شى قانخورنىڭ تەختتىن چۈشمەسلىك پىلانى خىتاي پۇقرالىرىدا چەتئەلگە كۆچۈپ كېتىش دولقۇنى قوزغىدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى قانخورنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىش پىلانى يەكشەنبە كۈنى ئاخباراتقا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن زور بىر تۈركۈم خىتتاي پۇقرالىرىدا چەت دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن كاناداغا كۆچۈپ كېتىش خىيالى تۇغۇلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە خىتايچە بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆچمەنلىككە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىدا ئۇچقاندەك تېزلىكتە ئۆرلەش بولغان. ئامېرىكا ۋە كاناداغا ۋىزا ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ھەمكارلىشىدىغان گلوبە ۋىسا ناملىق شىركەتمۇ ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە نورمالدىن تاشقىرى كۆپ تېلېفون قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.
كالىفورنىيەدە ئادەتتە خىتايلارغا ئۆي ساتىدىغان بىر ئۆي-زېمىن شىركىتىمۇ شى قانخورنىڭ تەختتىن چۈشمەسلىك پىلانى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنلا خىتتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئۆي-زېمىنغا بولغان قىزىقىش نىسبىتىدە پەۋقۇلئاددە يۈكسىلىش كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ھەتتا خىتتاي مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئۆزلىرىگە ئادەتتىكىدىن كۆپ تېلېفون كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئانالىزچىلار، شى قانخورنىڭ دىكتاتورىلىق چۈشىنىڭ كۆپ ساندىكى خىتتاي پۇقرالىرىدا خىتتاي يېقىن كەلگۈسىدە سىياسىي جەھەتتە ماۋ زېدوڭ دەۋرىگە قايتىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشىنى تۇغدۇرغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم مۈلۈكدار پۇقرالارنىڭ خىتايدىن قېچىش كويىغا چۈشكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.