شەخىس، ئاۋام ۋە مىللىي ئىرادەنىڭ ئارىسىدىكى يوشۇرۇن مۇساپە!
ئاۇتورى: كۈرەش ئاتاخان
ئۆزى مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان سەرخىل ئىنسانىلارنى توختىماي تاش يامغۇرىغا تۇتۇپ، مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ، ياغ بىلەن گۆشتەك ياشىيالايدىغان قۇل تەبىيەتلىك مەخلۇقلارغا ھەقىتەن قاتتىق ئېچىنىمەن!
-ئاۇتوردىن
ھۈرىيىتىمىز ئۈچۈن ھاياتىمىزنى، بىلگىمىزنى ۋە مەلىمىزنى بەدەل تۆلەپ قىلىۋاتقان بۇ ئۇلۇغۋار كۈرەش بىر مىللەت سۈپىتىدە ماۋجۇت بولۇپ تۇرىشىمىزنىڭ سۇغۇرتىسىدۇر!ۋەتەن ۋە مىللەت مۇھاببىتى يوقۇملۇق بولۇپ، گىرىپتار بولغانلار مىللىي مۇناپىقلارنىڭمۇ ھەسىتىنى قوزغايدۇ. جەڭك مەيدانلىرىسىز ھەرقانداق بىر ئەركەكزاتىنىڭ ئەڭ يۈكسەكتىكى يۇلتۇزى يورۇق پارلىمايدۇ!
مىللىي ئىنقىلاپ يولى سىرلىق بىر يولدۇر! بەزىدە مەن بۇ يولدا نىمە قىلىۋاتقانلىقىمنى چۈشەنمەيلا قالىمەن ۋە بۇ يولدا يەنە نىمەلەرنى دەۋاتقانلىقىمغا ھەم ئىشەنمەيلا قالىمەن. ھىس ۋە ھاياجانلار، ئىش ۋە ھەرىكەتلەر، پىكىر ۋە مەپكۇرىلەر رىياللىقتىن ھالقىغان ئىلاھىي بىر ئىلھامنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە توسقۇنسىز مەيدانغا چىقىدۇ. رىياللىق بىلەن غايىنى، سەرخىللار بىلەن ئاۋامنى، شەخىسلەر بىلەن تەشكىلاتلارنى پەقەت خىيالنى زورلاپ تۇتاشتۇرغىلىلى بولىدىغان بىر دۇنيا، دۈشمەنلەر تەرىپىدىن خانىۋەيران قىلىنغان بىر ئەنەنە ئارىسىدا ياشاش پەۋقۇللادە جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ.
ماكان، زامان ۋە ئىمكانلار دايىم پىكرىمىز، ئىددىيمىز ۋە تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلاپ تۇرىدۇ. مەنى كۆپ ھاللاردا شەخسىي ئىدراكىم ئەمەس خەلقىمىزنىڭ ئەچىنىشلىق قىسمىتى ئۆزەممۇ قەتتىي ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ…مىللىي داۋادىكى ئەڭ يەقىن بىر نەپەر سەبدىشىم مەندىن، نىمىشقا مىللىي داۋادىكى مۇستەقىلچى، ئاۇتونومىيەچى، كىشلىك ھوقۇقچى، فىدىراتسىيەچى ۋە ئىنسان ھەقلىرى چىلەرگە ئوخشاشلا پوزىتىپ كۆز بىلەن قارايسىز،دەپ سورىدى. مەن كۆڭلىڭىزدىن كەچكەننى مەن بىلىمەن. ئەلبەتتە بۇ پوزىتسىيە مەنىڭ مىللىي داۋادىكى مەيدانىمغا زىت كېلىدۇ. زىت كېلىدۇ دەپ بەزى رىيال مەسەلىلەردىن قېچىپ دەۋىرداشلارغا قاتتىق تەلەپ قويىۋەتسەك مىللىي ئىنقىلاپ قوشۇنىمىزدا كىرزىس ئورتىغا چىقىدۇ. شۇڭا بىز چاپىقىنى ئالىمەن، دەپ جىرتاق قىلىپ قويماسلىق پىرىنسىپىنى تېپىپ چىقتۇق، خەلقىمىزنى تەدىرىجى مەركىزىي يولغا يەنى مىللىي دەۋلىتىمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش يولىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ئەدىولوگىيەگە يېتەكلەۋاتىمىز!
رەخمەت، مىللىي تەقدىرىمىز ۋە مېنىڭ كىشىسەل ئىناۋىتىمگە كۆڭۈل بۆلۈپ سۇال سورىغىنىڭىزغا. بۇ سۇالىڭىز ئەلبەتتە بۇرادەرلەرنىڭ كاللىسىغا كېلىشى كېرەك. بىز ئۆزىمىزدىن، دوستلىرىمىزدىن ۋە مىللىتىمىزدىن سۇال سورىماي كېتىۋەرسەك بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزنى قاناەتلەندۈرۈشىم كېرەك. ئەزىز قەرىندىشىم، ئەمىن بولۇڭ، كەمىنە بۇرادىرىڭىزنىڭمۇ بىر ئويلىغىنى بار.بىز مەسەلىگە دوگما ھالدا ئەمەس، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا مۇامىلە قىلىشىمىز لازىم. سىز ۋە دەۋىرداشلار توغرا دەپ بېكىتىۋالغان ئۆلچەملەر بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئورتاق ئاڭ سەۋىيسى دەرىجىسى ئارىسىدا ئاسمان-زىمىن پەرىق بار. سىز نىمە قىلسىڭىز، دەسىڭىز ۋە ئىشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما مەنىڭ مىللىي داۋادىكى ۋەزىپەم بىر تەشكىلاتچىغا ئەمەس، بىر ئوقۇتقۇچىغا بەكراق ئوخشايدۇ. بۇ كۈرەشتە بىز دەرىسلىكنى، كاللىمىزغا دەرھال كەلىدىغان ھەسسىي ھاياجان ۋە سوبىكتىپ ئارزۇلارغا ئەمەس، بەلكى سىنىپىمىزدىكى ئوخشىمىغان ياش ۋە سەۋىيەدىكى بالىلارنىڭ سىياسىي ساپاسىغا قاراپ، رىياللىقىمىزدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان ئىھتىياجلارنى نەزەرگە ئەلىپ، تارىختىكى تەجرىبە ساۋاقلىرىمىز، مىللەتنىڭ يۈكسەك ئەقىل پاراسىتى ھەمدە كوللىكتىپ ئەڭىمىزدىكى ئەمەلىيەتچان ئەقىدىۋىي ئامىللارغا قاراپ تۈزۈشىمىز كېرەك! سىز مەنى مىللىي ھەركىتىمىزدە ئۆزىڭىز بىلەن بىر قاتاردا قويماڭ، مەجبۇرىيىتىمىزدە پەرىق بار ۋە مەنىڭ سىياسىي مەيدانىمنىڭ ئۆزگۈرەپ قېلىشىدىن ھەم ئەنسىرىمەڭ، بۇرادىرىڭىز مىللىي ئىرادىمىزگە جان چىقىپ كەتسىمۇ ئىھانەت قىلمايدۇ.
مىللىي داۋامىزدا ئوخشىمىغان گورۇپپىغا كىرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۆپ ۋە ئۆز قەرىنداشلىرىمىز! مىللىتىمىز تەربىيلەش، تەشكىللەش ۋە يىتەكلەشكە مۇھتاج! مىللىي ھەرىكەتمۇ مەلۇم تەرەپتىن مەكتەپكە ئوخشايدۇ. دادام تاغلىق بىر رايوندىكى تارقاق ئارلاشما مەكتەپلەرنىڭ رەكتورى ئىدى. ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنى بىر سىنىپتا ئوقۇتۇش ئىمكانى بولمىغاچقا 7 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلارنى 9.سىنىپقىچە ئوخشاش ۋاقىتتا بىر سىنىپ ئىچىدە ئوقۇتاتتى. بالىلارنىڭ بەزىلىرى تۇغما ساراڭ، بەزىلىرى دەلدۈش، بەزىلىرى كەسەل يەنە بەزىلىرى ئەقىللىق، يەنە بەزىلىرى تۇغما تالانتلىق ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يەشى 18 دىن ئاشقان ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە جىسمانىي ئۆسۈپ يەتىلىشى نورمال بولمىغان ئۆزىدىن كىچىك، كىچىك بولغاندامۇ 8 بىلەن 10 ياش ئارىسىدا پەرىقلىنىدىغان ھەر خىل ياشتىكى ئۆسمۈرلەر بىلەن دەرىس ئاڭلايدىغان مەيىپلارمۇ بارىدى.بىز ھەممىمىز خۇددى قۇراشتۇرغىلى بولىدىغان غايەت زور رەسىمدەك، بىر-بىرىمىزنى خۇددى ۋۇجۇدىمىزنىڭ پارچىسىدەك ھىس قىلاتتۇق. مىللىي ھەرىكەت قوشۇنىدىكى ئوخشىمىغان ئەدىولوگىيە، مەتود ۋە ئۇسلۇپقا تايىنىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىدىن بىزنىڭ ئورتاق گەۋدىمىز شەكىللەڭەن. مەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مىللىي داۋادىكى پەرىقلىق رولىغا مۇسبەت كۆز بىلەن قارايدىغان، ئۇلارنىڭ بىرنىمۇ ئارتۇق ۋە كام دەمەيدىغان بىر شەخىس. بىزنىڭ ھەر خىل ۋە رەڭگارەڭ بولىشىمىزنى مۇرەككەپ بولغان خەلقارا ۋەزىيەت، بىز تارقىلىپ ياشىغان رايونلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە تەشكىلاتلىنىش جەھەتتىكى ئىمكانلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىز مىللىي داۋا قوشۇنىدىكى تەشكىلاتلارنى، سىياسىي پاالىيەتچىلەرنى، سىياسىي ۋە ئىجدىمايى گوروھلارنى ھەرگىز بىر مۇجىمەل تەشكىلاتنىڭ كۈنلىكى ئاستىغا توپلىيالمايمىز. بىز پەقەت دەرىسلىكنى ئوخشىمىغان كىتاپتىن سۆزلەيدىغان ئەمما بىلىم ئەلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىغە بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە يىتەكلەيدىغان ئورتاق بايراقنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىمىز، ھەمدە مىللىي ئىرادىمىزنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىمىز!
بۈيۈك ئۇستاز ئايىنستايىن „ماارىپ ئىنسانلارغا بىلىم بەرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تەپەككۇرىنى چەنىقتۇرۇدھ ئۈچۈندۇر“-دەپ توغرا ئەيىتقان ئىكەن.دادام بىزگە ئويلاش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ھەرىكەت قىلىشنى ئۈگەتتى. بىز ئەينى چاغدا پۈتۈنلەي يەرلىك ھۈنەر ۋە تەخنىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر چۆلنىڭ ئوتتۇرسىغا جەننەتكە ئوخشايدىغان بىر مەكتەپ قۇرۇپ چىقتۇق! مەكتەپ بىر دەۋلەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر مودېلى، تەشكىلاتلىرىمىز مەكتەپكە، تەشكىلاتچىلىرىمىز مۇەللىمگە ئايلانغاندا ئاندىن مىللىي داۋادا تەرەققىيات بارلىققا كېلىدۇ. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرىتىدا تەشكىلات قۇرۇش مەكتەپ قۇرۇش دېگەنلىكتۇر! دەۋلەت قۇرۇش تەشكىلات قۇرۇشتىن باشلىنىدۇ، غەلبە قىلىش مەكتەپتىن ئىبارەت ئالتۇن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشنى زۆرۈر بولغان ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. دەۋلەت قۇرۇشمۇ توغرا تەپەككۇر قىلىپ، سەمىمىي تەشكىللىنەلىگەن مىللەتلەر ۋە رەھبەرگە ئىتاەت قىلغان خەلىقلەر ئۈچۈن دەل تەشكىلات قۇرغاندەك ئاددىي بىر ئىش ئەسلىدە. دەۋلەت قۇرۇش مەكتەپ قۇرۇشتىن باشلىنىدىغانلىقى ئەنىق.ھەلقىمىز ئىككى ئەسىرلىك مۇستەملىكە دەۋرىدە مەنىۋىيەت جەھەتتىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى. بۇ خەلىقنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى 20-ئەسىر مىللىەتلىرىگە، قالغان قىسمىنىڭ ئۈچتە بىرى 19-ئەسىرگە، ئوتتۇردىكىلىلىرى ئۈچتە بىرى ئوتتۇرا ئەسىر مىللەتلىرىگە، ئاخىردىكى ئۈچتە بىرى ئىنسانىيەتنىڭ قارانغۇلۇق دەۋىردىكى ياۋايى مىللەتلەرگە ئوخشايدۇ. شۇ ۋەجىدىن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك ۋە جەسسۇر بىر مىللەتنىڭ ئەۋلاتلىرى بولىشىمىزغا راھمەن، سىياسىي جەھەتتىن بۇگۈنكىدەك قەبىھ ئەچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالدى. مىللىتىمىزنى ئەشۇ نادانلىق چۆلىدىن قۇرتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇ ئىش كىتاببازلىق، دوگمىچىلىق ۋە تەييار بولغان ئۆرنەكلەر بىلەن پۈتمەيدۇ. مىللىتىمىزنى مۇستەملىكىدىن قۇرتۇلۇش يولىغا باشلاش بىلىم، بايلىق ۋە ھايات تەلەپ قىلىپلا قالماي، پىلان، دىت ۋە تەدبىرگە ئېھتىياجلىقتۇر! مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ جۇغراپىيەسى، ئاھالىسى ۋە كىلىماتى پەۋقۇلاادە باشقىچە بولۇپ، بۇ خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئارتۇشنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى ھەممە ئادەم ئوخشاش ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان كىتاپلاردىن بىر مۇەللىمگە تايىنىپ دەرىس ئالغانغا نەقەدەر ئوخشايدۇ. ئارتۇشنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەردىكى ئوخشىمىغان مۇەللىملەرنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلار بار بىر سىنىپتا، بىر ئوقۇغىچىغا ئوخشاش ساەتتە ئۆتكەن دەرىسنى، يەنى بىر ئوقۇغچى چۈشەنمەيتى. ئەمما يىللارنىڭ شامالدەك ئۆتۈشى بىلەن ئەشۇ مەكتەپلەردىكى ھەممىلا ئادەم بىلىم ئەلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مەقسەتلىرىگە ئاستىراق بولسىمۇ يەتەتتى.
مەن دەسلەپتە مىللىي ھەرىكىتىمىزدىكى بەزىبىر مەسەلىلەرنى ھەل قىلالماي كۆپ قىينالدىم. بىردىنلا دادام ئومۇملاشتۇرغان ئوقۇتۇش مەتودى ئىسىمگە كەلدى ۋە بىزنىڭ تاغلىق رايوندىكى مەكتەپلەرگە بەكلا ئوخشايدىغان تەشكىلات ۋە سىياسىي ئاكتىپلار توپلىرىغا بولغان پوزىتسىيەمگە تەدبىقلىدىم ۋە ئۈنۈمىنىمۇ كۆردۈم. بەزىدە ھاياتىمىزدا ئاللا بۇرۇن يۈز بەرگەن ھادىساتلار دۇچ كەلگەن ئەغىر كىرزىسلاردىن قۇرتۇلۇپ كەتىشىمىز ئۈچۈن يەپ-يەڭى پىكىرلەرنى بىزگە ئارماغان قىلىدۇ. مەن دادامنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى خاتىرلىگەندىن كەيىن ئاجايىپ بىر يەڭى دۇنياغا كىرىپ قالدىم. مىللىي ئىنقىلاپ يولىدىكى نەزىرىيەم، مەتودىم ۋە ئۇسلۇبۇم يەتىلدى. ئۆز ئالدىمغا پىكىر قىلىدىغان بولدۇم. مەن دىمىسىمۇ بىردىنلا مىللىي ھەركىتىمىزنى ھەقىقى پايدىلىق بىر يول خەرىتىسى بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ئالتۇن كىتاپنى تەپىۋالغان ئىدىم. مىللىي ھەرىكەت مەيدانىمىز راستىنلا دادام ماارىپ تەرەپتىن يىتەكلەۋاتقان ئەشۇ تاغلىق رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە بەكلا ئىخشايتى. مەن شۇنىڭدىن باشلاپ مىللىي داۋاداكى كۈرەش يولۇمدا ئەشۇ چاغدا دادام قوللانغان دەرىس ئۆتۈش مەتودى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىمەن. شۇڭا مەنى چۈشىنىدىغان ۋە چۈشەنمەيدىغانلار بار. يەرىم چۈشىنىدىغان ۋە يەرىم چۈشەنمەيدىغانلار بار. چۈشۈنۈشكە تىرىشىدىغان ۋە پەقەتلام چۈشۈنۈشكە تىرىشمايدىغانلار بار. مەن ھەممىلا ئادەمنىڭ مەنى ئوخشاش ۋاقىتتا چۈشۈنىشىنى ھەرگىز نىشان قىلمايمەن ۋە كۈتمەيمەن ئەلبەتتە.
ھەي ئەزىز قەرىندىشىم، سىلەر مەسەلىلەرگە دايىم بىر تەرەپلىمە مۇامىلە قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. ھازىر شەيى ۋە ھادىساتلارغا ئىجتىميىلىق تەتەپتىن، پەلەسەپەدىكى دىيالىكتىك پىرىنسىپلارغا دايىر مۇناسىۋەتلەر تەرەپتىن، سىياسىي تەرەپتىن، ئەخلاقىي تەرەپتىن ۋە كەسپىي تەرەپتىن مۇامىلە قىلىشنىڭ نۇرغۇنلىغان تەجىرىبىلەردىن ئۆتكەن خەلقاراۋىي ئالتۇندەك ئىلمىي ئۆلچەملىرى بار. ھەرقانداق نەرسە قېلىپىدىن چىقىپ كەتتىمۇ، مەقسەت ئۇ ياقتا قالسۇن، ئىشلارنىڭ نەتىجىسى نۆل بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ! ئەگەر مىللىي ھەرىكەت جەريانىدا بەزى باشقىچە ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان ماڭا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئىش ھەركىتىمىزدە سىزلەر ئارزۇ قىلمىغان ھادىسىلەر يۈز بېرىپ قالسا ھەرگىزمۇ ئەغىر ئەلىپ كەتمىڭىزلەر!بىزنىڭ بىر بىرىمىزگە 100% ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشىمىز ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس. توغرىسى ئەدىولوگىيە تەرەپتىن ئورتاق بولغان تەرەپلىرىمىزنى-مەيلى 50% ياكى 80% بولسۇن-كۆرۈپ ۋە تونۇپ يېتىپ. ئورتاق غايىمىز ئۈچۈن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىش قىلىش ھەممىدىن مۇھىم!
بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئۈچۈن تۆلەڭەن بىھۇدە بەدەللەر ئەسلى تىراگەدىيەنىڭ نىمىلىگىنى ھەقىقى ھەس قىلدۇرىدۇ.قۇللۇققا قارشى مەيدانلارغا ئىسيان لەۋھەلىرىنى ئاسقانلار ئۈچۈن بەدەل قانداق بولىشىدىن قەتتىينەزەر مىللىي ئىرادەنىڭ ئۈستۈنلىكىگە بوي سۇنۇش ھەممىدىن قىممەتلىكتۇر! مىللىي ئىرادە خۇددى كەلكۈن سۇغا ئوخشايدۇ، ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئاقىدۇ! پىكىر، ئىددىيە ۋە غايە قاتارلىقلارمۇ مىللىي ئىرادەنىڭ قۇماندانلىقىغا بوي سۇنىدۇ، بىزمۇ شۇ…مىللىي ئىرادە دىگەنلىك مىللەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارارى بولۇپ، بۇ قارار بەزىدە ئىمكانلار يار بەرمىگەن ئەھۋالدا سەبىرگە، بەزىدە شارايىت پىشىپ يېتىلگەندە نارازىلىققا ۋە بەزىدە پىچاق سۈڭەككە يەتكەندە ئىسيانغا يىتەكلەيدۇ! بەزىدە ھەتتا دۈشمەن بىلەن تىنچلىق ئۈچۈن ۋاقىتلىق سۈلھىي تۈزەپ، مىللىي ماۋجۇتلۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇقلىرىدىن كۆكلەپ چىققان نوتىلارنى پەرۋىش قىلىپ، كۈجۈم ئورمانغا ئايلاندۇرىدۇ…
غەلبە قىلىشتا پۇرسەت مىھىم، مەشھۇر رۇس سىياسەتچى مەھايىل گورباچوۋ پۇرسەتتىن پايدىلىنالمىغانلار تارىخنىڭ ئەغىر جازاسىغا ئۇچرايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن. مىللىي ئىنقىلاپ يولىدىكى مەتودلىرىمىز پۇرسەتلەرگە قاراپ ئالمىشىپ، دەڭىز سۈيىدەك توختىماي چايقىلىنىپ، ھەر تەرەپكە شاش ئاتتەك كۈۋەججەپ تۇرىدۇ…باشقا چارە يوق….بۇ ھەقىقىتەن تولىمۇ ئەچىنىشلىق…سىياسەت نەتىجە سەننىتىدۇر، مىللەتچىلىك بولسا ھەرقانداق شارايىت، ھەرقانداق ماكان ۋە ھەرقانداق زاماندا ھەرگىز ۋاقتى ئۆتمەيدىغان ھەقىقەتتۇر. بىز پەقەت ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ يولغا چىققۇچىلاردۇرمىز، سەپەر بىزدىن، زەپەر ئاللاھدىندۇر.ئىمانىمىز كامىلكى ھۈر ۋە ئازات كۈنلەرگە بارغانچە يەقىنلىشىۋاتىمىز، ھەقدار ئاللاھ بىز بىلەن غەلبە ئالدىمىزدا!
18.10.2018 گېرمانىيە