قەلبىمدىكى رەئىس ئابدۇقادىر ياپچان
خەنجەر
بەزى كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا قايىل بولماي تۇرالمايمىز. شۇنىڭغا يارىشا ئۇلارنىڭ رىئاللىقتىكى نوپۇزى بىلەن، تۆلىگەن بەدىلى ئارىلىقىدىكى پەرق كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ.
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى خىتتاي ئىشغالىيەتچىلىرى مۇستەملىكە قىلغان بىر ئەسىر مابەينىدە، قۇللۇق ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى، ئىستىقلال ۋە شاھادەت ئۈچۈن مىليونلىغان بەرنا ئوغۇل – قىزلىرىمىز ئىسسىق قانلىرىنى پىدا قىلدى ۋە ھېلىھەم پىدا قىلىۋاتىدۇ.
ۋەتەن دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ، بىر تۇپراققا ئىسىم قويۇپ قويۇش بىلەنلا قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئىدراك قىلغان دانا ئەجدادلىرىمىز، ئىسسىق قېنى بەدىلىگە بىز نەسىللەرگە دۆلەت، ۋەتەن، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىكنىڭ نېمىلىگىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى.
تارىختا سەلتەنەتلىك خانىدانلىقلارنى قۇرۇپ، يۈزىمىزنى نۇرلاندۇرغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مىللىتىمىزنى ئىسلام بىلەن شەرەپلىنىشكە ئاساس سالغاندىن كېيىن، بۇ مىللەت ئىسلام دۇنياسىدا نۇرلۇق يۇلتۇز كەبى چاقنىغان ئىدى. ئىسلامنى ھۆكۈمەت قانۇنى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا مەنبە، ئائىلە مۇناسىۋىتىگە ئۈلگە قىلغان ۋە ئىسلام ئالىمىگە، ئىسلام تارىخىغا، ئىسلام مەدەنىيىتىگە شان – شەرەپلەرنى كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى ياراتقان ئىدى.
ئەجداتلار باسقان قۇتلۇق دەۋاغا، مۇقەددەس ئامانەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىمۇ شانلىق ئىنقىلابلار بولدى. مۇستەملىكىدە قالغان بىر مىللەت – ئۆز ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان ھەققانىي ئىنقىلابىدا، بىر تۈركۈم خالىس نىيەتلىك پىدائىيلار چوقۇم پەقەت ئاللاھ رىزالىقىنى نىيەت قىلىپ ئۆزىنى پىدا قىلىشى كېرەك. ئاقارتىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ئابدۇقادىر داموللام، مەمتىلى تەۋپىق… مىللىي مائارىپ ئۈچۈن مال – مۈلكىنى ئاتىغان ئاكا – ئۇكا مۇسابايۇفلار … خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوزغىلاڭلاردا كۆزىنى مىت قىلماستىن ئۆلۈمگە قاراپ چاپقان سادىر پالۋان… ئىپپەت قەھرىمانلىرى نۇزۇگۈم ۋە رىزۋانگۈللەر… بۇنىڭ تارىختىكى يارقىن ئىزناسى ۋە بۈگۈنىمىزنىڭ پەخرىدۇر. بۇ ئەمەلىيەتنى تەستىقلىغان رەھبەرلىرىمىز ۋە پىدائىيلىرىمىزدىن، ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسچىلىرىدىن سابىت داموللام، تۆمۈر خەلپە، ئەلىخان تۆرىلەر، مەھمۇد مۇھىتى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ساناقسىز نامسىز شەھىدلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى بىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ئارىمىزدىن شۇنداق پىداكار، خالىس نىيەتلىك كىشلەرنىڭ چىقىشىنى ئارزۇ قىلدۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئارىمىزدا دىن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن ئۈن – تۈنسىز بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان كىشىلەر يوقمۇ … ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئارىمىزدا، بىز ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان، ئەمما پۈتۈن ھاياتى بويىچە بۇ مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كېچە ـ كۈندۈز غەم يەۋاتقان، بەدەل تۆلەۋاتقانلار بار.
مىللىي پىسخىكىمىزغا سىڭىپ كەتكەن «يېقىندىكىنىڭ قەدرى يوق، يىراقتىكىنىڭ دەردى…» دېگەندەك، ئارىمىزدىكى رەھبەرلىرىمىز، يېتەكچىلىرىمىز، مەنىۋىي تۈۋرۈكلىرىمىز پەقەت ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغاندا ئۇلۇغلىنىۋاتىدۇ. ئۇلاردىن بىرى مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم … مەلۇم شەخسلەرنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان، پىكىر ۋە ئىدىيەلىرىنى مەنسىتمەيدىغان ھەتتا ھەرخىل سەلبى ناملار بىلەن ئاتايدىغان كىشىلەرنىڭ، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن خىجىلچىلىق ئىچىدە ھەسرەت – نادامەت چەككەنلىكىگە شاھىد بولۇۋاتىمىز.
خىتتاينىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىمى تۈپەيلى، بىر يىلدىن بۇيان سىياسەتنىڭ قۇربانى بولۇپ يېتىۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچان «دىنىم، خەلقىم، قېرىندىشىم» دەپ يەنە شۇلار تەرىپىدىن ھەرخىل سۆز – چۆچەككە قالغان بىر شەخستۇر.
يازمىنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، بەزى كىشىلەرنىڭ ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. ئۇنداقتا، ئون بەش يېشىدا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، ياشلىقىنى، توغرىسىنى ئېيتقاندا بالىلىقىنى خىتتاينىڭ قاراڭغۇ، سوغۇق زىندانلىرىدا ئالتە يىل ئۆتكۈزگەن … تەسۋىرلىگۈسىز زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىدىن ئاران يورۇقلۇققا ئېرىشىپ، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندا يەنە قايتىدىن قاماققا ئېلىنىپ تەكرار ئالتە يىل كېسىلگەن، تۈرمە ھاياتى ئەڭ قەبىھ خورلۇق ۋە زۇلۇم ئىچىدە ئۆتكەن ئابدۇقادىر ياپچان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قانداق بىر شەخس؟ ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنى نەدە!؟
ئابدۇقادىر ياپچاننى بۇنىڭدىن ئالتە يىل بۇرۇن، خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدىكى مەلۇم ئۇنۋىرسىتىتتا، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ياتىقىدا تونۇغان ئىدىم. ساۋاقدىشىمنىڭ ياتاقداشلىرى ئىستىقلال تور تېلىۋىزىيىسىدىن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ نۇتقىنى ئاڭلاۋاتقان بولۇپ، تۇنجى قېتىم بۇ كىشىنىڭ جەڭگىۋارلىق ۋە غەزەپ يۇشۇرۇنغان سۆزلىرىنى ئېنتىرنىتتىن كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. ياپچاننىڭ نۇتۇقى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى ئىككى سىتۇدىنتنىڭ قىلىشقان مۇنۇ پاراڭلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە:
ـ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلىتى بولۇشى كېرەك. ئەمما بۇ دۆلەت كۆپ سانلىق خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى، قىممەت قارشى، سىياسىى ھېسسىياتىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. ھازىر دۇنيادا 50دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىياسى تەشكىلاتلىرى بار ئىكەن. ياۋروپادا پائالىيەت قىلىۋاتقانلار غەرپنىڭ قىممەت قارىشىنى مەدھىيىلەيدىكەن. غەرپنىڭ ئەركىنلىك، دېمۇكراتىيە ۋە ئىنسانشۇناسلىق ئىدىيىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا تارقاتماقچى ۋە قوبۇل قىلدۇرماقچىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلارنىڭ سىياسي پائالىيەتلىرى قوللاشقا ئېرىشەلمەيدىكەن. ئامېرىكادا پائالىيەت قىلىۋاتقانلار ئۇ دۆلەتنىڭ سىياسى دەسمايىسىدەك كۆرۈندى. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ھۆكۈمرانلىق نۇپۇزىغا ئاشكارا تەھدىت بولۇۋاتقان خىتتايدىن ئىبارەت بىر كۈچنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا مەيلى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى بولسۇن، مەيلى تىبەت مۇستەقىلچىلىرى بولسۇن ۋە ياكى كوممۇنىزىم تۈزۈلمىسىگە قارشى دېمۇكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەۋا قىلىۋاتقان خىتتايلار بولسۇن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىكەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلارغا ئىچى ئاغرىپ ئەمەس، خىتتاينى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللاۋاتىدۇ، قوللىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدە شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان قورچاق دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىمىزنىڭ جىق پەرقى يوق دەپ قارايمەن. ئافغانىستان، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىقلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەك پايدىسى تەگمەيدۇ دەپ ئويلايمەن . چۈنكى ئۇلار «شەرىئەت دۆلىتى قۇرىمىز» دەپ پۈتۈن دۇنيانى قارشىغا ئالدى. ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە كىرىشى ئۈچۈن ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر پەتىھ بولۇشى كېرەك. ئەمما خەلقئارا كۈچلەر بۇنىڭغا يول قويامدۇ… – يەنە بىر سىتۇدىنت سۆز قىستۇردى:
ـ بىزدە بىرلىك يوق. تىلىمىز، دىنىمىز، دۈشمىنىمىز بىر، ئەمما پىكىرىمىز بىر ئەمەس. ھەرخىل پىكىردىكىلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بىر تۇرۇپ، دۈشمەننى بىرلىشىپ ئۇرغاننىڭ ئورنىدا «سەن تاياق بىلەن ئۇردۇڭ، سەن قامچا بىلەن ئۇردۇڭ. تاياق بىلەن ئۇرساق تاياق سۇنۇپ كېتىدۇ. قورال بىلەن ئېتىش كېرەك. قورال بىلەن ئاتساق دەۋانىڭ ئوبرازىغا داغ تېگىدۇ. جىم تۇرۇپ تىللاش كېرەك…» دېگەندەك ئېچىنىشلىق تالاش – تارتىش ئىچىدە. بەزى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مۇستەقىللىكىگە خىيانەت قىلىدۇ. غەرپ دۆلەتلىرىدىن پۇل ئۈندۈرۈپ خەجلەش ئۈچۈن، يۇرتتا بىرەر ئىش چىقسا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش دېگەندەك پائالىيەتلەر بىلەن خەۋەر سېتىپ جان باقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرغا زىيىنى بولسا باركى پايدىسى يوق… شۇڭا ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاۋۋال پىكىردە بىرلىشىشى كېرەك. سۆز ۋاقىتلىق، ئەمما پىكىر ئەسىرلىك ھەتتا مەڭگۈلۈك. شۇڭا ئۇيغۇرلار بىر مۇستەقىللىق ئىدىيىسى شەكىللەندۈرىشى كېرەك. مەن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ پىكىرىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسى قىلىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك» دەپ قارايمەن. دۈشمەن ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئارتۇق تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ ئورنى يوق. ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ:« قورال بىلەن كىرگەن خىتتاي قۇرۇق گەپ قىلغانغا چىقىپ كەتمەيدۇ…» دېگەن سۆزىدىن، ھەقىقى بىر سىياسىي مەقسەدنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ھەم كۆپ سانلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپ. ئۇنىڭ يەنە: « دۇنيادا خىتتايدەك بىر دېكتاتور يوق. دۇنيادا نۇرغۇن جاھانگىر دۆلەتلەر بەزى ئاجىز دۆلەتلەرنى بېسىۋالغان. ئەمما ئۇلار بېسىۋالغان دۆلەتتىكى بايلىقنىلا نىشان قىلغان. يەرلىك خەلقنىڭ تىلى، دىنى، ئۆرپ – ئادىتى، مەدەنىيىتىگە تاجاۋۇز قىلمىغان. لېكىن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلانىڭ ھېچقانداق بىر ئىنسانىي ھەق -ھوقۇقى قالمىدى. ئۆز تىلىدا سۆزلەش جىنايەت، دىنىغا ئىشىنىش ئاشقۇنلۇق، مىللىيچە كىيىم- كېچەكلىرى خۇراپاتلىق، ئۆرپ – ئادەتلىرى مىللەتچىلىككە چىقىرىلىپ ئېزىلىۋاتىدۇ». ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ بۇ سۆزلىرى، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىجرا قىلىۋاتقان ناھەق سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزى. ئەمما ھېچبىر سىياسى تەشكىلات بۇنى بۇ ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقمىدى. ئۇيغۇر دەۋاسى قىلىدىغان كىشىلەر چوقۇم ئۇيغۇرنىڭ دىنىنى، تىلىنى، ھىسسىياتىنى، قىممەت قارىشىنى بىلىشى، ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بىرسى ياۋروپاچە، بىرسى ئامېرىكىچە، يەنى بىرسى ئافغانىستانچە دۆلەت قۇرىمەن دېسە … ئۇلار ۋەتەن – خەلقنىڭ زىيىنىغا ھەرىكەت قىلغاندىن باشقا ئىش ئەمەس. مەنچە، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ خىتتايغا قارشى ئىنقىلاپ پىكىرى ئومۇمىي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەل ئارزۇ قىلىۋاتقىنى.
ئىچكىرىدىكى سىتۇدىنتلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسى، ۋەتەندىكى سىتۇدىنتلارغا قارىغاندا بىرقەدەر بالدۇر بولدى. چۈنكى، خىتتايلار بىلەن ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپ ئۇچراۋاتقان تەڭسىز مۇئامىلىلەر، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى مىللىي كەمسىتىشلەر، خىتتاي شەھىرىدىكى ساقچىلارنىڭ تولا كىملىك تەكشۈرۈشى، تولا سىياسىي تەربىيە بېرىشى ئۇلارنىڭ، ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. پويىز ئىستانسىسى، ئايروپورت، بېكەت، مېھمانخاتا قاتارلىق كىملىك قوللىنىلىدىغان ئورۇنلاردا، قولىدىكى خىتتاي كىملىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنماسلىقى ئۇلارنى بىر مۇستەقىل دۆلەتكە تەلپۈندۈرگەن (ئەلۋەتتە ھەممىسى ئەمەس). ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تور ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ بىر قەدەر ئەركىن بولۇشى، ئۇلارنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتنى بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشىگە سەھنە ھازىرلىغان… ئەمما ھازىر ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ۋەتەن بىلەن ئوخشاش.
ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ خىتتايغا قارشى قىلغان بىر سائەتتىن ئارتۇق نۇتقى، بۇ سىتۇدىنتلارنىڭ تەھلىلى ۋە ياپچاننىڭ پىكىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشى، قەلبىمدە ياپچانغا نىسبەتەن غايىۋى ھۆرمەت تۇيغۇسىنى بىخلاتتى. ياپچان بىلەن بىر كۆرۈشۈش ئارزۇيۇمنى خىياللىرىمدا چۈشەپ يۈردۈم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئېنتىرنىتتىن قايتا ئاڭلاش پۇرسىتى بولمىدى.
«كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ» دېگەندەك، تالاي قىسمەت ۋە ئەگرى – توقايلىقلاردىن كېيىن تۈركىيەگە كەلدىم. تۈركىيەگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدىكى بىر قاتار ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردارمۇ بولدۇم. مەۋھۇم تور دۇنياسىدا توختاۋسىز يېڭىلىنىۋاتقان خەۋەرلەر، چاقىرىقلار، قىزىقتۇرۇشلار ۋە بۇلارغا چاقىرىۋاتقان ھەرخىل گورۇھلارنىڭ كۆپلىكىدىن بېشىم پىقىراپ كەتتى… ۋەتەندە، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار توغرىسىدا تاققا – تۇققا گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ، كۆز ئالدىمدىكى بۇ رىئاللىقنى ئەسلا تەسەۋۇر قىلالمايتتىم. ھەر بىر گۇرۇپ ئۆزىنىڭ دەلىل – پاكىتلىرى بىلەن ئۆزىنى ھەق كۆرسىتشكە تىرىشاتتى.
ۋەتەندىكى كۈنسىرى شىددەتلىشىۋاتقان خىتتاي زۇلۇمى، شۇنىڭغا قارشىلىق چەت ئەلدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەر، ھەر بىر غۇرۇرلۇق ئۇيغۇرنى ئېچىندۇراتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىستانبۇلدا بىر چوڭ ئۇچرىشىش بولدى. بۇ سورۇنغا دائىشچى، چوڭچى، كىچىكچى، مىللەتچى، ئىللەتچى، مائارىپچى… ئىشقىلىپ مەن ئىسمىنى بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان بىرقىسىم تەشكىلات ۋە گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئەلۋەتتە، ئابدۇقادىر ياپچانمۇ مەزكۇر سورۇندا ئىدى.
ياد بولۇپ كەتكەن بىرلىك – ئىتتىپاقلىق توغرىسىدىكى ۋەز نەسىھەت ۋە لېكسىيەلەرنى تولا ئاڭلىغاچقا، باشقىلارنىڭ سۆزلىرى بەك قۇلاققا يېقىپ كەتمىدى. چۈنكى، ئېغىزنىڭ ئۇچىدىن چىققان بىرلىك شۇئارلىرى، بۇسۇغىدىن چىقسىلا سۆڭەككە ئايلىنىپ قالاتتى. ئەمما ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ شۇ سورۇندا قىلغان سۆزى پۈتۈن سورۇندىكىلەرنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالدى:« بۈگۈن بىز ۋەتىنىمىزدىن تولىمۇ يىراق بىر يەردە تۇرۇپ ۋەتەننىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمىز. تاقىتىمىز يەتكەنچە تىرىشچانلىق قىلىۋاتىمىز. ۋەتەندە نېمە بولۇۋاتقىنىدىن خەۋىرى يوق ئۇيغۇر يوق. ئەمما بۇ زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلايلى دېسە ھەممىڭلار جىم. ھەممىڭلار ھەرخىل پىكىردە … خىتتاينىڭ بىزگە ئەڭ چوڭ ۋە بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەنلىكى يەتمىگەندەك چەت ئەلدىن دۈشمەن ئىزدەۋاتىمىز. چەت ئەلدىن ئىزدەپمۇ ئۆز ئىچىمىزدىن ئىزدەۋاتىمىز. دۇنيادا بۇ قەدەر ئېچىنىشلىق باشقا بىر ئىش بولماس. بىز ۋەتەننىڭ گېپىنى قىلغان بولساق، مىڭ يىللاردىن بېرى مۇسۇلمانچە ياشاپ، مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تۇپراقنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمىز. بايراق كۆتۈرگەن بولساق، 1933 – يىلى دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئىسلام نامىدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ، شۇ ئىسلامى دۆلەتنىڭ بايرىقى دەپ قوبۇل قىلىنغان ئىسلامى بايراقنى كۆتۈرۈۋاتىمىز. ۋەتىنىمىز مۇستەقىل بولغان بولسا، دىنىمىز ئەركىن بولاتتى. ۋەتىنىمىز مۇستەقىل بولغان بولسا، مەسچىتلىرىمىز ئەركىن بولاتتى. ۋەتىنىمىز مۇستەقىل بولغان بولسا، ئىماملىرىمىز مەيداندا مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلانمايتتى. ۋەتىنىمىز مۇستەقىل بولغان بولسا، خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ئىپپىتى، ۋەتەننىڭ نومۇسى ساقلىناتتى. ۋەتىنىمىز مۇستەقىل بولغان بولسا، تېخى تىلى چىقمىغان بالىلار خىتتايچە كۇڭزى، مىڭزى تەلىماتى بويىچە ئەمەس ئۇيغۇرچە، ئىسلامچە ئېغىزلاندۇرۇلاتتى. بىز بۇ يەرلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرمەيتتۇق. مېنى بەزىلەر ۋەتەنچى، مىللەتچى دېيىشىدۇ. مەن بىر ئۇيغۇر، مەن بىر مۇسۇلمان. مەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيمەن. ئۇيغۇرغا سۆزلەيمەن. ئەگەر باشقا مىللەتتە يارىتىلغان بولسام، تىلىمنى چۈشىنىدىغان خەلققە سۆزلەيتتىم. شۇڭا تىلىمنى چۈشىنىدىغان خەلققە سۆزلەش، شۇ خەلقنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم. مەن سۆيسەم ئۇيغۇرنى سۆيسەم، مەن سۆيسەم مۇسۇلماننى سۆيسەم، ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ مەن كىمنىڭ گېپىنى قىلاي، كىم ئۈچۈن كۈرەش قىلاي… بىزنىڭ زېمىنىمىزغا كىم بېسىپ كىردى؟ بىزنىڭ ھەق ھوقۇقىمىزنى كىم ئاياغ ئاستى قىلدى؟ بىزنى ۋەتىنىمىزدىن كىم قوغلاپ چىقاردى؟ ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگىنى زالىم خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى – مۇسۇلمان ياشاۋاتقان تۇپراقنىڭ غېرىچ زېمىنىغا كاپىر ھەقسىز كىرىۋالسا جىھاد پەرز ئەمەسمۇ؟ خىتتاي كاپىر ئەمەسمۇ؟ خىتتايغا قارشى جىھاد قىلسا شەھىد ئەمەس دەيدىغان ئايەت بارمۇ قۇرئاندا؟ ئۆزىنىڭ ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مېلىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ئۆلسە شەھىد ئەمەسمۇ؟ خىتتاي بىزنىڭ ھەققىمىزگە تاجاۋۇز قىلمىدىمۇ؟ ئاللاھ قۇرئاندا:«كاپىرلار سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن قوغلاپ چىقارغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىڭلار» دېمىدىمۇ؟ خىتتاي بىزنى يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقارمىدىمۇ …؟ ئۇستازلىرىمىز، تالىپلىرىمىز، ئەقلى ئويغاق بايلىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز ھەتتاكى بالىلاردىن تارتىپ تۈرمىدە بىزدىن، چەت ئەلدىكىلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرمەكتە… ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئىنسان ئەمەسمۇ …؟ ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئەمەسمۇ …؟ نېمىشقا ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلايلى دېسەك ئەيىبلىنىمىز؟ نېمىشقا…» ئابدۇقادىر ياپچان سۆزلەۋېتىپ، ئاۋازلىرى بوغۇلۇپ ياشلىرىنى تۇتالمىدى. ھەر بىر سۆزىگە قەتئىيلىك ۋە ئېغىر ئەلەم يوشۇرۇنغان بولۇپ، سۆزلەۋېتىپ تىترەپ كېتەتتى. سورۇندا يىغلىمىغان ھېچكىم قالمىغان ئىدى. ھەتتا بەزىلەر ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى. سورۇن تارقالغاندىن كېيىن، خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە شۇ قېتىملىق يىغىلىش بىر قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. ھەتتا ئابدۇقادىر ياپچاننى دائىملا ئۇ – بۇ دەيدىغانلاردىن بىرى، سورۇندىن چىقىپلا يىغلاپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. تايلاند، مالايسىيا يوللىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن نۇرغۇن مۇھاجىرلارنىڭ كاللىسىدا يېڭىدىن بىر ئۇقۇم شەكىللىنىشكە باشلىدى:«بىزنىڭ بىر ۋەتىنىمىز بولغان بولسا، بىزنىڭ بىر دۆلىتىمىز بولغان بولسا… بىز كۆرگەن بۇ زۇلۇمنى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كۆرمەسلىكى ئۈچۈن خىتتايغا قارشى بىرلەشكەن بولساق».
ئابدۇقادىر ياپچان بىلەن ئايرىم پىكىرلىشىش، تونۇشۇپ بىر ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇش ۋە ھايات تەجرىبىلىرىدىن تەلىم ئېلىشنى كۆپ ئويلىغان بولساممۇ، جۈرئەتسىزلىكىم تۈپەيلى كېچىكتۈرۈپ كەلدىم. ئەمما بۇ جەرياندا، بۇ كىشى توغرىسىدا ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان بىر نەچچە ئەمەلىي ئىش، قەلبىمدە بۇ كىشىگە بولغان ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىشنى قولايلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قېرىندىشمىز تۈركىيەگە ساياھەتكە چىقىپ قايتىدۇ. ۋەتەنگە قايتقاندا ئايرۇپورتتا ئىستىخبارات تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئېغىر سوراق ۋە ئەرزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ. خىتتاي ئىستىخباراتى ئۇنىڭغا قايتىدىن تۈركىيەگە چىقىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇچۇر يەتكۈزۈشىنى، بۇنىڭغا قارشىلىق ئۇنىڭ ھەر قانداق ماددى ئېھتىياجى كاپالەندۈرىلىدىغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ تېنچ خاتىرجەم كۈن كەچۈرىدىغانلىقى، ئەگەر رەت قىلسا تۈرمىدىن چىقالمايدىغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ ئۆزى سەۋەبلىك تۈرمىگە سولىنىدىغانلىقى توغرىلىق تەھدىت سالىدۇ. قېرىندىشىمىز:« ئۇيغۇرغا پايدام يەتمىسىمۇ زىيىنىم يەتمىسۇن» دەپ ئىستىخباراتنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئون بىر ئاي ئېغىر ئىسكەنجە ۋە قاتتىق قىيىن- قىستاقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئون بىر ئاي بولغاندا، ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى قوبۇل قىلىدۇ. خىتتاي ئىستىخبارات بۇ قېرىندىشىمىزدىن مەخسۇس ئابدۇقادىر ياپچانغا يېقىنلىشىشنى، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىدىغان، پىكىرىنى قوللايدىغان كىشىلەر، ماددىي ياردەم بېرىدىغان كىشىلەر، ئابدۇقادىر ياپچان قاتناشقان پائالىيەتلەر توغرىسىدا ئىنچىكە مەلۇمات بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. قېرىندىشمىز سىناپ بېقىش مەقسىتىدە:«ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۈركىيەدە بەك بىر ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئىشى يوق. ئاران جېنىنى باقىدىغان ئادەم. بۇنىڭغا قارىغاندا پالانى… پۇستانى… سىلەرگە بەكرەك مۇھىم ئەمەسمۇ؟ ئابدۇقادىر ياپچانغا يېقىنلاشقاندىن ئۇلارغا يېقىنلاشماق ئاسان» دەيدۇ. ساقچىلاردىن بىرسى:«باشقىلار تاغدا ياكى باغدا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. ئۆلۈپ تۈگىمىسمۇ ئۇلاردىن غەم قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەسمىز. بەزىسى موللا تەبلىغ بىلەن، بىرلىرى باي بولۇش پۇل تېپىش بىلەن، يەنە بەزىلىرى خوتۇن ئېلىش بىلەن، ئەمما ئابدۇقادىر ياپچان ئوخشىمايدۇ. سىياسى پىكىرى بار ئادەمدىن ئەنسىرەش كېرەك» دەيدۇ ۋە ئادەمنىڭ ئاڭلىغۇسى ۋە ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىدۇ ( بەلكى خىتتاي ئىستىخباراتىنىڭ ھېيلىسىدۇر). بۇنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن قېرىندىشىمىز ھازىر باشقا بىر دۆلەتتە بېشىنى ئىچىگە تىقىپ، تاشقى دۇنيادىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ئۈنسىز ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر پۇلدار تونۇشىمىز تۈركىيەگە مېڭىشىدا ئىستىخباراتتا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشى ئاگاھلاندۇرۇپ، «تۈركىيەدە كىم بىلەن كۆرۈشسەڭ مەيلى، ئەمما ئابدۇقادىر ياپچان دەپ بىرسى بار، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قالما، بۇنىڭغا مەن ئارا تۇرالمايمەن» دەيدۇ(مەن بىۋاسىتە ئاڭلىغان).
خىتتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىدىغان تەشكىلات ۋە ياكى مېدىيا ئورۇنلىرىدىن بەكرەك، خىتتاينىڭ ياپچانغا قارشى ئىنكاسى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ھەتتا ۋەتەندە تېلىۋۇزۇرلاردا ياپچاننىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ئىش – ھەرىكەتلىرى بىر ئايدىن ئارتۇق تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى كۆردۇق .
بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئابدۇقادىر ياپچان ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئاددى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئىنسان. بىرەر پارتىيىسى، بىرەر تەشكىلاتى يوق. مۇنتىزىم ھەربىي قوشۇنىمۇ ئەسلا يوق. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خىتتاي بۇ كىشىگە بۇ قەدەر ئەھمىيەت بېرىدۇ …؟
ۋەتەندىن چىققان مەلۇماتلىق بىر دوستىمىز مۇنداق دەيدۇ: «خىتتاي ئەسكى دەپ تونۇشتۇرغان ئادەم خەلقنىڭ نەزىرىدە بىر قەھرىمان. ئابدۇقادىر ياپچاننى كۆپ كىشىلەر بىلمەيىتى. خىتتاينىڭ تەتۇر تەشۋىقاتى ياپچاننى خەلققە تونۇشتۇرپ بەردى. خەلق ھازىر ئابدۇقادىر ياپچان دەپ ئاڭلىسا بىر قەھرىماننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ».
ئىستانبۇلدا چاغلىرىمدا، ئابدۇقادىر ياپچان قاتناشقان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن پەقەت قالمىدىم. ئۇ كىشىنىڭ نۇتۇقلىرىدىن بەك ئاچچىقى يامان كۆردۈممۇ ئىشقىلىپ، كۈلۈپلا تۇرىدىغان چىرايىدىن بەكرەك غەزەپ بىلەن دۈشمەنگە خىتاپ قىلغاندىكى ھالىتى ئېسىمگە كېلىۋېلىپ يەنىلا قويۇق مۇناسىۋىتىمىز بولمىدى. ئەل قاتارى كۆرۈشۈپ ئۆتۈپ كېتەتتۇق. ئارىلىقتا باشقا بىر دۆلەتتە بولۇپ قالدىم. « ئابدۇقادىر ياپچاننى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۇتۇپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەرلەر تارقالدى. يۈرۈگۈمنى بىرسى سۇغۇرۇپ ئالغاندەكلا بولۇپ كەتتىم. بۇ خىل ھالەت ئىككى يىل بۇرۇن دادامنىڭ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا بىر بولغانىدى. شۇ ھامانلا ئىككى رەكەت ھاجەت نامىزى ئوقۇپ ئاللاھدىن بۇ كىشىگە سەبىر تىلىدىم.
تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ كىشى بىلەن بىر كۆرۈشۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلدىم. بۇرۇن ئىستانبۇلدا ئۇچرىشپ قالساق مۇنداقلا كۆرۈشۈپ ئۆتۈپ كەتكەن چاغلىرىمنى ئويلاپ ئېچىندىم. مەن تۈركىيەگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پەخىرلىك ئۇستازىمىز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم ۋاپات بولدى. مەخسۇم ھاجىم بىلەن، ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن يولدا ئۇچرىشپ ھال ئەھۋاللاشقان ئىدۇق. ئالدىراش ماڭغانىكەن. ئارىلىقتا ئەھۋاللىشىدىغان بولۇپ خوشلاشتۇق. قايغۇلۇق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، مەن ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نادامەت چېكىشتى. مىللى شائىر مۇھەممەدئەلى زۇنۇننىڭ مۇنداق بىر شېئىرى بار:
ئۆلۈككە تەخت ياساپ، تىرىككە گۆر – لەھەت قازما،
ئادەمزات نەسلىسەن، ئىدراك – ئەقىلدىن بۇ قەدەر ئازما.
ھاياتلىق پەسلى قان ئەيلەپ يۈرەك باغرىنى كوت – كوتتىن،
نەپەستىن توختىغان چاغدا مىشىلداپ مەرسىيە يازما.
مەخسۇم ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن دەل شائىرنىڭ دېگىنىدەك ئىش بولدى. ئەمما كېيىنكى پۇشايمان، ئېرىشكىلى بولمايدىغان يوقۇتۇشتىنلا ئىبارەت خالاس. مەيلى ۋەتەن ئىچى ياكى مۇھاجىرەتتە بولسۇن، ئۇيغۇر خەلقىگە جان دىلى بىلەن خىزمەت قىلىپ، مۇستەقىللىق يولىدا قان – تەر تۆكۈۋاتقانلاردىن كۆپ قىسىملىرىنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئەسلەيدىكەنمىز. ھەسىرىتىنى چېكىدىكەنمىز. مەنمۇ كېيىنكى ھەسرەت ۋە پۇشايماننى ئازايتىش ئۈچۈن ئابدۇقادىر ياپچان بىلەن، يۈرۈكۈمدىكى بىر غايىۋى ئوبراز بىلەن، يۈرۈگۈمدىكى بىر ۋەتەننىڭ سىياسى رەھبىرى بىلەن ھايات ۋاقتىدا كۆرۈشۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلدىم. دۇئا قىلدىم. نىھايەت دۇئالىرىم ئىجابەت بولۇپ رەئىس بىر يىلدىن بېرى يېتىۋاتقان يېرىدە كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.
ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالىدىغان بىر ھاياجان بىلەن، خۇشاللىق ۋە ئۈمىدكە تولغان لەززەتلىك تۇيغۇ ئىچىدە، يۈرەك – باغرىم ئۆرتەنگەن ھالدا رەئىسنى چىڭ قۇچاقلىدىم. دادامنى قۇچاقلىغاندەك، بىر غايىنى قۇچاقلىغاندەك، بىر بايراقنى قۇچاقلىغاندەك، بىر ۋەتەننى قۇچاقلىغاندەك. كۆرۈشۈشكە ساقلاپ تۇرغانلار بولمىغان بولسا، شۇ قۇچاقلىشىمدا ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمەيتتىم . بىر – ئىككى سائەت ھال – مۇڭ بولدۇق. ئۇنىڭ قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى شۇنچىلىك نۇرلۇق ئىدىكى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ساراسىمىگە سالغان پىكىرلىرى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن ئىدى.
ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش پەقەت ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئىزىدىن ماڭغان كىشىلەرگە نېسىپ بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ئەمما لايىقىدا ئىتائەت قىلمايدۇ، تىرىشمايدۇ. ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشش ئۈچۈن كۈچلۈك قەلب بولۇشى كېرەك. كۈچلۈك قەلب ئىگىلىرى ئاللاھ يولىدا كەلگەن سىناق، ئەرزىيەتلەرنى ئاخىرەتتىكى جەننىتىنىڭ پەشتىقى دەپ چۈشىنىپ شۈكرى قىلىدۇ، سەۋر قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىمانىنى سىناۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىنى تۈرلۈك ئىمتىھانلار بىلەن تاۋلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما قەلبى ئاجىز كىشىلەرگە بۇ سىناقمۇ ۋە كەلگۈسىدىكى يۇقىرى مەرتىۋىلەرمۇ نېسىپ بولمايدۇ.
رەئىس ئۆزىگە كەلگەن سناقلارغا، ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ كەلگىنىدەك:«ئاللاھدىن كەلگىنىگە بىز رازى. قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ دەردىمىزنى چۈشەنگەن بولسا بىز كۆرۈۋاتقان كۈنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. ھەر قانداق ۋىجدانلىق ئادەمدە ئۆز خەلقىنى، ئۆز يۇرتىنى سۆيۈش تۇيغۇسى بولىدۇ. بۇنى ئاللاھ سالغان. بۇ تۇيغۇ ئىمان بىلەن قوشۇلغاندا تېخىمۇ ئۆز ئورنىنى تاپقان بولىدۇ. خەلقنى ئاقارتىش ۋە ئويغۇتۇش يولىدا، بەلكىم مەن ۋە ئاز بىر قىسمىمىز ئەرزىيەت چېكىشىمىز مۈمكىن . ئەمما بۇنىڭ بەدىلىگە مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنى خەلقىمىزگە سىڭدۇرەلىسەك بىز رازى».
رەئىسكە سەۋر ۋە ئەجىر تىلەپ، كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ يېنىپ كەلدۇق. شۇندىن كېيىن خەلقىم ئۈچۈن، ئىمكانىيىتىم يەتكەنچە خىزمەت قىلىشقا ۋەدە بەردىم. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغاي.