( سومالىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى): ئۆرنەك مىسال- سومالىي، پۇرسەتلەر ۋە رىقابەتلەر؛ 9) كەن كوستيو ئەپەندى ( دېموكىراتىيەنى يەرشارىلاشتۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ كېلىشتۈرگۈچىسى): خەلقارادا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكىراتىيەلەشتۈرۈش- تەجىربە ساۋاقلار ۋە مىللىي ھەركەتلەردىكى تەخىرسىزلىكلەر؛ 10) گراھام بروۋن ئەپەندى (ئوخفورد ئۇنىۋېرسىتىتى تەڭسىزلىك، ئىنسان بىخەتەرلىكى ۋە ئىرىقداشلىق تەتقىقات مەركىزى): ئاسىيا ۋە ئىسلام دۇنياسىدا مىللىيەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە مىللىيەتچىلىكنىڭ مىللىي ھەركەتلەرنىڭ خەلقارادا قانۇنلىشىپ بېرىشىغا كۆرسۈتىدىغان تەسىرى؛ 11) ماركو پەردۇكا ئەپەندى ( ئىتالىيە پارلامېنت ئەزاسى، رادىكاللار پارتىيەسىدىن): خەلقارادا مىللىي كىملىك- ياۋروپا ئىتتىپاقى(ئەۇ)نىڭ ئىرقچىلىق ۋە مىللەتچىلىككە تۇتقان تۇتامى ۋە خىزمەت پىرىنسىپلىرى؛ 12) لىاۋ ران ئەپەندى ( خەلقارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى يېتەكچىسى، خىتاي. ): خىتاي دۆلىتىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئاممىۋىي ھەركەتلەرگە كۆرسۈتىدىغان ئەكىس تەسىرى- چىرىكلىكنى يوقۇتۇش تەدبىرلىرى؛ 13) جوشۇا كووپەر ئەپەندى ( ھاۋاي ئىنسان ھەقلىرى ئىلمىي جەمىيىتىدىن): ئەۇ ۋە بدتغا ئوخشاش خەلقارا مۇنبەرلەرگە ئىشتىراك قىلىش- خەلقارا قانۇنلار ئاساسىدا ئىش كۆرۈشتىن باشلاش زورلۇق ئىشلىتىشنى ئاساسىي كۈن تەرتىپكە قويىۋالماستىن مىللەتنى نىجاتلىققا باشلاش-خەلقارادا ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق غۇلغۇلا قوزغاش ؛ 14) يۈ ۋەن چەن ( تەيۋەنلىك خىتاي ئايال، كونستانتز ئۇنىۋېرسىتىتى پەلەسەپە فاكۇلتىتىتى ئوقۇتقۇچىسى ):تەيۋەن ۋە 2008 دىكى ئولىمپىككە قارشى كومپانىيە- ئولىمپىكقا قارشى يېڭى ئىجادىي ھەركەتلەرنى قانداق قانات يايدۇرۇش؛ 15) سەەمىس سايفەە خانىم ( ئامېرىكىدىن، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتى): خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى- گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئىستىقبالى ؛ 16) ئالبرەچت گۆرىڭ ئەپەندى ( خەلقارا قانۇن ۋە شەرقىيتۈركىستان مەسەلىسى مۇتەخەسىسى ):خىتاي دۆلىتى ۋە ئولىمپىك:يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئەمىلىي باھا.
بۇنىڭدىن دۇنيانىڭ شەرقىيتۈركىستان مىللىي ھەركىتىگە زادى قايسى تەرەپتىن قاراۋاتقانلىقىنى، بىز ھەققىدە نىمىمەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، بىزنىڭ كېلىچىكىمىزنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. يوقارقىلارغا بىزنىڭ ھاكىمىيەت ھەققىدىكى، سىياسەت ھەققىدىكى، ئىنقىلاپ ۋە سىياسىي كۈرەش ھەققدىكى، پەلەسەپىۋىي چۈشەنچە ۋە ئىنسانىي ئالاھىدىلىكلىرىمىز ھەققىدىكى ئىنكاسلار يەنى تەنقىت ۋە مەدىھىيلەر سىڭگەن.
خەلقارا جەمىيەتنىڭ شەرقىيتۈركىستان مىللىي ھەركىتى ھەققىدىكى تۇتامى: خەلقارالىق تەشكىلاتلار، كۈچلۈك دېموكىراتتىك دۆلەتلەر ۋە مىللىي مەسىلىلەرگە قىزىققۇچى مۇتەخەسىسلەر شەرقىيتۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرغان. بۇ ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ سىياسىي تەقدىرىدە ئۆزگۈرۈش بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پىكىرىدە سىياسىي تەقدىرىمىز ئۈستىدە ئوينىلىۋاتقان بۇ غايەت زور ئاغرىق ئازاۋىغا تولغان تېراگەدىيەنىڭ باش رولىنى ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قانداق بولىشى، بۇ دىراممىنىڭ تاماشىبىنلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى ياكى قارشى ئېلىنىشىغا باغلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇلار بىردەك شەرقىيتۈركىستانلىقلارنى كۈچلۈك دۆلەتلەرنى دۈشمەن تۇتىدىغان ھەركەتلەرگە قاتنىشىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە، خىتاينىڭ شەرقىيتۈركىستانلىقلارنى باستۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان خاتالىقلاردىن ساقلىنىشقا، ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەنمەيدىغان ياكى بىر قىسىم جەھەتتىن بولسىمۇ شەرقىيتۈركىستانلىقلارغا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان تەقدىرگە ئىگە خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن پاراللىل شەكىلدە ماسلىشىپ ھەركەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى. ئۇلار كۈچلۈك شەىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاجىز شەيىلەردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى، كۈچۈيىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان ھەرقانداق بىر ئاجىز شەيىگىمۇ سەلقارىماسلىقنى، ئىچكىي ۋە تاشقىي جەھەتتىن بىرمۇ دۈشمەننى ئوچۇقتىن ئوچۇق كۆپەيتىۋالماسلىقنى، كۈچىيىشنى ئويلىغانلار ئاجىزلارنى ئەتراپىغا توپلاش بىلەن بىرگە قارشى تۇرماقچى بولغان كۈچنى بەربات قىلالايدىغان سۇپەر مىللەتلەر بىلەنمۇ ئىتتىپاق تۈزىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.
مۇتەخەسىسلەر: خەلقارا جەمىيەت شەرقىيتۈركىستان مىللىي ھەركىتىنى ھەققانىي ھەركەت، دەپ قارايدۇ. ئۇلار يەنە بۇ ھەركەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن، خەلقارا قانۇنلار ئاساسىدا كۈچلىنىشىنى، شەرت-شاراېت پىشىپ يېتىلگەندە ئىچكىي ۋە تاشقىي جەھەتتىن ماسلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئەڭ ئاۋال ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەشۇنداق بىر ھەركەتكە تەييارلىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار ئۆرنەك سۈپىتىدە، شەرقىيتۈركىستان مىللىي ھەركىتىنىڭ غەلبە قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەلۇم بىر تەرەققىيات باسقۇچىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېلىمېنت سۈپىتىدە بۇ قېتىمقى تىبەت ھەركىتىنى ئىجابىي مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشتى.
مۇتەخەسىسلەر: خەلقارا قانۇنلارنىڭ قۇرۇلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەمەس مەۋجۇت دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش شەرتى ئاساسىدا كىشلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى، ھاكىممۇتلەق بىر مىللەتنىڭ ئىزىشى ۋە خورلىشىغا ئۇچراۋاتقان، بېسىۋېلىنغان بىر مىللەتنىڭ ئازاتلىق كۈرىشىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق قوللايدىغان قانۇننىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ ئاۋال ئۇلار ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەركەتنىڭ تەخىرسىزلىكىنى خەلقاراغا ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇ مىللەتنىڭ ئازاتلىق كۈرىشىنىڭ شۇڭىمۇ ئاغرىق ئازاۋىغا ۋە قان-ياشقا تولغان تېراگىدىيلىك باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولغاندىلا خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنىي داۋاغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا يەنى داۋا ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە قانۇنىي ئۆتكەللەرنى بۇزۇپ تاشلاپ ياردەم قىلىدىغان كۈچلەرنىڭ ئاندىن بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
مۇتەخەسىسلەر: خەلقرا قانۇنلاردا بېكىتىلگەن „ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش“ دېگەن مەزمۇننىڭ ئاجىز مىللەتلەر ئۈچۈن بىر سىرىتماق ئىكەنلىكىنى، كۈچلۈك ۋە كۈچلىنىۋاتقان مىللەتلەر ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرغا قويدى. ئۇلارنىڭچە بولغاندا تارىختا ھەرقانداق بىر زوراۋان مىللەت مەلۇم بىر مىللەتكە ئۆزلىگىدىن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي ھەق ھوقۇق بەرگەن ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە يوگۇسلاۋىيەدىكى ھازىر مۇستەقىل بولغان مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى رۇسلار ۋە سېرىبلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئاۋاللا ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىش تەلىۋىدە كەسكىن تۇرالىغانلىقى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل بەدەل تۆلەپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيىتى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تونىغان. ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئاپتونومىيە ۋە جۇمھۇرىيەت ھوقۇقلىرىنىڭ ئىتتىراپ قىلىنىشى، كېيىنكى چاغلاردا بۇ مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولىشى يەنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلىشىگە ئۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن.خەلقارا قانۇنلاردىكى „ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش“ مۇتەخەسىسلەر نەزىرىدە بىر تۇيۇق يول بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنى بايراق قىلىپ كۆتۈرۈپ چىققان مىللەتلەر ئىچىدە، شۇ قانۇنغا تايىنىپ تۇرۇپ مۇستەقىل بولغانلار يوقكەن. ئەمما داۋانىڭ دەسلەپكى باسقۇچى يەنى كۈچۈيىش باسقۇچى چوقۇم بۇ قانۇن ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەككەن. مۇتەخەسىسلەر مىسال سۈپىتىدە شەرقىيتىمۈر، غەربىي ساھارا، شەرقىي پاكىستان، كوسوۋو، تىبەت ۋە ئاڭسان سۇچى يېتەكچىلىك قىلغان بېرما مىللىي ھەركىتى، سىپىرۇس مەسەلىلىرىنى تىلغا ئالدى. ئۇلار 40-50 يىللاردىن بېرى „ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش“ پىرىنسىپلىرىدا داۋا ئېلىپ بارغان ۋە داۋانىڭ مەلۇم باسقۇچىغا كەلگەندە ئاندىن خەلقارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولۇشى ۋە بەزى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئەسكىرى ياردىمى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرىگە يەتكەن. شەرقىيتتىمۈرنىڭ مۇستەقىللىغى ئۈچۈن ئاۋۇسترالىيە، شەرقىي پاكىستان(باڭگىلادىش )نىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئەڭىلىيە، غەربىي ساھارانىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالجىرىيە، بېرما مىللىي ھەركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا، كوسسوۋونىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قاتارلىقلارنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى، چەچەنىستان، پەلەستىن ۋە سىپرۇس مەسەلىلىرىنىڭ خەلقارا سىياسىي كۈن-تەرتىپتىكى سەۋىيەنى تولىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەش شەكلىدە ھازىرلىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.ئۇلار يەنە خىتاي، ئەرتىرىيە، ماراككو، رۇسسىيە، زەللاندىيە، بېرمىدىكى دىكتاتۇر ھاكىمەيەت ئاستىدا ئەسىرلەپ مىللىي زۇلۇم ئاستىدا قالغان خەلقللەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقىشىمىزنى بىزگە ھاۋالە قىلدى.
مۇتەخەسىسلەر: 19-ئەسىردىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش جەھەتتە ئۇتۇق قازانغانلىقىنى، يەنە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە توختىماي مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىچە بەزى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولىشى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلىيەلىشى پەقەت ئىچكىي ئامىل تەرەپتىن بەلگۈلەڭەن بولماستىن، كەڭ خەلقارا سىياسىي ئاتموسپىرا ۋە ھاكىم مۇتلەق مىللەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە مەھكۇم مىللەتنىڭ مىللىي ھەركىتىنى، ھۆكماران مىللەتكە قارشى تۇرىدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ قوللىغانلىقى سەۋەپلىك بولغان. مىسال ئۈچۈن پەلەستىن، چىچەنىستان، كوسوۋو قاتارلىقلارنى كۆرسەتتى.
مۇتەخەسىسلەر: سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ۋە يوگۇسلاۋىيەدىكى ھازىر مۇستەقىل بولغان مىللەتلەردىن بىرەرسىنىڭ بۇ دۆلەتلەر غۇلاپ چۈشۈشتىن ئاۋال قۇرال كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىل بولۇش ئىھتىماللىقىنىڭ يوقلىقىنى، ئۇ دۆلەتلەر كىرزىس ئىچىگە پاتقاندىن كېيىن بولسا بارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي ھەركىتىنىڭ غەلبە قازانغانلىقىنى، مىللىي ھەركەتنىڭ غەلبە قىلىشىنىڭ شەرتلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى يوقاتماسلىق، ھۆكماران مىللەت سىياسىي جەھەتتىن كىرزىسقا پاتماي تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق سەپەرۋەر قىلىنغان قۇراللىق ھەركەتكە ئاتلىنىپ قېلىشنىڭ ئېغىر تىراگىدىينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئەڭ ياخشىسى خەلقارا قانۇنلار يول قويغان دايىرىدىن بەك چىقىپ كەتمەي، دۈشمەن مىللەتنىڭ ئاجىزلىشىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان چوڭ- كىچىك كۈچلەرنىڭ ھەركىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پايدىلىق پۇرسەتلەرنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى تىزلىتىش ئۈچۈن ئىگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئەمما ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خىتاي پروپىگانداسىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئەل-قايىدىچىلەر مەسەلىسىنى ئەزۋەيلەپ كەتمىگەن بولسىمۇ ئالاھىدە نازۇك تېما سۈپىتىدە، خەلقارا ئېقىمغا ۋە شەرقىيتۈركىستان مىللىي ھەركىتىگە قارشى مەسەلە سۈپىتىدە تىلغا ئالدى.ئۇلار ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەركەتلىرىنىڭ سەۋەپچىسى خىتاي دۆلەت تېرورى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ خەلقارا قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ، مىللىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بەرىشىغا باھانە –سەۋەپ بولىدىغان ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى كۈچ-كۆرسۈتۈشنىڭ شەرقىيتۈركىستان مىللىي ھەركىتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، دۈشمەڭە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى خەلقاراغا ئاقلاپ كۆرسۈتەلەيدىغان شەكىلدىكى ھەرقانداق بىر پاالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.
مىللىي ھەركەتلەرنىڭ غەلبىسى ۋە مۇۋەپەققىيىتىدە كۆپراق مىسالغا كەلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋە سابىق يوگۇسلاۋىيەدىكى كېيىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەردىن باشقا شەرقىيتىمۈر، غەربيى ساھارا، چېچىنىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق رايونلاردىكى مىللىي ئىنقىلاپلارمۇ ئالاھىدە مىسالغا ئېلىندى.بۇ سېمنارىيە ئارقىلىق ھەرقانداق بىر داۋانىڭ داۋاگەرنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى، ئازاتلىق ۋە ھۆرلۈكنى يېلىنىپ يالۋۇرۇش، كۆز-يېشى قىلىش ۋە دەرت تۆكۈش بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىش، بەدەل تۆلەش ۋە قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن پىلانلاش، پۇرسەتنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى ئويغۇتۇش، خەلقارا جەمىيەتكە ئۆزىنىڭ قان- ياشقا تولغان تارىخىنى ئاڭلىتىش، بۇ ھەركەتكە ھەممىلا ئادەمنى ئۆز لايىقىدا سەپەرۋەر قىلىش لازىملىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
خەلقارا قانۇندىكى „ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش“دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئەڭلىسچىسى „سەلف دەتەرمىناتىون“ بولۇپ، گېرمانچىسى „سەلبستبەستىممۇڭ“ دۇر. بۇنىڭ مەنىسى (نوپۇسى 10، 000، 000 دىن ئاشىدىغان) شەرقىيتۈركىستانلىقلارغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تارىخ، تېرىتورىيە، تىل-يېزىق، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقات ۋە يەرلىك ئۆرپى-ئادەت جەھەتتىن ئۆزىگە خاس ئالاھىيدىلىكى بولغان ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ ھازىرچە ئۆزى تەۋە بولغان دۆلەتتىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىش ياكى ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلىنغان مەلۇم بىر خىل شەكىلدە ( ئاپتونومىيە، فەدراتسىيە، ۋە كومفېدراتسىيە) بىرگە ياشاش مەسەلىسىدە ئۆز ئالدىغا ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش شەكلى بىلەن قارار چىقىرىشنى كۆرسۈتىدۇ.خەلقارا قانۇنلاردا تىلغا ئېلىنغان „ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش“ تېمىسىدا „يەرلىك مىللەت“ ۋە „ ئاز سانلىق مىللەت“ دېگەن ئىككى كەلىمە ئۇچرايدۇ. يەرلىك مىللەت دېگەنلىك ئەڭىلىز تىلىدا „ئەندوگەنوۇس پەوپلە“ دېگەنلىك، گېرمان تىلىدا “ ئەندوگەنوۇس بەۋولكەرۇڭ“ دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ئەلمىساقتىن شۇ جۇغراپىيىلىك زۇننىدا ياشاپ كەلگەن خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ يەنى شەرقىيتۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر نەسىللىك خەلقلەر يەرلىك مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلقارا قانۇنغا ئاساسەن ئۆز-تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش يەنى مۇستەملىكىدىن ئايرىلىپ ياشاش ئۈچۈن قانۇنىي داۋا ئېلىپ بېرىش ۋە مىللىي ئازاتلىق ھەركەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ھەقلىرى بولغان بولىدۇ.ئاز سانلىق مىللەت دېگەنلىك: بىرىنچىدىن باشقىلارنىڭ مىللىي تېرىتورىيىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان شەرقىيتۈركىستاندىكى خىتاي، ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلار ۋە گېرمانىيەدىكى ئىتالىيان قاتارلىقلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان مىللەتلەرنى كۆرسۈتىدۇ. ئىككىنچىدىن ئۆز زىمىنىدا ئاسسىلىماتسىيەگە ئۇچراش تەبىي ئاپەتلەر ۋە كۆچمەنلەر سەۋەبىدىن ئاز سانلىققا چۈشۈرۈلۈپ قويۇلغان خەلقلەرنى كۆرسۈتىدۇ. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى „يەرلىك مىللەت“ دەپ ئاتىماي „ئاز سانلىق مىللەت“ دەپ ئاتىشى، ۋە تارىخ، تىل-يېزىق، دىنىي ئېتىقات، نوپۇس ئېكولوگىيىسى، ماارىپ ۋە تەبىېي كۆپۈيۈش تەرەپلەردىن مىللىي كىملىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتىشى قاتارلىق ھادېسىلەرنى، خەلقارا قانۇنلاردىكى خىتاينىڭ كىڭەيمىچىلىكى چەكلەپ تۇرىدىغان ئايرىم ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاينىڭ سېستىمىلىق ۋە پروگراممىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىگە، خەلقارا قانۇنلاردىكى جاۋاپكارلىق ئورنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتىن ئىبارەت مىللىي پىسسىخىكىسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خىتايلارنىڭ شەرقىيتۈركىستان خەلقىنى ئەتنىك ۋە كۇلتۇر تەرەپتىن يوقۇتىۋېتىشتىن ئىبارەت قارا نىيەتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر: ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر نەسىللىك خەلقلەر شەرقىيتۈركىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغانلىقتىن ئۇلار كىيىنكى 10-20 يىللاردا ئېلىپ بارغان ھەرقانداق قۇراللىق كۈچ كۆرسۈتۈش ھەركەتلىرى خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن „ تېرورىزىم“ ، „ بۆلگۈنچى „ ۋە „ رادىكال ئىسلامچى“ قالپىقى بىلەن قارىلانمىدى. خەلقارا جەمىيەت بىر پۈتۈن مىللەت مىللىي ئىرادىسىگە پۈككەن خەلق ھەركىتى سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىققان ھەرقانداق ھەركەتنى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا ئوخشاش قارىلىمايدۇ، ئۇنى كىشلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ھەقلىرىنى قوغداش يولىدىكى ئىنقىلاۋىي ھەركەت يەنى ئازاتلىق ھەركىتى، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن خەلقارا قانۇنلاردىكى „ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش“ دېگەن ئاتالغۇنىڭ ھەربىر مىللىي مەسىلىگە يولۇققان خەلقلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مەنىسىنى ھەر خىل چۈشەڭىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەت سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەنىۋىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىپ، ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن بولسا ياكى قۇراللىق كۈچ بىلەن تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكۈدەك ئەمەلىي ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولسا، ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان ھەركەتلىرى خەلقارا قانۇننىڭ شۇ ماددىللىرىدىن كۆرە قانۇنلۇق؛ ئەگەر مەسەلىنى ئۇخىل شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىش شەرت-شاراىتى ھازىرلانماستىن، تىنچلىق ۋە دېموكىراتتىك بىر تەرەپ قىلىش مىتودى چەتكە قېقىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى، ماددىي ۋە مەنىۋىي مەنپەەتلىرىگە زىيان سالىدىغان شەكىلدە ئوتتتۇرغا چىققان بولسا، ئۇ خەلقارا قانۇنننىڭ ئەسلىدىنلا بار بولغان چوڭ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا تۈزۈلگەن ماددىلىرى ئاساسىدا خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن ئەيىپلىنپلا قالماي ئەكسىچە مەۋجۇت دۆلەتنىڭ ئېغىر باستۇرۇشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.
مۇتەخەسىسلەر: مىللىي زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنى ئۈچكە ئايرىدى. 1) مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان، دۆلىتىنى يوقۇتۇپ قويغان خەلىقلەر، 2)يەرلىك خەلقلەر، 3) ئاز سانلىق مىللەتلەر. خەلقارا قانۇنلاردا مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ھەركەت دايىرىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭكىدىن بىر ئاز كەڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەركەتلىرىنىڭ ئانچە چەكلىمىگە ئۇچراپ كەتمەيدىغانلىقى، ئۇلار ئېلىپ بارغان ھەركەتنى، خەلقارا جەمىيەت ۋە ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر ھەققانىي ھەركەت، دەپ قاراشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ داۋانى خەلقاراغا قانۇنىي ئېتىراپ قىلدۇرۇشنىڭ بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىر باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇلار مىسال كەلتۈرۈپ، خەلقارا جەمىيەتنىڭ تىبەت مىللىي ھەركىتىنى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەركەت دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، گەرچە شەرقىيتۈركىستاننىڭ ئەھۋالى تىبەتنىڭكىدىن تېخىمۇ كەسكىن ۋە تېخىمۇ تىراگىدىيىلىك بولىشىغا قارىماي، خەلقاراغا تونۇلالمايۋاتقانلىقىنى، تونۇلغان تەقدىردىمۇ تېخى قانۇنلۇق بىر داۋا، دەپ دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقىنى، تىرىشقاندا ئۇزاققا قالماي نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ شەرقىيتۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتنىڭ خەلقارا جەمىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردىمى بىلەن تېخىمۇ يۈرۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئالايىدە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بولغىنى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان خەلق بولسىمۇ، خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن شۇنداق ئىكەنلىكى ئىتتىراپ قىلىنمىغان. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى شەرقىيتۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى بولسىمۇ، خىتايلار بۇنى ئىتتىراپ قىلمىغان، ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى شەرقىيتۈركىستاندا كۆپسانلىقنى ئىگىللىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ بىشەملىكى ۋە كۆچمەن كەلكۈنى سىياسىتى ئۇلارنى ئاز سانلىق مىللەت كاتېگورىيسىگە چۈشۈرۈپ قويغان. خىتاي شۇنداق قىلىش ئارقىلىق مىللىتىمزگە پايدىلىق بولغان خەلقارا قانۇنلارنىڭ ئۆتكەللىرىدىن بىخەتەر ئۆتىۋېلىپ، دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنى باستۇرۇشنى خەلقارادا قانۇنلاشتۇرىۋېلىشنى ئويلۇشىۋاتىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر يەنە خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك ھېلىمىكىرلەرنى ئىشلىتىپ خەلقارادا باش كۆتۈرىۋاتقان دېموكىراتىيەلىشىش ھەركىتىگە زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان سىياسىي تەقدىرگە ئىگە خەلقلەرنىڭ مىللىي ھۆرىيىتىنى قولغا ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. مىسال سۈپىتىگە شاڭخەي ئاڭلاشمىسى تەشكىلاتى، دارفور مەسەلىسى، چېچەنىستان ۋە ئابغازىيە مەسەلىسى، گۈنەي ئازەربەيجان مەسەلىسى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى.
مۇتەخەسىسلەر: شەرقىيتۈركىستان مىللىي ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇشنى خەلقارانىڭ ۋە خىتاينىڭ قانۇنىي پىرىنسىپلارغا ئۇيىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىشنىڭ زەرۈرىيىتىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇلار تەكىتلەپ خىتاينىڭ بدتنىڭ ئەزاسى، دايىمى ئەزاسى، خەلقارا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي ئاڭلاشمىسىنىڭ ئەزاسى ۋە شەرقىيتۈركىستان يەنى خىتايلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، دەپ ئاتايدىغان رايوننىڭ قانۇنىي جاۋاپكارى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھادىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان خەلقارا قانۇنلار، خەلقاراغا تونۇلغان ئاپتونومىيە ھەققىدىكى پىرىنسىپلار ۋە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بېرىپ چېتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. خىتايلار خەلقارا تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشتىن ئاۋال، ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ خەلقارا جەمىيەت ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇ قانۇن ۋە پىرىنسىپلاردا ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ماددىلارنىڭ يوقلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىنلا، خەلقارا نىزاملارغا قول قويغاندىن كېيىن يوقارقى تەشكىلاتلارغا ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئەمما قانۇن ۋە ئىمزالار قەغەز يۈزىدە قېلىپ، مۇستەملىكە رايونلاردىكى ۋە يەرلىك خەلقلەر ياشايدىغان جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ مىللىي زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى بىر ئەمىلىيەت بولسىمۇ، ماددىي ۋە مەنىۋىي پاكىتلارنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ زوراۋانلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ھەققانىي داۋانى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ تەرەپلەردىكى ئاجىزلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقارا جەمىيەت بىلەن يېتەرلىك دەرىجىدە ماسلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.خىتايلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەرگە پۇختا تەييارلىنىش، يېڭىلىپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنى سۆھبەتكە مەجبۇرىي قىستاپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، ئۇنىڭ ئۈچۈن قوللانغان بارلىق ۋاستىلەرنى قانۇنلۇق كۆرسىتەلەيدىغان شارايېت ھازىرلاش قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئالدى. ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى، بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى، بارەن ئىنقىلاۋى، غۇلجا ئىنقىلاۋىي، ھوتەن نامايىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەركەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ مىللىي داۋايىمىزغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىنى چۈشىنىۋالغىلى بولاتتى.
مۇتەخەسىسلەر: قۇراللىق كۈرەش يولى بىلەن تەنچلىق شەكىلدىكى كۈرەش يولى ھەققىدە توختۇلۇپ، ھازىرقى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا تىنچلىق يولى بىلەن مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە كۆپرەك ئىزلىنىپ بېقىشىمىزنى، خىتايلار بىلەن ھەر تۈرلۈك دىيالۇگلارنى ئوخشىمىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىپ، مىللىي ھەق- ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە ئىزلىنىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى، بۇ جەھەتتە خەلقارا جەمىيەتنىڭ ھەرۋاقىت ياردەم قىلىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇلار يەنە شەرقىيتۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە ھەل قىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان مەسەلىسى مۇستەقىللىقتىن ئاۋال مەۋجۇتلۇق مەسەلىسى ئىكەنلىكىنى، مەۋجۇتلۇقنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق پاالىيەتلەرگە خەلقارا جەمىيەتنىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئەگەر بۇنى خاتا دەپ قارىسىڭىز مىللىي ئەركىنلىكىڭىز ئۈچۈن قۇرال كۈچىگە ھاۋالە قلسىڭىزمۇ بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇ خىل شارايېتىڭىزنىڭ ھازىرلانغان ياكى ھازىرلانمىغانلىقى، ھۆرىيەتكە ئېرىشىشىڭىز ياكى ئۆز خەلقىڭىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشىڭىزدىن ئىبارەت ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە 50 يىلدىن بېرى قۇرال كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ غەلبە قىلىپ باقمىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى. ئۇلار قۇراللىق كۈرەش يولىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى، ھەر بىر داۋاگەرنىڭ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە يارىشا ھەرىكەت پىلانىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولدى.بىز كىم، ھازىر نېمە قىلالايمىز، خەلقىمىزنىڭ قانچىلىك ئەمىلىي كۈچىبار، ئەتىكى پىلانىمىز نېمە، قايسى يول بىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ؟…دېگەن مەسەلىلەردە ئويلۇنىشىمىزنى ھاۋالە قىلدى.مۇتەخەسىسلەر شەرقىيتىمۈر ۋە شەرقىيتۈركىستان مەسەلىسىنى سېلىشتۇرۇپ، شەرقىيتۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ ھەل بولىشىغا ناھايىتى ئۈمۈتۋار قارايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتىمۇ شەرقىيتۈركىستان داۋاسىنىڭ قانۇنلۇق بىر دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋاسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى خەلقارا كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈشنىڭ ئانچە تەس ئەمەسلىكىنى ۋە خەلقارا قانۇنلاردا بۇ خىل شەرتلەرگە چۈشىدىغان خەلقلەرنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ بەزى يەرلىك مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭكىدىن ئاسانغا توختايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بوشاشماس مىللىي روھ ۋە دۈشمەڭە پۇرسەت ۋە يول بەرمەيدىغان ئىستراتىگىيلىك پىلان ۋە تاكتىكىلارنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.
مۇتەخەسىسلەر: شەرقىيتۈركىستان مىللىي ھەركىتىدە تەشۋىقات، تەتقىقات ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە بدت ۋە ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىيتۈركىستاندىكى íرقىي ۋە كۇلتۇرال قىرغىنچىلىققا ئايىت، خەلقارا ئەھدىنامىلەرگە ۋە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەسەلىلەرگە ئايىت مەلۇماتلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە بدتنىڭ دايىمى ئەزالىرىنىڭ سانىدا بولىدىغان ئۆزگۈرۈش ۋە خىزمەت تەرتىۋىدە بولىدىغان ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ شەرقىيتۈركىستان داۋاسىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەسەلىلەرنىڭ يىلدا بىر قېتىم قاراپ چىقىلىدىغان بولسا ئەمدى يىلدا 3-4 قېتىم قاراپ چىقىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى، يېڭى-يېڭى پاكىتلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زۇلۇمىغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، شەرقىيتۈركىستان مەسەلىسىنىڭ بالدۇرراق ھەل بولىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇلار يەنە شەرقىيتۈركىستان مەسەلىسىنىڭ ھازىرغىچە دبت دە رەسمىي شەكىلدە مۇزاكىرىگە قويۇلمىغانلىقىنى، بۇ مەسەلىنىڭ پەقەت بدت ئىنسان ھەقلىرى يۈكسەك كوممېسىيونىدا چەكلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ماسلىشىپ بېرەلىسە ئۇزاققا قالماي بدت دا تەيۋەن ۋە تىبەت مەسەلىسىگە ئوخشاشايدىغان شەكىلدە رەسمىي مۇزاكىرىگە قويۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئىلگىرى بدتدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى مۇستەققىل مىللەتلەر بىلەن بىر مەيداندا خەلقارا مەسەلىلەرنى ھەل قىلىش يىغىنلىرىغا قاتنىشالايدىغان ئۇيغۇرلاردەك مىللەتلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارمۇ بار بولدى. ئۇلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشىدۇ. ئۇيغۇرلار تىرىشچانلىق كۆرسەتسە ئۆزىنىڭ ۋەكىلىنى بدت دا ئولتۇرغۇزالايدىغان خەلقارا ۋە ئىچكىي مەسەلىلىرى ھەققىدە ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ، دېگەن ماساگلارنى بەردى. ھازىر بدتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى يۈكسەك كونسەيىدە 47 مىللەتنىڭ ۋەكىلى بار بولۇپ، ئىلگىركىدەك خىتاينىڭ ئۆزىنى پەردازلاپ كۆرسىتىدىغان، ئارقا ئىشىك بىلەن مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئاۋازىنى سېتىۋالىدىغان دەۋرىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنىمۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاسىنى ئاڭلىتىشتا تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇلار يەنە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردەك مىللەتلەرگە بولىدىغان ئۇۋالچىلىقنىڭ ئاز بولىدىغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشتى….
*****
يىغىنچاقلىغاندا كەڭ خەلقارا ۋەزىيەت، شەرقىيتۈركىستان مىللىي ھەركىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق بىر پۇرسەتكە تولغان دەۋىرگە قەدەم قويدى. مەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىي ئارقىلىق مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ پوتىنسىال كۈچى، خەلقارا جەمىيەتنىڭ بىزگە بەرگەن باھاسى، بىزدىن كۈتىدىغانلىرى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازى قاتارلىقلارنى خەلقىمىزگە ئاڭلىتىشنى، ئاڭلاتقاندىمۇ ئەسلىسىگە سادىق بولۇپ ئاڭلىتىشنى ئۆزەمنىڭ ۋىجدانى بۇرۇچى دەپ بىلىپ، بەرلىن سەمنارىيىسى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنى ھەرقايسىڭلارنىڭ دىقىتىگە سۇندۇم. يىغىندا ئوتتۇرغا قويۇلغان، تالاش-تارتىش قىلىنغان بۇ مەسەلىلەر ھەققىدە ھەرگىز سەل قارىماستىن بىرلىكتە باش قاتۇرۇشىمىزغا، ئويلۇنىشىمىزغا، ئانالىز قىلىشىمىزغا، توغرا يولنى ئۆز ئالدىمىزغا تېپىپ چىقىشقا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، بۇ ماتېرىيالغا مۇھاكىمە ۋە شەخسىي قاراشلىرىمنى ئامال بار كىرگۈزمىدىم. بۇ يىغىنغا 16 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن تەشكىلات رەيىسلىرىمىز ۋە خەلقارادىكى مىللىي زىددىيەتلەر مۇتەخەسىسلىرى بولۇپ 100گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك سۆھبەت قۇرۇشىڭلانى ۋە سىياسىي تەقدىرىمىز ھەققىدە يېڭى بىر مۇنازىرىنى ۋە غۇلغۇلىنى قانات يايدۇرۇشۇڭلارنى، شۇ ئاساستا يېڭى پىكىر ۋە ھەل قىلىش چارىللىرىنى تېپىپ چىقىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن.
02-ماي، 2008/ گېرمانىيە- فرانكفۇرت