شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرى ۋە زىيالىيلىرى ھەمكارلىققا مۇھتاج
ئارتۇچ بۇغرا
شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇم – سىتەملەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلارنى ئويغاتتى. خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىرقىي سىياسىتى ئاستىدا، پۈتۈن خەلق مەيلى ئۇ چەت ئەلدە بولسۇن ياكى ۋەتەندە بولسۇن، ئەھلى ئىلىم ياكى زىيالىي بولسۇن، زەردار ياكى پېقىر – مىسكىن بولسۇن، ھەتتاكى خىتتايغا كۈچۈكلىنىپ غالچىلىق قىلىۋاتقان كادىر، نازىر، جاسۇس، مۇناپىق بولسۇن ھەممىسى ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى، ئورنىنى بىلىشتى. ئەمدى ئويغانمىسا، بىرلەشمىسە ئۆلۈمدىن باشقىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىشتى. يا سۈكۈنات ئىچىدە ماڭقۇرت كەبى ئۆلۈش، ياكى قىلىچنىڭ دەستىسىگە قول ئۇزۇتۇپ بولسىمۇ ئۆلۈش. 69 يىلدىن بۇيان، بىز ئەخلاقىدا ئەمەس تىلىدىمۇ بولمىغان” ئىنساپ”نى بۇ شەرەپسىز، كىتابسىز، رەزىل، ئاتېئىسىت خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن كۈتۈپ كەلدۇق. ئاقىۋىتىمىز ھەممىمىزگە ئايان. خوش قېرىنداشلار، سەۋەبى نېمە؟؟ بۇ ھالغا رازى بولۇپ ياشىدۇقمۇ؟! ياق…ياق…ياق!! چارىسىز قالدۇقمۇ؟! ياق… ياق… ياق!! سەۋەب ؟؟ بىرلىشەلمىدۇق. ياش ئالدىدا بىرلىشەلمىدۇق. قان ئالدىدا بىرلىشەلمىدۇق. غەلىبە ئالدىدا بىرلىشەلمىدۇق. مەغلۇبىيەت، خارلىق، زەبۇنلۇق ئالدىدىمۇ سۈكۈت ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز – يۇ، يەنىلا بىرلىشەلمىدۇق.
تارىخ بىزنى يەنە بىر قېتىم تاللاشقا چاقىرىۋاتىدۇ… نىدا قىلىۋاتىدۇ…
“… يا مەغرۇر ياشاپ رەببىڭنىڭ ئالدىغا يۈزۈڭنى يورۇق قىلىپ بار. يا قان – يىرىڭ ئىچىدە سۈكۈت بىلەن ئۆل”
ھەر بىر مىللەتنىڭ ئوقۇغان كىشىلىرى دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىشلىرىدا رەھبەر ۋە يولباشچىلىرىدۇر. مىللەتنىڭ سەرخىللىرىدۇر. ئاۋام ئۇلارغا مۇھتاج. ئاۋام ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. يۈرۈش- تۇرۇشىنى ئۆزلىرىگە ئۆلچەم قىلىدۇ. بۇ خىل ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىشقا يالغۇز ئىلىملا كۇپايە قىلىنمايدۇ بەلكى ماھارەتمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ.
بۈگۈنىمىزغا قارايدىغان بولساق، مۇھاجىرەتتكى ئۆلىمالار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىز خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇمىغا قارىتا، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئىمكانى يار بەرگەن ھالەتتە مۇجادىلە قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ مىسالىغا ئەھلى ئىلىم – ئۆلىمالىلىرىمىز تۈركىيەدە 2016- يىلى قۇرغان ” شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى” بىلەن 2017 – يىلى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قۇرغان” ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى” نى مىسالغا ئالساق كۇپايە.
ئەمما يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم رەزىل كىشىلەر سامان ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ، ۋاستىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا ئۆلىمالىرىمىز بىلەن زىيالىيلار ئارىسىدا ئىختىلاپ – نىزا ئۇرۇقى چېچىپ مەلۇم غەرەزگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. بۇ مەۋھۇم كىشىلەرنىڭ ئارقىسىغا بىر تۈركۈم نادانلىرىمىز ئەگىشىپ ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا قەلەم ئۇرۇشى ھالىغا كەلتۈرۈلىۋاتىدۇ.
دىققەت قېرىنداشلىرىم! دىققەت!!!
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىر خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى يېتەكچلىك قىلالايدىغان ئۆلىمالىرىغا ۋە زىيالىيلىرىغا ئېھتىياجى بار.
مىللەتنىڭ سەرخىللىرى بولغان ئۆلىمالىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىز! ھازىر سىلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ، خەلقىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، ئۆزۈڭلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇليىتىنى ئېنىق تونۇپ، مۆرىنى – مۆرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىڭلار.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، كىمنىڭ ئۆز مەسئولىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ ئىلمىنىڭ زاكىتىنى بېرىۋاتقانلىقىنى بىلگۈچىلىكى بار. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز ئۆلىما ۋە زىيالىيلىرىنى بېشىنىڭ تاجى دەپ بىلىدۇ. لېكىن، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى تونىمىغان ،خەلقىنى خاتا ئىدىيە ۋە تەپرىقچىلىققا باشلايدىغان ئاتالمىش” ئۆلىما” ۋە “زىيالىي” لىرىنىمۇ قانداق ئىرغىتىشنى ھەم بىلىدۇ.
2018 – يىلى 10 – يانۋار.
بىر ئىنكاس
ئىخلاس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. قەلىمىڭىزنى تېخىمۇ راۋان، زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىۋەتسۇن. بولسا مەزكۇر ئەسىرىڭىزنى« ۋەتىنىم » تورىغىمۇ يوللاپ قويسىڭىز.
تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىز بەھرلەنسە.