سۈكۈتمۇ خاتىرلىنىدۇ
سەرگەردان
ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ، سۆزلىمەسلىك-ھەقىقەتنى يوشۇرۇشتۇر ۋە جىنايەتكە يول ئىچشتۇر. جىنايەتنى ۋە جىنايەتچىنى بىلىپ تۇرۇپ «قارشى تۇرماسلىقىڭىزنى ئاجىزلىقىڭىزدىن دەپ قاراپ چۇشەنگىلى بولۇشى مۇمكىن »ئەمما ئۇنى ئاشكارلىماسلىق -جىنايەتچىنى قوغدىغانلىق ۋە جىنايەتنىڭ داۋاملىششى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىغانلىقتۇر. بۇنى نە ئىسلام دىنىمىز، نە ئىلغار سانالغان غەرپ، نە ئىلىم-پەن قوبۇل قىلمايدۇ. ئەكسچە، ئادىمىيەتسىزلىك، ساختىكارلىق دەپ ھسابلاپ، سىزنى جازالايدۇ.
سىزنىڭ يالغان ئېسللىقىڭىز، بىتەرەپلىكىڭىز، ھاياجانلانمايدىغان مەردانىلىكىڭىز بەلكىم سزنىڭ رەزىل شەخسيەتچىلىكىڭىزنىڭ، قارىداپ كەتكەن قەلبىڭىزنىڭ ئسپاتى بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم سزنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۇزۋاتقانلىقىڭىزنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم سزنىڭ ئالىم ياكى زىيالى ئەمەس،مەنپەئەتنىڭ چۇماقچىسى ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئسپاتى بولۇشى مۇمكىن. يالغانچىلىق دەۋرى ئۆتتى، ھەقىقەتچىلەرنىڭ مەردانىلىقى خاتىرلىنىدۇ ۋە تەقدىرلىنىدۇ.
جىنايەتچىنىڭ قىلمشلىرى كۆزىتىلىدۇ، ساقلىنىدۇ، ھىساب ئىلىنىدۇ. سىزنىڭ سۇكۇتىڭىز، يوشۇرۇشىڭىز، بىلمىگەن بولىۋىلىشڭىز تېخىمۇ خاتىرلىنىدۇ، سۇكۇتمۇ خاتىرلىنىدۇ ! بايلىق ۋە ئادەم كۈچى تەلەپ قىلىدىغان ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ مەقسدى -تەبىئەت ۋە ئالەمدىكى ھەقىقەتنى بايقاشتۇر،ئېىچىشتۇر،ئالىم ۋە ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئۆلچىمى –راستچىللىقتۇر.
سەن راستچىلمۇ بولمىساڭ قانداق ئالىم بولىسەن؟ ئىنسانلار دۇنياسىدا تەتقىق قىلىشنىڭ ھاجىتى بولماي تۇرۇپ،كۆز ئالدىدا، ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ھەقىقەتنى يوشۇرغان ئالىم ، زىيالى، موللا، ئەمەلدار، سەنئەتكار، بايۋەتچىلەرنىڭ زوراۋان، قارا كۆڭۈللەر بىلەن مەنپەئىتى باغلانمىسا قانداقمۇ ھەقىقەتنى يوشۇراتتى ؟سۈكۈتتىكىلەرنىڭ، بىتەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى ئالىيجاناپ كۆرسۇتۇپ، ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشمايدىغان چوڭ سۈپەت بولۇۋالىدىغان نومۇسسز يالغانچىلىقى ۋە شەخسي مەنپەئەتكە ھەممىنى قۇربان قىلىدىغان پەسلىكى ئاشكارا بولۇپ بولدى! سۈكۈتچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى ئۆتتى! سۈكۈتىڭىز خاتىرلىنىۋاتىدۇ.
ھەقىقەتچىلەرنى يالغۇز قويغانلىقىڭىز خاتىرلىنىۋاتىدۇ. ئاجىز ۋە مەزلۇملارنى تاشلىۋەتكەنلىكىڭىز خاتىرلىنىۋاتىدۇ. ھەممىسى قوشۇلۇپ ھسابىڭىزنى ياراتقۇچى ئالىدۇ،خەلق ئالىدۇ. ھەقىقەت تارازىسى ئالىدۇ،پەقەت بىلەلمسڭىز، زالىم -زواراۋان خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىنىڭ ھەممىنى يوقىتىپ بولۇپ، سىزگە كەلگەندە ئاندىن سۈكۈتىڭىزنىڭ يۇكسەك قىممىتىنى ھىس قىلشىڭىز مۇمكىن!