ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق خىزمىتىدە بولغان، ئۆزى خوتەن شەھىرىنىڭ مەركىزى جامەسىنىڭ خاتىپى، ناۋاغ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرەھىم داموللام خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن، بۇ قېتىملىق سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئىگەللەش داۋامىدا، ئابدۇلېتىپ داموللامنىڭ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى 1 – ئاپرىل ئىجرا قىلماقچى بولغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى»دىكى، «ئىسلام دىنىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ » دېگەن ماددىسىغا ئۆز پىكىرىنى بەرگەنلىكى، ئىسلام دىنىدا نىكاھنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن «ئىدىيىسىدە ئەسەبىيلىك بار» دەپ قارىلىپ، بۇ يىل 71ياشقا كىرگەن، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن ئوردا موللىسىنى قاماققا مەھكۈم قىلغان.
6 ئىنكاس
ئابدۇ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
قەدىرلىك قېرىنداشلار ئۆزىمىزنىڭ موللىلىرى بولغاندىكىن سەل ئىنسابلىق گەپ قىلايلى ئوردا موللىسىلىق قىلغاندا ئوردا موللىسى دەيلى ،زالىمنىڭ ئالدادا زىيانكەشلىككە ئۇچىرايدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ پىكرىنى بايان قىلىپ تۈرمىگە كىرىپ كىتىپتۇ ياشانغان ئادەمكەن ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلساڭلا يامان كېتەمدۇ ئوردا موللىسى دەپ تىللاپ ئوينىساڭلا نىمە پايدا ئالارسىلەر ؟
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ھەرقايسىللىرىدەك ئېسىل موللاملار قۇيرۇقلىرىنى خادا قىلىپ ئۆگىزىگە چىقىۋالسىللىرى ئوتتۇرىغا ئامال يوق ئوردا موللىلىرى چۈشىدۇ .
سۇتۇق
بۇ ئەڭ سادىق موللام ئىدى .بارلىق ئىشلاردا ئاكتىپ ھۈكۈمەتنى ماختايتتى .خىتاي قاناتنى قىرقىپ ئەمدى نۆۋەت مۇشۇلارغا كەپتۇدە .بۇرۇنلادا بىر ھېكايە بارئىدى .بىر دىۋە بىر توپ ئادەمنى غاردا تۇتىۋېلىپ ،ئۇلارغا مەن سىەرنىڭ پەقەت سىمىزلىرىڭلارنىلا يەيمەن دىسە ئۇ كىشىلەر بىر -بىرىنى سەن سىمىز ئۇ سىمىز دەپ كۈندە بىرنى تۇتۇپ بىرىپ ئاخىرى ئۈچ ئادەم قالغان باشتا ئۇرۇق دەپ ئېشىپ قالغانلىرى سېمىزلەر قالمىغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئورنىدا سېمىز بولۇپ دىۋىگە يەم بۇلىدۇ دە .ئۇلار ئۈچى بىرلىشىپ دىۋە ئۇخلاپ قالغان پەيتتىن پايدىلىنىپ دىۋىنىڭ كۆزىگە ئۇچلۇق بىر بالداقنى تېقىۋېتىپ دىۋىنىڭ قۇلىدىن قېچىپ قۇتۇلىدۇ .ۋە ئەسلى ھەممىمىز بىرلىشىپ بۇنىڭغا قارشى تۇرغان بولساق ئاللى بۇرۇن قۇتۇلۇپ قالغان بىر ئىككىمىز قۇربان بولساقمۇ قالغانلىرىمىز ھايات قالغان بۇلاتتۇق دەپتۇ .شۇنىڭدەك بىزنىڭمۇ باشتا ئېسىل ئۇستازلىرىمىزنى يۇقاتقان بولسا ئۇلار تۈگەپ ئەمدى بۇلارغا كەپتۇ ئۇندىن كېيىن نۆۋەت بىزگە كېلىدۇ .نىمىلام دىگەن بىلەن بۇمۇ بىزنىڭ مىللىتىمىزدىن ئازغان بولسىمۇ يەنىلا كاپىرنىڭ زۇلمىغا ئۇچراپتۇ .بۇنىڭلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ھەي بچارە .
ئارتۇچ بۇغرا
ئىنكاس يازغۇچى قېرىندشىم كوڭۈللىرىغا كەلمىسۇن، بىز بىر كىشنى ھاقارەت قىلمىدۇق، قىلغان ئىشىغا قارىتا سۇپەتلىدۇق.
سابىت
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مانابۇخىتتاينىڭبۇرۇندىن قوللىنىپ كەلگەن سىيا سىتى ئۇلاغا ئىشلىگەن كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ھاماقەت دىننىساتقۇچى مۇناپىقلانى ئىشلىتىپ ئىششى تۈگىسە كۆزدىن يۇقۇتىدۇ بۇنۇڭدىنباشقا مۇناپىق خايىنلا ئىبرەت ئېلىشى كېرەك بولسامۇشۇنداق مۇناپىقلانى جىقراق تۇتسا باشقىللىرى ئىبرەت ئالاتتى
ھەق
مۇناپىق دىگەن قانداق بىلىپ سۈزلەڭ ئۇئادەممۇھەق سۈزلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلۇپتۇنىمەئۈچۈن مۇناپىق بولغۇدەك دىققەت قىلىڭ سىزمۇناپىق بولۇپ قالماڭ يەنە
ئويغاق
ھىسياتىڭلانى بېسىۋېلىپ گەپ قىلىڭلار قېرىنداشلار ،بىزدىكى ئۇيۇشقاقلىق يوق بولۇشى موشۇنداق ھېسيات تۈپەيلى بولىۋاتىدۇ ،بىر قارىم قايسى كۈنى دۇئا قىلغاندا شۇ مۇناپىقلار يولدا كېتىپ بارغاندا ماشىنا بېسىپ ئۆلگەي دىگەندەك بەد دۇئا قىلدى ،ئويلاپ قالدىم نورمال بىر ئادەم ئەگەر شۇ خىل قازادا ئۆلۈپ قالسا بىز ئۇنى ئەسلىدە مۇناپىقكەن دەپ چۈشىنىمىزما ؟ كاللىمىزنى ئىشلىتەيلى ،سوغۇققان بولۇپ ئۆزىمىزنى تۈزىتەيلى ئاندىن ئەتراپتىكىلەرگە ياخشى تەسىر بولۇپ باشقىلار سىزدىن ئۈلگە ئالىدۇ .