تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان روسىيە پىرىزدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا ئىدلىپتىكى يېقىنقى تەرەققىيات تىلغا ئېلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان روسىيە پىرىزدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشتى. ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشىگە ئائىت تەپسىلاتلار تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئالاقە ئىشخانىسى مۇدىرى پىراففىسور دوكتۇر فەھرەتتىن ئالتۇننىڭ تىۋىتىر ھېسابىدىن بىلىندى.
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن باشقا، يېقىندا ئىدلىپتا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنغان بۇ كۆرۈشۈشتە، ئەردوغان، سۈرىيە دۆلەت ئارمىيەسى كۈچلىرىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ھەپتىدە “ئىدلىپ جىددىيلىكنى پەسەيتىش” بۆلگىسىگە مەقسەدلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقى، پۇقرالارنىڭ يېڭى قۇرۇلغان مەكتەپ ۋە دۇختۇرخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ نىشان قىلىنىپ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ، تېرورىزىمغا قارشى ھەرىكەت بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە دۆلەت ئارمىيىسى نىشانىنىڭ ئىدلىپتە، تۈركىيە – روسىيە ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، توسقۇنلۇق قىلىش، ئاستانە كېلىشىمىنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەردوغاننىڭ، ئىدلىپتە جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشى، ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بۇزۇلۇش خەتىرىنىڭ ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئېلىشى دىققەت قوزغىدى.
ھەر ئىككى لىدىرنىڭ سوچى كېلىشىمىگە سادىق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بۇ كۆرۈشۈشتە ئەردوغان، بۈگۈنگە قەدەر سوچى ئۇلتۇماتۇمىنىڭ يولغا قويۇلىشىدا بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىگىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىڭ ئورتاق نىشانغا زىيان ئەكىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
