تېڭىرقاش ئىلكىدە ئويلىغانلىرىم
نەشتەرى
ئۇزاقتىن بېرى، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كاللامنى چىرماپ، كۆڭلۈمگە ئارام بەرمەي كېلىۋاتقان سوئاللار بار ئىدى. قانائەتلىك جاۋاپ تېپىش ئىستىگىدە بارى – يوق ئەقلىمنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ، تالاي قېتىم بېشىم قايغىچە ئويلاپ باقتىم. تاپقان جاۋاپلىرىمنىڭ ھېچبىرى ئۆزۈمنى قايىل قىلالمىدى. ئەمدى بىر ئۈمىدلىك جاۋاپنىڭ پېشىگە ئېسىلسام، تارىختىكى قىسمەتلەر، رىئاللىقتىكى ئالامەتلەر، تەسەۋۇرۇمدىكى كەلگۈسىي «كارامەت» لەر يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرۇپ، توختىماي «ئۇھ» تارتىدىغان قىلىپ قويدى. ھەر قاچان، ھەر زامان ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە بىلدۈرۈپ تۇرۇشقا تىرىشىدىغان كەمىنە پېقىر : «مۇنچە مۈشكۈل چوڭ تېمىغا باش قاتۇرىمەن دەيدىغان سەن كىمتىڭ؟ بولدى قىل ئەمدى، سېرىق ئېتىڭ بۆسۈلۈپ كەتمىسۇن يەنە!» دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە كايىپ قالدىم.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۆزەم چىڭقىلىپ ئويلاپ يۈرمەي، ئويلاپ ئويغا پىشقان، سۆزلەپ سۆزگە پىشقان، ئوقۇپ دوكتۇر ئاشقان، يېزىپ شەرەپ قۇچقان ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ، دانا – دانىشمەنلەرنىڭ، ھەر ساھە سەرخىللىرىنىڭ تەلىم – تەنبىھلىرىنى پۈتۈن زېھنىم بىلەن تىڭشاشقا باشلىدىم.
ئەلھەمدۇلىللاھ، ھېلىمۇ ياخشى ئاللاھ تائالاھ رىزقىنى چەت ئەلگە چاچقان پىشانىسى ئوڭ، زۇۋۇلىسى چوڭ، ئەقلى يىتۈك، كوڭلى پۈتۈن ئۇيغۇر سەرخىللىرى، بولۇپمۇ ھاياتىنى ۋەتەن دەۋاسىغا ئاتىۋەتكەن پىداكارلارنىڭ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بەدىلىگە بۇ دەۋا خەلقئاراغا يۈزلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن ئانچە – مۇنچە خەۋەر تاپتى، ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ھالىمىزغا ئازدۇر – كۆپتۇر ئېچىندى. بۇ ھال گەرچە ئۈمىدىمىزدىن يىراق بولسىمۇ، مۇشۇ دەۋا تارىخىدىن ئېيتقاندا دەۋر بۆلگۈچ نەتىجە دېمەي تۇرالمايمىز، ئەلبەتتە (بۇ يولدا تىنىمسىز ھەرىكەت قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چىققان دۆۋىسى ئىگىز، تۇتقان توپىسى ئالتۇن بولغاي، ئىلاھىم)
ھالبۇكى، بىز دۇچ كېلىۋاتقان رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا، تۈشمۇ – تۈشتىن ئاڭلىنىۋاتقان بەزى دەبدەبىلىك نۇتۇق ۋە قۇرۇق شۇئارلار خۇددى خامانچىنىڭ «لاي-لاي» ناخشىسىدەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى.
رېئاللىققا نەزەر سالساق، سۈيى بۇلغىنىپ نىمجان بولۇپ قالغان تۆت تال بېلىق، ئىگىسىدىن ئۆگەيلىنىپ كوچىدا قالغان ئەرمەك كۈچۈك ئۈچۈنمۇ چوقان كۆتىرىپ نامايىش قىلىپ توختىمايدىغان ئەركىن دۇنيا جامائەتچىلىكى، ئىنسان ھوقۇقى نىزامىنى مىزان قىلغان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ھېلىھەم مۇستەبىت، زوراۋان، مۆتىھەم، ئاچكۆز، چىرىك، كاززاپ، يالغانچى خىتتاي كوممۇنىست تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ زېمىنىنى پۇل، خەلقىنى قۇل قىلىش سىياسىتىگە دېگەندەك پەرۋا قىلمايۋاتىدۇ.
ۋەتەندىكى پاناھسىز بىچارە قېرىنداشلىرىمىز ئىلاجىسىزلىقتىن بېشىغا كەلگەن زۇلۇم – خورلۇقلارغا قول قوشتۇرۇپ تۇرىۋاتىدۇ. قۇشخانىغا سولىنىپ پوكانچىنىڭ پىچىقىنى كۈتۈپ تۇرغان مال – چارۋىلارنىڭ قىسمىتىگە دۇچ كەلسىمۇ «ئەلھۆكمىلىللاھ» دېيىشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ.
چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر گەۋدىسى شەيتاننىڭ شەيتانلىقى بىلەن بىر گەۋدە بولالماي، ئاران يىغقان ئازغىنا كۈچىمىز بىھۇدە خوراۋاتىدۇ.
كاللامدا يەنە شۇ سوئاللار: نېمە قىلماق كېرەك؟ نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
ناۋادا ھەممىمىز ئاللاھ تائالاھنىڭ بىر كېچىدىلا يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇشىنى تىلەپ ئولتۇرساق نەتىجىسىنى كۆرەلەرمىزمۇ؟ (ئەلبەتتە پۈتۈن ئىخلاسىمىز بىلەن دۇئا قويدۇرىمىز.) ئۆلىمالارنىڭ تەبىرىچە، ئاللاھ تائالاھ شەرتى توشمىغان قەۋمنىڭ تەغدىرىنى ئوڭشاپ قويمايدىكەن. بىز ئۇيغۇرلار ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغىلى 1000 يىلدىن ئاشتى، شۇنچە ئۇزاق زامان توشمىغان شەرتىمىز قاچانمۇ توشار؟
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىچىدىن گورباچوپقا ئوخشاش ۋاڭباچوپتىن بىرسى چىقىپ، ئەينى يىللىرى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا روي بەرگەن مۆجىزىنى تەكرارلارمۇ؟ ئۈمىدنى بۇنىڭغا باغلىساق ئۆزىمىزنى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىن ئىزدىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
بىرەر ئادالەتپەرۋەر دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىز بىچارىلەرنى قۇتۇلدۇرىۋالار، دېگەن ئۈمىدتە باشقىلارنىڭ ئىنساپىغا تەلمۈرۈپ، بويۇن قىسىپ تۇرساق، بوينىمىز تېلىپ، كۆزىمىز تېشىلىپ كەتمەسمۇ؟
چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەممىمىز قولىمىزغا قورال ئېلىپ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھۇجۇم باشلىساق، ۋەتەندىكى قېرىنداشلارمۇ بىرى قالماي قوزغىلىپ قولىغا ئۇدۇل كەلگەن ئەسۋاپ – سايمانلىرىنى ئېلىپ «يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم» جېڭىگە كىرسە، تارىم دەرياسىدىن قان تېشىپ كىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى قانغا غەرق بولۇپ كەتمەسمۇ؟
قىزىتمام ئۆرلەپ قالدىمۇ نېمە، دەپ، دەرھال دورىغا قول ئۇزاتتىم.
ئۆزۈمگە باقسام، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن، مىللەتنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئەزىز جېنى، ئىسسىق قېنىدىن باشقا دەسمايىسى يوق، ئەمما يۈرىكىنىڭ چۇڭقۇر قېتىدا ئانا ماكانىغا چەكسىز سۆيۈم، ئۆز قەۋمىگە ئوتلۇق كۆيۈم ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇرمەن. بىرسى كېلىپ گېلىمنى بوغمىغاندىكىن مەنمۇ تېڭىرقاش ئىلكىدە ئويلىغانلىرىمنى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام يامىنى بولماس، دېگەن ئويدا بۇ تېمىغا تەۋەككۈل قىلىپ قالدىم. ئەيىپكە بۇيرۇماڭلار.
ئۇيغۇرنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇخ يولىدا ئىزدەنگەن ئىزچى ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزگە جېنىنى قەغەز، قېنىنى سىياھ قىلىپ يېزىپ قالدۇرغان ۋەسىيەت-نەسىھەتلىرىدىن بىلىپ يېتەلەيمىزكى، بۇنداق ئۇلۇغۋار ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇيۇلتاشدەك بىرلىك، شەخسىيەتسىز يەكدىللىق، زامانغا يارىشا ئەقىل-پاراسەت، ئېگىلمەس-سۇنماس روھ بولماي ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئېغىزى ئاشقا تەككۈچە بۇرۇنى تاشقا تېگىپ كەلگەن شور پىشانە مىللىتىمىزنى، بولۇپمۇ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر گەۋدىسىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر مىسلىسىز دەرىجىدە ئويغاتتى ۋە ئىتتىپاقلاشتۇردى. پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ ھۇلىغا بىر قۇر كېسەك بولسىمۇ قويىۋالايلى، دېسەك، گەپنى، ئىشنى يەنىلا بۈيۈك بىرلىكتىن باشلىماي مۇمكىن ئەمەس.
بۇ يەردە دەۋاتقان بۈيۈك بىرلىك قانداقتۇ ئابىستراكىت ئۇقۇملا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ماس جىسىمىمۇ بار، يەنى بىر قاتار كونكرىت مەزمۇنغا ئىگە بىرلىكتۇر.
ئۇنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇدىغىنى، جۈملىدىن ئۇمۇرتقىسى تەشكىلى بىرلىكتۇر. بۈگۈنكى دۇنيادا ۋەتەن دەۋاسىنىڭ بىردىن-بىر نامى يوللۇق، گېپى تولۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ بىرەر شەخىسنىڭ نامىغا باغلىنىپ ئۇيان-بۇيان بولىدىغان شەخسى شىركەت ئەمەس. دۇق نى قوللاپ گىگانتلاشتۇرۇش ھەر بىر مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مىللىي بۇرچى. ئۇنى قوللاپ، يۆلەپ كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، پارچىلاشقا، ئاجىزلاشتۇرۇشقا زادى بولمايدۇ. دېموكراتىيە مۇھىتىدا ياشاۋاتقان چەتئەل ئۇيغۇر گەۋدىسى كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى دېموكراتىك يول بىلەن ھەل سقىلىشقا تامامەن قادىر. ئېغىزىدا ۋەتەننى زۇلمەتتىن، مىللەتنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزىمىز، دەپ قويۇپ، ئەمەلىيىتىدە شۇ نىشانغا يوللۇق يېتەكلەيدىغان بىردىن-بىر تەشكىلاتىنى ۋەيران قىلىش ۋەتەن دەۋاسىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەت ھەم كەچۈرگىسىز جىنايەت!
ئۇنىڭدىن قالسا بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ ئاداققى نىشانى، نىشانغا يېتىشنىڭ قەدەم باسقۇچى، ھەر باسقۇچنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرى، ھەرىكەت پىلانلىرىغا ئوخشاش ھالقىلىق مەسىللەردە چوقۇم بىرلىك بولۇشى شەرت (ماقالىنىڭ ئۇزۇراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ جەھەتلەردىكى كونكىرىت ئوي-پىكىرلىرىمنى كىيىنگە كويدۇم)
ئەگەر باشقىچە غەرەز ياكى غەيرى ھېسسىيات بىلەن يېقىن تۇرغۇسى كەلمەيدىغانلار بولسا، يىراققا بېرىپ ئىشىڭنى قىل. ئەمما ئاگاھ شۇكى، زىيانلىق زۇۋانىڭنى ئۆچەر! پايدىسىز ھەرىكەتلىرىڭنى توختات!
ۋادەرىھا، مۇبادا خىتايغا «قۇلاق» بولۇپ ۋىجدان ساتقان، ھەممە ئىشتا «مەن» نى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئەلنىڭ ئېشىغا توپا چاچقان، پىتنە تېرىپ راھەت تاپقان، پايدا-مەنپەئەتنى دەپ ۋەتەن دەۋاسىنىڭ سىرتىدا ئۇخلاپ ياتقان كۈيەندى-كۆيدۈرگىلەرنى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ لەنەت تۈرۈكىگە مىخلاپ، ھەر كىم كۆرسە نەپرەت بىلەن تۈكۈرۈپ ئۆتىدىغان بىرەر ئىچكى مىخانىزىم بەرپا قىلغىلى بولسا نېمە دېگەن ياخشى ئىش بولار ئىدى-ھە!