ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تونۇش ۋە ئۇنى قەدىرلەش ئوموملاشتى.
تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم قىزلارنىڭ « ۋىژدان كارۋىنى» ۋە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم»نامايىشى ئۈچۈن لاھىيىلەپ بازارغا سالغان، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن شارپا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئىگە چىقىدىغان مەسئولىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ يەتتى. ھەتتا بۇ شارپا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتنىڭ رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئامىنە ئەردۇغاننىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئىگە چىقىشنى، تۈركىيە دۆلەت رەئىسلىرىگىچە شارپا ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم يېقىندىن ئەسلىتىلدى.
تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ، بىر خىل ھالەتتە بىر قولىدا بايراق، بىر قولىدا لوزۇنكا، بوينىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىمۋۇللۇق شارپىسىنى ئارتقان، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيىپ، جەڭگىۋار روھلۇق ھالدا ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كوك بايرىقى بىلەن تولدۇرۇپ، كوك ئاسمان بىلەن گىرەلىشىپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى جاراڭلىق شوئارلار بىلەن، پۈتۈن دۇنياغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نىداسىنى ئاڭلىتىشقا ۋەسىلە بولۇش ئۈچۈن 3000دانە شارپىنى مۇۋاپىق باھادا بازارغا سالدى.
ئىگەللىشمىزچە، شارپىدىن كىرگەن كىرىمنىڭ بىر قىسمى نۇزۇگۇم يېتىم بالىلار فوندى ۋە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئانا تىل ئوقۇشلۇقىغا سەرپ قىلىنىدىكەن.
ياۋروپادىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سېتىۋېلىشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ياۋروپادىكى قېرىنداشلار شۋىتسىيەدىكى نەبىجان ئەلا بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلىفونى: 00905358486039 ۋاتساپ
0046737462799
ئېلخەت ئادىرسى:artuqbugra2015@gmail.com