قەشقەر شەھىرىدە ئۇيغۇر ئاياللارنى دوختۇر تەكشۈرۈشكە بارمىغانلار جازالىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە سېلىۋاتقان زۇلۇمى ھەر تەرەپتىن بولىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا يوللانغان ئۇچۇرلاردا ئاشكارا بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسى 5-كەنتتە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا كەنتتىكى ئاياللارنىڭ كىملىك ۋە كۆك تاشلىق ئاياللار سالامەتلىك قوللانمىسىنى ئېلىپ ، كەنت ئاھالىلەر كوممىتىدىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ «ئۈچنى تەكشۈرۈش، بىرنى داۋالاش»خىزمىتىگە قاتنىشىنى ئۇقتۇرغان.
ئارقىدىن تەھدىت قىلىپ ۋاقتىدا قاتناشمىسا، «ئائىلە باشلىقى بىلەن قوشۇپ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ» دېيىلگەن.
دېمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش، چېتىپ جازالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قورقۇتۇش، مەجبۇرىي زۇلۇمغا باش ئەگدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىردەك ئۇسۇللار بىلەن زۇلۇم ئىشلەپچىقىرۋاتىدۇ.