شەرقىي تۈركىستاندا رامزاندا دىنسىزلاشتۇرۇش داۋام قىلماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى :
شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى رامزان مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكىتىنى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
بۇ يىل كىرىش بىلەن «ئەسەبىي ئىدىيە»نى يوقىتىمىز دېگەن شوئار ئاستىدا ئېلىپ بارغان، تۈرمىگە سولاپ ئۆگىنىش مەقسىتىدە يىغىلغان ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچكە» قارشى تۇرۇش، ھەمدە ئىسلام دىندىن چىقىرىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەن. ھەمدە ئۇلارغا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ ناماز ئوقۇماسلىق، روزا تۇتماسلىق ھەققىدە جەدۋەل تارقىتىپ ئىمزا قويدۇرۋالغان. ئەگەر كېيىن بايقىلىپ قالسا ئۇلارنى ئېغىر دەرىجىدە جازالايدىغالىقىنى ئەسكەرتكەن.
بەزى ئۇچۇرلاردا مەلۈم بولىشىچە، «ئەسەبىي ئىدىيە»نامدا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى شەرقىي تۈركىستاندا تەخمىنەن 2مىليون ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.