شېۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قارىتا «ھەي، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى زۈلۇمىڭنى توختات»دېگەن تېمىدا نارازىلىق نامايىشى 21-ماي كۈنى شىۋتىسيەنىڭ پايتەختى سىتوھخلۇمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشقا شۇ يەردە ياشاۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى نارازىلىقىنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى دەپ تونىغان ئۇيغۇر پىدائىيلاردىن 15نەپەر كىشى قاتناشتى.
نامايىش ئالدى بىلەن نامايىشىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى نەبىجان ئەلانىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىتا يازغان باياناتى بىلەن باشلاندى.
نامايىش داۋامدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرىدىن 5نەپەر خىتاي ئەلچىخانا ئىچىدە تۇرۇپ نامايىشقا كەلگەنلەرنى رەسىمگە تارتىش، نامايىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى داۋام قىلدى. شۋېتسىيە ساقچىلىرى بولسا نامايىشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئەھۋاللاشتى ھەمدە سىلەر بىزنىڭ ۋەتەندىشمىز سىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىڭلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار، نامايىشىنى قانۇنلۇق داۋام قىلىڭلار دېدى.
نامايىش مەيدانى ئەتراپىدا لەگلەك مۇسابىقىسىغا كەلگەن يەرلىك خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بەزى شىۋىتلار كېلىپ نامايىشى نەق مەيداننى رەسىمگە ئالدى.
نامايىش داۋامىدا نەبىجان ئەلا سۆزىدە يەنە نامايىشقا كەلگەن ئادەم سانىغا قاراپ داۋاغا ئۈمىدسىز قاراشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئىپادە قىلدى.
نامايىش بەلگىلە نگەن ۋاقىتتا غەلىبىلىك تامام قىلىپ، ئاخىردا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن دىنىي زىيالىي قۇربانجاننىڭ قىلغان دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.