ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
بىز ئالدىنقى قېتىملىق خەۋىمىزدە، پوسكام ناھىيسىنىڭ ئىككىسۇ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇرامەت تۇرسۇن 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقسۇغا پاختا تېرش ئۈچۈن بارماقچى بولۇپ، تەۋەلىكىدىكى ئىككىسۇ يېزىلىق ساقچخانىغا «يېشىل كارت»بېجىرىش ئۈچۈن بارىغاندا خىتاي تاجاۋۇزچى ساقچىلىرى تەرپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
بۇ خەۋەر 11-ئاپرىل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرپىدىن ئېنىقلىنىپ دەلىللەندى. بىزنىڭ بۇ ۋەقەنى ئىچكىرىلەپ ئىگەللەش داۋامىدا، تۇرامەت تۇرسۇننىڭ جەسىدىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى توپا ئىتىرىش ماشىنىسى بىلەن نازارەت ئاستىدا كۆمۇپ تاشلىغانلىقى، ئايالىنى بولسا ۋەقەدىن كېيىن «ئاشقۇن ئىدىيەدە» دەپ جىنايەت ئارتىپ ئۈچ يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغانلىقى، كىچىك نارىسىدە بالىلىرىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن تەسىس قىلىنغان يىغىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرغا چىقتى.