قورغاس ناھىيەسىدە 10 نەپەر قازاق ئايال تۇتقۇن قىلىنغان
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس ناھىيەسىدە ئۈندىدار توپىدا نازۇك تېما مۇنازىرە قىلغان 10 نەپەر قازاق ئايال تۇتقۇن قىلىنغان. بىر قازاق كىشىنىڭ 13-ئىيۇل ئاشكارا قىلىشىچە، بۇ 10 نەپەر قازاق ئايال 11-ئىيۇل تۇتقۇن قىلىنغان.
يۇقىرىقى قازاق كىشى، تۇتقۇن قىلىنغان قازاق ئاياللارنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سىياسىي، دىنىي ئىشلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، قازاق ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇلارنىڭ ئۈندىدار توپىدا مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدىغان تېمىلارنى مۇنازىرە قىلىشى سەۋەب بولغان. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندا ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بارلىق يەرلىك ئاھالىلەردىن تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئالاقە ئەسۋابلىرىغا ئاتالمىش «تېررورلۇق»قا قارشى بىر خىل ئاپتوماتىك ئۈن-سىن تەكشۈرۈش دېتالى قاچىلاشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى قاچىلىمىغانلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈپ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۈندىدار توپىدىكى قورغاسلىق قازاق ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتاينىڭ «تېررورلۇق» قا قارشى ئاپتوماتىك ئۈن-سىن تەكشۈرۈش دېتالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس. بىراق مۇخبىرنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىلى رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق پۇقرالاردىن ئىگىلىشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىلى رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق پۇقرالارنىڭمۇ قاچىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى يېقىندىن بۇيان قازاقلارغا كېڭەيگەن. خەۋەرلەردە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جىمىنەي، بۆرچىن، قورغاس، دۆربىلجىن، چىڭگىل، مورى، قاراماي قاتارلىق شەھەر، ناھىيەلەردە بەزى قازاقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6- ئاينىڭ باشلىرىدا سانجىنىڭ مورى ناھىيەسىدە ئەخمەت ئىسىملىك بىر قازاق ئىمام تۇتقۇن قىلىنىپ، قاماقخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن .
ئانالىزچىلار بۇنىڭدىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، يوق قىلىش سىياسىتىدە ۋاقىتلىق غەلبە قىلغاندىن كېيىن قازاق مىللىتىگە ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى قازاق مىللىتى كەڭ دائىرلىك بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن نوۋەت بويىنچە قىرغىز، ئۆزبەك، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىمۇ يوق قىلدىغانلىقىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى روسىيەدە جاللات دەپ نام ئالغان سىتالىننىڭ سىياسىتىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۇردى.