تۈنىستىكى (تيار المحبة)پارتىيىسى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا نارازىلىق باياناتىنى ئېلان قىلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دىننى تۈس ئالغان ئىسىملارنى چەكلەش تىزىملىكىگە ھەتتا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت صلى الله عليه وسلم ئىسمىنى چەكلەنگەنلىكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى خەۋەر ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭرى تارقالغاندىن كېيىن بۇنىڭغا قارىتا تۈنىستىكى (تيار المحبة)پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەلھاشىمى پارتىيىسىنىڭ مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن 5-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە قارىتىپ باياناتىنى يوللىغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:«جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد صلى الله عليه وسلم نىڭ ئىسمىنى يىڭى تۇغۇلغان بالىلارغا قۇيۇشنى چەكلىگەندىن قاتتىق ئەلەم ۋە بىرخىل ھۇجۇم ھېس قىلدۇق .
ئىسلام دىنىغا دۇنيادىكى بىر يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق ئىنسانلار ئىتقاد قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ بىرىنچى ئىپادىسى ، ئۇنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاش تۈنىستىكى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ بىر قىسمى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى ئىنتايىن كەڭ تارقالغان ، جۇڭگونىڭ بۇ قارارى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە مۇقەددەس بولغان ئىسلام دىنىمىز ھەمدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىلىنغان ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ. ۋە بىر يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ئاھانەتتۇر . مۇسۇلمانلار «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنى ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخىسنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. پارتىيىمىز جۇڭگوغا ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ ئاجىز دۆلەت ۋە خەلقلەرگە ياردەم بېرىدۇ دەپ ئويلايدۇ . بارلىق ساھەلەردە ئالاقىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ . لېكىن ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستاندا قويۇلىشى چەكلەنگەن ئەھۋالدا بۇنداق ياخشى ئالاقىنى ساقلاش مۇمكىن بولمايدۇ . بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بىز بۇھەقتىكى مەيدانىمىزنى بىلدۈرۈپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز .ھېچقانداق سەۋەپ يوق تۇرۇپ جۇڭگو ۋە ئىسلام دۇنياسى ئارىسىدا بىر توقۇنۇش بولماسلىقى ئۈچۈن بۇ چەكلەش قارارىنى مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى جىددىي بىر شەكىلدە تەلەپ قىلىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزۈپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز . 2017-يىلى 9-ماي تۇنىس پايتەختتىكى دۆلەتلىك تىياتىرخانا ئالدىدا بۇچەكلەش قارارىغا قارشى نارازىلىق نامايىش پائاليىتى قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.»لارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ھالەتتە بايانات بېرىلگەن.
شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۈلۈملارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئاخبارات قاناللاردا ئېلان قىلىشى ، ئاندىن باشقا دۆلەت تىللىرىغا تەرجمە قىلىپ تارقىتىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قېلىۋاتقان ئىسلام ئالىمىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دىنىمىزغا ، پەيغەمبىرىمزگە قىلىۋاتقان ھاقارىتىنى ھەمدە شۇ يەردىكى مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە سېلىۋاتقان دىننى زۈلۈملارنى پاش قىلىش، دەلىل ئىسپات بىلەن ئاڭلىتىپ يېقىدا خوتەن ۋىلايىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەزاننى ئۇيغۇرچە ئېيتىش مەنىسىنى بۇرمىلاشتىن دىنىمىزغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئېغىر ھاقارەت ۋە دەپسەندە قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا ئاڭلىتىشىنىڭ زور ۋە تەخىرسىزلىكى كۆرۈلۈپ تۇرماقتا.