ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم 1976 – يىل 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1999 – يىلىدىن بۇيان «ئىلى دەرياسى» ژورنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ﯰنىڭ ھازىرغىچە ۋەتەندىكى ھەردەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 50 پارچىگە يېقىن تارىخ ۋە ئەدەبىياتقا ئائىت ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئاسىمجاننىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى «كۆكنۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «چولپان ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «ئاقيول شېئىرىيەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ھازىر ئۈرۈمچى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئۆيدىن چىقتىم
كۈن تۇغدى
چىقتىم ئۆيدىن
چېچىلغان نۇردەك ئۆچۈپ.
ئۈنۈپ چىقتىم كوچىلارغا
ئۆيدىن كۆچۈپ.
ئەلمىساقتىن بۈگۈنگىچە
ماڭدىم
ماڭدىما يىڭنە تۆشۈكىدىن تۆگە ئۆتكىچە
ئۆيدىن چىقتىم
تۇتۇۋالما گۈزىلىم مېنى
چىقىش كېرەك ئۆيدىن بىر قېتىم!
بوسۇغىدا
كوچىلارنىڭ قۇيرۇقى
يالماپ يۈتەر كوچىلار بىزنى
دەل – دەرەخلەر چىقتى كوچىغا
(ئۇلار قېچىپ چىققان ئورماندىن)
ھالسىز دەرەخ
نامسىز ئەسكەرلەر
جىمجىت بېسىپ كىردى شەھەرگە
ۋەدە قىلغان ئىدى
يۈز بەردى
…ئايلاندى ھازىرقى دەل – دەرەخلەرگە
غەمسىز لېنتىلارنى ئاسار كىشىلەر
مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇ ئەسكەرلەرگە.
شەھەرنىڭ چاڭلىرى قونار بىمالال
ئاۋاز ئېقىپ كىرەر قۇلاققا.
ﯰ سەۋىر بىلەن تۇرىدۇ قاراپ
شۇندىن بۇيان سېمۇنت بۇلاققا…
قىزلار يۆلىنىپ بېرىدۇ ۋەدە،
يىگىتلەر تىزلىنار سۆيگۈ ھەققىدە.
قېتىپ قالغان نەيزىدۇر ھىلال،
چېچىلىپ كەتكەن ئۆلۈك كۆزلەر ئاسمان يۈزىدە…
كۆتۈرۈلۈپ چۈشەر يوللارنىڭ كۆكسى
ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى زېدە
تېز سۈرئەتلىك يولنىڭ چېتىدە
قارايمەن مۇستەھكەم بۇ كىشىلەرگە.
ئانا ۋەتەن دەپ توۋلايدۇ بەلكىم
تەڭرىم ئاڭا بەرگەن چاغدا تىل.
تېرەكلەر شاھىد
بىز يولۇچىلارمىز بۇ دۇنيادىكى
مېنى ئاخىرقى يولۇچى دەپ بىل.
يولدا
مېنىڭ ۋاقتىم
خالىغانچە ئېگەللىۋالىدىغان
خالىغانچە دەپسەندە قىلىدىغان
پاھىشىلەرنىڭ كارىۋىتى ئەمەس…
مېنىڭ ۋاقتىم
ئەتىگەندىن – كەچكىچە قۇرۇق
يۈرىدۇ بوينىنى قىسىپ
قايتىدۇ ئۆيگە قۇرۇپ
قايتىدۇ غېرىب، ئۈمىدسىز…
مېنىڭ ۋاقتىم
ئالدىڭدىكى تاماقتەك ئېشىپ
زېرىكىش تۇمانلىرىغا كېتەر ئارىلىشىپ…
ۋاقتىمنىڭ ئىپپىتى قېنى؟…
لەۋلىرى قۇرۇپ كەتتى
چېچىنىڭ ئالدى چۈشۈپ كەتتى
چىرايى كونىراپ، پۈرلىشىپ…
ھەمىشە سول كۆكسى ئاغرىيدۇ
يىدى چالا ﯮﻕ
كىشىلەر قارايدۇ كۈلۈشۈپ :
− يەرنىڭ ئاستى ئۈستىدىن ئارتۇق…
مەن ۋاقتىمنى
تۇتىمەن
كۆرىمەن
سېزىمەن ئەمما
كەتكەن ۋاقتىم پاڭ ھەمكور بولۇپ
بارىمەن
كىشىلەرگە قىستىلىپ
غېرىبلىق سازىنى چېلىپ
زېرىككەن پەرىشتىلەر قارايدۇ ماڭا
كىشىلەر باقمايدۇ ئاسمانغا
چۈشەر يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ
چۈشتى ئۈستۈمگە ساختىپەز ئاپتاپ
بارىمەن ئاران چىداپ
سېرىقتال
ھۆپۈپ
قورسىقى كۆپۈپ
سايرىمىدى ھېلىغىچە
دەل – دەرەخلەر مۇڭغا چۆمۈپ
كۈتىۋالدى نەم ھاۋانى
پوتلا چىقارغان دەرەخلەرگە قاراپ:
بالام دەپ يىغلايمەن
ﯰ تۇرىدۇ دۈگدىيىپ
يول چېتىدە
كىشىلەر ئۆتەر كۈلۈشۈپ…
زېرىكىش تۇمانلىرىدا يۈردۈم
يۈردۈم
قېرىنداشلىرىم ئاراڭلارغا قىستىلىپ
قەلبىڭلارنى ئۆيۈم دەپ بىلىپ.
ئەنە
كۆمۈرچىنىڭ چىرايىدا
كۆمۈرگە بولغان مۇھەببەت يوق
تۇخۇمچى موماي
(بۇرۇنقى ئاي)
سۈتچى قىزلار
لاي…لاي…لاي…
كۆزلىرىم ئېقىپ كەتتى بىرلا قاراپ
يۈز ئەسىردىن ئۆتتۈم ئالدىراپ…
ئەنە
تۇردۇم مۈگدەپ
سامانچىنىڭ ئېشىكىدەك
ئاسمانپەلەك خىيال ئاستىدا
تۈگەتمەكتىمەن ئۈچىنچى ئاينى يەپ…
يەلكەمدىن باسىدۇ
دارغا ئاسىدۇ
خىياللىرىم
ھوزۇرلاندىم شېرىن خىيالدىن
ئۈچىنچى ئايدا
پاناھلاندىم سېرىقتالدىن
سۇ بولۇپ ئاقتىم ئەگىز ئارا
دوستلىرىم
ئۇرىدۇ يەلكەمگە
پىچىرلىشار ئارقامدىن كۈندە:
− كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتىگە قارا…
يولۇچى
قايدىن كەلدۇق بىلمەيمىز ھازىر
مەنزىل قايان؟
ھەتتا بۇمۇ سىر
ئاڭلىدۇق
كۆردۇق
بىلدۇق جىملىقتا
شۇ جىملىققا چۈشتى بۇ مىسرا.
ئاۋۇللار يىغلايدۇ
يايلاقلىرىم دەپ
يايلاقلار يىغلايدۇ
يىلقىلىرىم دەپ
دەريالار ئۆلۈم ئىستەيدۇ، يېتەلمەيدۇ
دېھقىنىم دەپ يىغلار قوڭۇر يەر
كۆچ – كۆچ دەيدۇ كېتەلمەيدۇ…
دېرىزىلەر مەھكەم تاقالدى
دەرەخلەر قانات چىقاردى
يوپۇرماقلارنى توك سوقۇپ
ئېلىكتىر سىملىرىغا ئېسىلىپ قالدى
رەت – رەت بىنالار ئىچىگە
ياسىداق ئۆيلەر ياسالدى
بېتۇنلاشقان، سېمۇنتلاشقان
يوللار يەر دەپ ئاتالدى…
«يەر ۋە سۇنىڭ بەختى بۇزۇلىدۇ
ئوت ۋە سۇنىڭ بەختى يىغلايدۇ
روھ ئۇندا كۆرىدۇ
ئۆلۈم بەختى ئىستەيدىيۇ، تاپالمايدۇ»①
مانى دوزاخنى شۇنداق يازىدۇ…
مەن يەرگە يۈكۈنىمەن
جان ئوتى يەر
ئوغۇز سۈتى يەر
روھنى قۇياش
تەننى يەر كۆمەر
يەر
سىقىلغان ئەسەبىي ھېسسىيات
يەر − مۇھەببەت
يەر − غەزەب
قات-قات…
يەر − قىسىلغاق
يەر − قوينى كەڭرى
يەر قۇياشقا ئاچار باغرىنى
قىر بېشىدا يىغلاۋاتقان يەر
قىز قېشىدا يىغلاۋاتقان يەر
يەرنىڭ كۆكسى كۆتۈرىلەر
چۈشەر
يەرنىڭ بەختى يات ۋە يېگانە
يەر – يەر ئەمەس
يەر يوچۇن نەرسە
ئۇزاق – ئۇزاق ھاياجانلىنىپ
قىر بېشىدا ئولتۇرۇپ قالدىم.
ئىزاھات: ① يۇقىرقى مىسرالار مانى شېئىرلىرى «دوزاخ تەسۋىرى»دىن ئېلىندى. («بۇلاق» ژۇرنىلى 10-سان)