ئۇيغۇر ئالى تەربىيە پروگراممىسى
300 كىتاب
قاھار بارات
20- ئەسىر ئاخىرلاشقانسېرى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتلىرىدا بىر تارىخقا خۇلاسە چىقىرىش كەيپىياتى مەيدانغا كەلدى. ھەر قايسى ئاكادىمىيە، ئىنستىتۇت، كلۇب، نەشرىيات ۋە ھەتتا شەخسلەر بىر – بىرى بىلەن بەسلىشىپ ئوز ئالدىغا داڭلىق كىتابلار تىزىملىكىنى چىقىرىشقا باشلىدى. بۇ تىزىملىكلەرنىڭ كوپىنچىسى ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە بولۇپ باشقا يەنە ئىجتىمائى پەن دائىرىىسىدىكى ئانتروپولوگىيە، ئارخېلوگىيە، دېموگرافىيە، ئىقتىساد، تارىخ، ئىنسان جۇغراپىيەسى، قانۇن، تىلشۇناسلىق، باشقۇرۇش، سىياسەت، مەدەنىيەت، پسىخولوگىيە، مۇھىت تازىلىقى ۋە سوتسىيولوگىيە قاتارلىق ساھەلەرنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى مەخسۇس ئورگانلار كىتابلارنى ئالدى بىلەن تەسۋىرى ۋە رىيالى ئەسەرلەر دەپ ئىككى تۈرگە بولدى. ئەلۋەتتە ئۇلار غەرپ قامۇسلىرىنى ئاساس قىلغان. بۇ تىزىملىكلەر جەزمەن دۇنياۋى دائىرىدە ئەڭ ۋەكىللىك ئىسىل ئەسەرلەرنى تاللاپ چىقىشقا تىرىشتى. تىزىملىك چىقارغان ھەر بىر ئورگاننىڭ ئوز ئالدىغا ئايرىم چىقىش نۇقتىسى، ئۆلچىمى ۋە مەقسىدى ۋە ھەتتا سودا راكلاملارنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالاھىدە مەزمۇندىكى كىتابلار، تەتىل ئوقۇشلۇقى ۋە بەزى شەخسىلەر ئۆزلىرى ياخشى كورىدىغان كىتابلارمۇ بار. بۇلارنى تاللاشتا بەزىلەر مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىرىنى ئاۋازغا سالغان بولسا، بەزىلىرى كىتابلارنىڭ بېسىلىش سانىنىڭ ئاز-كوپلىكىنى ئولچەم قىلغان. بۇ يەردە نوپۇزلۇقلار قايسىلار ۋە ھەر بىر پروجېكىتكە كەتكەن ئەمگەك قانچىلىك دېگەنلەرنى پەرقلەندۈرۈش بىر ئاز تەس. Norwegian Book Clubs تاللاشنى باشلاشتا ئالدى بىلەن 100 يازغۇچىنى ھەر بىرسى ئوندىن كىتاب كۆرسۈتۈشكە تەكلىپ قىلىپ ھەممىنى جەملەپ تاللىغان. تىزىملىكلەرنىڭ سانى 303كە يەتكەن. com.librarything ھازىر قارىغاندا بۇنداق تىزىملىك چىقىرىش ئىشلىرى بېسىقىپ قالدى. يىغىپ قارايدىغان بولساق ماھىيەتتە بۇلار بىر چوڭ ئىلمى پائالىيەت بولۇپ، بۇنى ئىنسانلارنىڭ يېزىق مەدەنىيەتىگە چىقارغان بىر قېتىملىق يەكۈن دەپ قاراشقا بولىدۇ.
دۇنيادا ھازىر 13 مىليون كىتاب بار. بۇنچىۋالا جىق كىتابلارنى قانداق ئوقۇش ۋە قايسىلىرىنى ئوقۇشنىڭ ئۆزى بىر بىلىم. ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ھەر-قايسى كەسپ ۋە قىزىقىشى بويىچە بۇلۇڭ-بۇلۇڭلارغا كىرىپ كەتكەن. بەزى يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى گۇزەل، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئونلاپ يۇزلەپ كىتاب يازىدۇ، ئەمما ھەممىسى ياخشى مۇتەپپەككۇر بولۇشى ناتايىن. مەقسەتسىز خالىغانچە مىڭ كىتاب ئوقۇپ ھىچ ئۇنۇمگە ئىرىشەلمىگەن ئادەملەر جىق. ئۇنداق ئوقۇش خۇددى «كۇرتلار ۋادىسى» نى كورگەندەكلا بىر ئىش. بالىلار ئۆز يېشىغا لايىق كىتابلارنى ئوقۇيدۇ. بىزدە ساۋادى چىققان بالىلارنىڭ ۋە ياكى قايسى كىتابنى ئوقۇيمەن دىگەن بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا ئالدى بىلەن ماۋۇلارنى ئوقۇ دەپ تاشلاپ بىرەلەيدىغان بىرەر ياخشى تىزىملىك يوق. بۇنداق تىزىمىلكلەردە قانچە كىتاب بولۇشى كىرەكلىكى ھەققىدى ئېنىق ئولچىمىمىزمۇ يوق. كۆپىنچە ئورگانلار نائىلاج 100 ياكى 1000 دىگەندەك دېسىماللارنى بىرلىك قىلدى. يۇقۇردىكى 303 تىزىملىك نۇرغۇن باش قاتۇرۇشلاردىن چىققان بىر ئانالىتىك تەتقىقات نەتىجىلىرى. گەرچە ئۇلار ئارسىدا بىرلىككە كەلگەن بىرەر ئىلمى ئولچەم بولمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ئوز ئالىدىغا قويغان مەلۇم ئىلمى ئولچەملەر ئاساسىدا كۆپ سېلىشتۇرۇشلار ئارقىلىق تاللاپ چىققان نەتىجىلەر. مەيلى قانداق بولمىسۇن ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى بۇ توپلاملارغا مەلۇم مىخانىك ئولچەملەرنى تېپىش ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىرەر ئېنىق سانغا ئىگە بولۇش تەس (303 تىزىملىك)
مىڭ كىتاب
ئۇيغۇر ئالى تەربىيە پروگراممىسىگە بىر يۈرۈش ئوقۇشلۇق لازىم بولۇپ قالدى. بىز ئوز تەلەبلىرىمىز بويىچە كىتاب تاللاشتا كىتابلارنىڭ داڭقىلا ئەمەس يەنە ۋەكىللىك خاراكتېرى بىلەن تەربىيەۋى ئەھمىيىتىگە دىققەت قىلدۇق. كىتاب تاللايمىز دەپ يۇقۇردىكى ھەممە تىزىملىكلەرنى توپلاپ قارا-قويۇق بىر قازانغا سالغىلى بولمىدى. بىزگە بىر ئۇنىۋېرسال تىزىملىك كېرەك ئىدى. تىزىملىكلەر ئارسىدا تەسۋىرى ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى كۆپ، رىيالى ئەسەرلەرنىڭ ئاز. ئەگەر ئۇلارنى نوقۇل ھالدا بىر يەرگە قوشۇپ تاللىسا رىيالى ئەسەرلەر سايلامدا ساندىن كۆپ ئۇتتۇراتتى. شۇڭا تا ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگىچە بۇ ئىككى كانالنى بىر يەرگە ئىلىپ كەلگىلى بولمىدى. يۇقۇرقى 303 ئانالىتىك تىزىملىكلەرنى ئالدى بىلەن تەسۋىرى، رىيالى ۋە ئۇنىۋېرسال دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا بولدۇق ۋە شۇ گۇرۇپپىلار ئىچىدىكى كىتابلارنى جەملەپ ھەر بىر كىتابنىڭ كۆرۇنگەن قېتىم سانى بويىچە ئوچىرەتتە تۇرغۇزدۇق. نەتىجىدە بارلىق ئانالىتىك تىزىملىكلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر ستاتىستىك تىزىملىك پەيدا بولدى. بۇ خىل دىموكراتىك سايلامدا چوڭلارمۇ بىر سان، كىچىكلەرمۇ بىر سان ۋە قاتناشمىغانلار يوق سان بولغان ناھەقلىقلەر بىلەن تولغان بىر ئۇماشنىڭ ئىچىدىن 10-1000 غىچە مەشھۇر تەسۋىرى ئەسەرلەر، 10-1000 غىچە مەشھۇر رىيالى ئەسەرلەر دىگەندەك ۋە ھەتتا ئۇلاردىنمۇ كۆپ كونكىرىت ستاتىستىك تىزىملىكلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ تىزىملىكلەرنىڭ بىر ئىشەنچلىك يېرى شۇكى داڭلىق كىتابلار ھەر قانداق تىزىملىكتە بەرىبىر داڭلىق بولۇپ ئۇلار بىرلا تىزىملىكتە ئولتۇرۇپ قالغان ئەمەس.
يۇقۇرقى ئىككى گۇرۇپپا ئىچىدىن بىر ئۇنىۋېرسال چوڭ تىزىملىكنى چىقىرىش ئۈچۈن يېڭى چىققان تەسۋىرى بىلەن رىيالى ئىككى ستاتىستىك تىزىملىكنى تەڭمۇ تەڭ قوشتۇق. بۇ تويدا تەسۋىرى تىزىملىك زىيان تارتتى. تەسۋىرى كىتابلارنىڭ تىزىملىكى كۆپ بولۇپ «خاملەت» 50 سانغا ئىگە بولغان بولسا رىيالى كىتابلار تىزىملىكى ئاز بولغاچقا «نىسپىلىك» ئاران 5 سانغا ئىگە ئىدى. ئوزىمىزنىڭ ئايرىم بىر ئۇنىۋېرسال «مەشھۈر مىڭ كىتاب »نى مەيدانغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن، چوڭ تىزىملىك ئىچىدە سايلام سانى بويىچە قىسقارتىپ مېڭىپ ئۈچ مىڭدىن ئىككى مىڭغا ۋە ئىككى مىڭدىن داۋاملىق قىسقارتىپ تا ئاخىرى «مىڭ كىتاب » دىگەن بىر تىزىملىكىمىزگە ئىگە بولدۇق (مىڭ كىتاب). بۇ جەرياندا قۇربان بولۇپ كەتكەن سان-ساناقسىز ئىسىل كىتابلاردىن باشقا يەنە شۇنچە كۆپ ياخشى يازغۇچىلارنىڭ ئىسمى قېلىپ قالدى. (تىزىملىككە كىرمىگەن داڭلىق يازغۇچىلار)
بۇ «مىڭ كىتاب» ئىنسانىيەتنىڭ كۆزىنى ئاچقان ئەڭ مۇھىم كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرى، كىتاب دۇنياسىدىكى پادىشالارنىڭ پادىشالىرى، گۇزەللەرنىڭ گۇزەللىرى ۋە بايلارنىڭ بايلىرى. بىر ئادەمنىڭ ھاياتى بۇ يورۇق دۇنيادا ناھايىتى چەكلىك. رۇمى: “سەن بۇ دۇنيادا ياشىمايۋايىسەن ئايرىلۋاتىسەن” ئەپسۇسكى بىز بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمۇشتىن بۇرۇن ئىنسانىيەت يازغان ئەڭ ئىسىل كىتابلارنى ئوقۇپ، ئەڭ ئىسىل نەرسىلەرنى كۆرۇپ بولالمايمىز. بۇ كىتابلارنى مەخسۇس ئوبزورچى، ھەۋەسكار ۋە يازغۇچىلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھەممىسىنى ئوقۇپ چىققانلار ناھايىتى ئاز. چۇنكى بۇرۇن بۇنداق تىزىملىكلەر يوق ئىدى. ھىچقانداق مەكتەب ۋە ھىچقانداق مۇئەللىم بۇ كىتابلارنى رەت قىلمايدۇ. ئەمما مەكتەبلەر بۇ كىتابلاردىن كۆپ بولسا 30نى ئوقۇتۇپ بولالىسا چوڭ گەپ. بىز كىتاب ئوقۇتۇش مەكتەبنىڭ ئىشى دەپ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئورنىنى توۋەن چاغلايمىز، مەكتەبلەردە ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقىنى، ۋاقتىنىڭ قانچىلىك قىسلىقىنى چۇشەنمەيمىز، بالىلىرىمىز 5 نومىر ئېلىپ كىرسىلا بولدى.
ئېنگىلىز، گىرمان ۋە فرانسۇز تىللىرىدا بۇ كىتابلار تولۇق. بۇنىڭلىق بىلەن ھەممە ئېنگىلىز ئۇلارنى ئوقۇغان بولمايدۇ. ئەمما بىز شۇ مىللەتنى ئوقۇدى دەيمىز. يەنى بۇ كىتابلاردىكى مىكروبلار شۇ مىللەتلەرگە تارقىلىپ ئۇلاردىكى تەپەككۇر، سەنئەت ۋە ئۇسلۇبلار شۇ دولەتنىڭ مىڭىسىنى ھىسابلانغان بىر خىل ئىنتېلېكسىيە ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن UAA بىلەن freebird لارغا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى گەپ ۋە سەۋىيەلەرنى سىلىشتۇرۇپ كۆرەيلى. «Ethnologue» چىقارغان 21نچى سانلىق ستاتىستىكىدا كۆرسۇتىشىچە ھازىر دۇنيادا بار تىرىك تىللار 7097، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يىزىقى بار تىللار 3909. يۇقۇرقى كىتابلارنىڭ تولۇق تەرجىمىسى بار تىللار يىغىپ كەلگەندە %01 گىمۇ يەتمەيدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ھەر خىل پەنجىرلەردىن ماراپ بېقىشقا بولىدۇ. تەرجىمە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتكە ئوتۇشتىكى بىردىن بىر كورۇك. ھازىر بىرەر ياخشى كىتاب چىقسا ياۋروپا تىللىرى بىر ئايغا قالماي تەرجىمە قىلىۋالىدۇ. بىز جاھان مەدەنىيەتىنى ئوز ئالدىمىزغا يىڭى باشتىن ئىجاد قىلىپ بوللالمايمىز ئەمما تەرجىمە ئارقىلىق يېتىشەلەيمىز. كاتولىكلار ئىسپانىيەدە ئىلىم-پەننى ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغان. ياپونلار 19- ئەسىردىن باشلاپلا تەرجىمىدە ئەڭ تىز ماڭغان ۋە غەرپكە تەرجىمە ئارقىلىق يەتكەن مىللەت بولۇپ، 20- ئەسىردە ئەنگىلىيە، گىرمانىيە ۋە فرانسىيەدىن قالسا ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىن يوقۇرى بىر دەرىجىگە يەتتى. ھازىر كورىيە بىلەن خىتاي چىقتى. ھىندىلار ئېنگىلىزچە ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى كورۋاتىدۇ. مەسىلەن مۇشۇ مىڭ كىتابنىڭ ئەتراپىمىزدىكى رۇسچە، ياپونچە، تۇركچە، خىتايچە، قازاقچە، ئۇزبەكچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ باقساق ئوزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قانچە پىرسېنت ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. خىتايدا ئۇيغۇر مائارىپى ئولمەكتە. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكىلەردىن ئەركىن ياشاۋاتىمىز، ئەمما مۇشۇ پىتى كىتىۋەرسەك مۇشۇ 21- ئەسىر ئىچىدە ھەممىمىز پارغا ئايلىنىپ تۇگەيمىز. كونا ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىدىن قايتىپ كەلگەنلىرى يوق دىيەرلىك. بىرىنچى تۇركۇم 80-90 يىللاردا چەتكە چىققانلاردىن بالىلىرىمىزنىڭ %50 چەتئەللىك بولۇپ بولدى. بىز بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن تىرىشۋاتىمىز ئەمما ئۇنىڭ ئارقىدىن داۋاملىق قوللاپ بىرىدىغان كىتابلىرىمىز ئاز. تىلىمىزنى ساقلاپ قىلىشنىڭ تەدبىرى ئۇيغۇر ئاراللىرىنى بەرپا قىلىش ۋە مەشھۇر كىتابلارنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە بولسا مىللەتنىڭ بىلىم، پىسخولوگىيە ۋە مەدىنى ھاياتىدا بىر ئىنقلاب پەيدا بولۇپ ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى %01 مەدەنىيەتلىك تىللار قاتارىغا كىرىدۇ. تەرجىمانلار ئاخىرقى ھىساپتا بىزنى ساقلاپ قالغان قەھرىمانلار بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
ئالى تەربىيە ئوقۇشلۇقى 300 كىتاب
بىزنىڭ ئالى تەربىيە پروگراممىمىز بىر 10-15 يىللىق جەريان. بۇ پروگرامما ھەپتىدە بىر كىتاب ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتا بۇ جەرياندا ئەڭ ئاز دىگەندە 600 كىتابنى ئوقۇپ بولۇش كىرەك. پروگراممىمىز شەرت قىلغان مەخسۇس ئوقۇشلۇقلار 300-400 ئەتراپىدا بولغان مۇۋاپىق. ئوقۇغۇچىلارغا كام دىگەندە %50 ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى ئوقۇشقا پۇرسەت بېرىش كېرەك. بۇ 300 كىتاب ئۇيغۇر ئالى تەربىيە پروگراممىسىدىكى ئىككى شەرت ۋە ئالتە تەلەپنىڭ بىرىنىچى شەرتى «ھەر كۇنى 30 مىنۇت ئوقۇش» قا تەۋە. ئۇنى بالىلار تولۇق ئوتتۇرنى پۇتتۇرگىچە ئوقۇپ بولۇش شەرت. 30 مىنۇت ئوقۇش بىزنىڭ ئەڭ توۋەن شەرتىمىز، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن كوپ ئوقۇسا تېخى ياخشى. ئەگەر بىر كۇندە تولۇق 30 مىنۇت ئوقۇسا بىر يىلدا 100 كىتابنى تۇگەتكىلى، 10 يىلدا 1000 كىتابنى تۇگەتكىلى بولىدۇ. بىز يۇقۇردا 1000 كىتابنى ئەندى قىسقارتقىلى بولمايدىغان بىر ئەڭ توۋەن چەك دەپ ئوتكەن ئىدۇق. بۇ 300 كىتابنى قانداق چۇشىنىش ۋە تاللاش كىرەك؟ بۇنىڭ ئۇچۇن ئالدى بىلەن يۇقۇرقى بىز تاللاپ چىققان مەشھۇر «مىڭ كىتاب» نى يەنە بىر قېتىم شاللاپ، يېرىمىنى ھەسرەت ئىچىدە قىسقارتتۇق. بۇ كىتابلار بىرسىدىن بىرسى ئىسىل، ئاخىرى 500دىن توۋەنگە چۇشمەي تۇرۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ ھەجىملىك تارىخى كلاسسىكلارنى قىسقارتتۇق. ئۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىنسانىيەتنىڭ كۆزىنى ئېچىشتا ئۇلۇغ روللارنى ئوينىغان قىممەتلىك مىراسلار. ئۇلارنىڭ توردە ئورۇن ئېلىشىدا بىر ئەنئەنىۋى ھۆرمەت ساقلانغان. بىزنىڭ مەقسىتىمىز شۇنداق كىتابلارنى ئوقۇش ئەمەس ئوقۇشقا باشلاش. ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى ناھايىتى تىز تەرەققى قىلماقتا. يېڭى چىقىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ سۇپىتى بىرسى بىرسىدىن ئۇستۇن بولۋاتىدۇ. بەزى بىر يېڭى كىتابنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى 10 كونا كىتابتىن چوڭ. ئۇچىنچى قەدەمدە مەشھۇر يازغۇچىلاردىن پلاتو، شېكسپېر ۋە تولستوي قاتارلىق زومىگەرلەرگە رەھىم قىلماي بىرلا كىتابىنى قالدۇردۇق، چۇنكى خاملەتنى ئوقۇغان ئادەم رومىئو ۋە جۇلىيەتنى جەزمەن ئۆزى تىپىپ ئوقۇيدۇ، ئۇرۇش ۋە تىنچلىقنى ئوقۇغانلار .ئاننا كارېنىنانى ئوقۇيدۇ. ئاخىرى ئېنگلىز، فرانسوز، گېرمان، رۇس ۋە ئىسپان ئەدەبىياتىدىن بىر-ئىككى ۋەكىلنى ساقلاپ قالدۇق. ئىشىنىمەنكى خۇگونى ئوقۇغانلار زولا، مۇپاسسانتلارنى ئوقۇيدۇ؛ سولژىنىتسيننى ئوقۇغانلار شولوخوۋ ۋە ئۇلىسكايانى ئوقۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ئېچىنىشلىق قان توكۇشلەردىن كېيىن بۇ ساننى ئاز سانلىق مىللەتكە ئېتىۋار بېرىش يۇزىسىدىن 300گە ياق 375كە چۇشۇرەلىدىم، ئەمدى قىسقارتالمايمەن. (300 كىتاب)
بىز دەۋاتقان 10-15 يىللىق ئالى تەربىيە ئادەم ھاياتىنىڭ بەشتىن بىر ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ پەقەت «ئەڭ تولۇق تەييارلىق» دىگەن بىر شاھادەتنامىغا تەڭ. ئالى تەربىيە پروگراممىسى ئائىلە تەربىيەسى ئىچىدىلا چەكلەنگەن بولۇپ، پائالىيەت ۋاقتى تاپشۇرۇقتىن سىرت چۇشتىن كىيىن بىر سائەت بىلەن ئازنا كۇنلىرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىزنىڭ مەخپى ۋەزىپىمىز ئويدىكى 300 كىتابنى شۇ 1000 تۈگۇرنىڭ ئىچىگە تۇگۇپ يىگۇزۋىتىش. ۋارېن بۇفېت كۇنىگە 600-1000 بەت، بىل گەيتىس يىلىغا 50 كىتاب ئوقۇيدىكەن. businessinsider0 كومپانىيەسى مەخسۇس 1200 مىللىونېرنى تەكشۇرۇپتىكەن ئۇلاردىكى بىر ئورتاقلىق ھەممىسى ئۆزى ئوقۇپ باشقا چىققان. (businessinsider.com).
دۇنيادا باش كۆتەرگەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەخپى دەستۇرلىرى بولىدۇ. يەھۇدىلار تارىختا ئەسلى تۇگەشكەن بىر خەلق ئىدى. ئۇلارنى شامنىڭ تىگىدە كىتاب ئوقۇيدىغان بىر نەچچە راببان تىرىلدۇرۇپ قالدى. يەھۇدىلارىڭ ئون ۋەسىيەت، تاۋرات دىگەندەك كىتابلىرى بار. ئۇلار ھەر جۇمە بىر ئويگە يىغىلۋېلىپ كىچىچە ئوقۇيدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىدۇ. خىتايلاردا 4 كىتاب 5 نوم بار. ئۇلار بالىلىرىنى 4 يېشىدىن باشلاپ شۇ چۇشۇنۇكسىز گەپلەرنى يادىلاشقا مەجبۇرلايدۇ. كۇڭزى مۇنداق دەيدۇ: «بىر يىلنى كۆزلىسەڭ ئۇرۇق تەر، ئون يىلنى كوزلىسەڭ دەرەخ تىك، 100 يىلنى كوزلىسەڭ تەربىيەلە» يەنە «ئەلنىڭ كۇچى ئائىلىنىڭ ئەجىرىدىن باشلىنىدۇ» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ دەستۇرلىرى ئىپتىدائىي تار مىللەتچىلىك ئاساسىدا يېزىلىپ قېلىپ، دىنغا ئايلىنىپ قالغان نەرسىلەر بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ قەددىنى كۆتۇرگەن بىلەن باشقىلارغا پالاكەت كەلتۇرمەكتە.
بىزنىڭ مەخپى دەستۇرىمىز «300 كىتاب». ئالى تەربىيە پروگراممىسىغا قاتناشقانلار 300 كىتابنى ئېلىشى شەرت. بۇ ئوقۇمايدىغان ئادەمنى ئوقۇيدىغان قىلىشتىكى بىرىنچى تەدبىر. بىز بالىلېرىمىزنى خارۋردقا يېتىشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز شۇنىڭغا كېتىدىغان كۇچ، ۋاقىت ۋە پۇللارنى خەشلەشكە ماقۇل بولىشىمىز كىرەك. 300 كىتاب بىر پارچە گىلەمنىڭ پۇلى. خوۋارد گاردنىر دەيدۇكى: «ئەگەر تەربىيەنى قىممەت كورسەڭ قارا قوساقلىقنىڭ زىيىنىنى ھىساپلاپ باق». بۇ كىتابلار كوپلەپ بېسىلغان ۋە تەرجىمە بولغان. بۇلارنى كۇتۇبخانىلاردىن تېپىش ئوڭاي ۋە توردىمۇ ھەممىسىنىڭ دىگىتال نۇسقىلىرى چىقىپ بولدى. بەزىلىرىمىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ كاللىمىزغا كىلىدىغىنى «ئارىيەت ئالسام، توردىن ئوقۇسام بولىمىدىمۇ؟» ئەمەلىيەتتە بۇ «ئوقۇمايمەن» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.
ئائىلە كۇتۇبخانىسى
قەدىمدە كىتاب قىممەت ۋە ئەتىۋارلىق نەرسە بولۇپ پەقەت ئوردا، مەكتەب ۋە ئالىملارنىڭ ئۆيلىرىدىلا بولاتتى. ياۋروپا ئويغۇنۇش دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن ئائىلە كۇتۇبخانىسى قۇرۇش بورژۇئازلارنىڭ بىر مودىسىغا ئايلاندى. ياۋروپالىقلار كىتاب ئوقۇپ تەرەققى قىلغان. شەرقنىڭ ھىكايە چوچەكلىرىدە بايلار كۆرپىدە ئولتۇرۇپ، يەپ-ئىچىپ، خوتۇن قاتلاپ يۇرگەننى ھەۋەس قىلىدۇ. چار پادىشا نىكولاينىڭ بالىلىرى ياستۇقى يوق قاتتىق كورپىلەردە يېتىپ، بىر كۇن كەچىكچە ھەر خىل دەرسلەرنى ئېلىپ ئوقۇغان ئىكەن. ئائىلە كۇتۇبخانىسى قۇرۇش مودىسى كىتابنىڭ كۆپۇيىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئورتا سىنىپلارغا ئوتتى. ئەمما بۇلار ياۋروپالىقلارنىڭ ئىشى بولۇپ بىز پۇل تاپساق ئىشكاپلارنى بەرىبىر ۋازا، ئىستاكانلار بىلەن توشقۇزىمىز. 21- ئەسىر كىرگەندە كومپىيوتېر، تېلېۋىزور ۋە رادىئولار تەرەققى قىلىپ كىتاب ئوقۇش ئازىيىشقا باشلىدى. ئىسىل كلاسسىكلارنىڭ باھاسى 5$ غا چۇشۇپ قالدى، كۇتۇبخانىدا كىتابلارنىڭ سانى ئازايماقتا. بۇ كۇنلەردە بالىلىرىمىز كىتاب ئوقۇماي ساپ كومپۇتورغا قارايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ كەيپىيات بىزنىڭ ئالى تەربىيە پروگراممىمىزغا تەسىر قىلمىسۇن. كىتابلار 50-100 يىلغىچە چىرىمايدۇ، يەنى 3-4 ئەۋلاتقىچە ئۆيىمىزدە تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ كىتابلارنى سېتىپ ئېلىپ ئۆيگە تىزىپ قويسىڭىز جاھاننىڭ 300 ئالىمنى ئەكىرىپ تورەگە ئولتۇرغۇزۇپ قويغان بىلەن تەڭ، قالغىنى غۇلاچ ئارلىقىدىكى ئىش. مۇشۇنداق بىر كۇتۇبخانىسى بار ئويدە چوڭ بولغان بالىلىرىمىز، نەۋرىلېرىمىز ۋە چەۋرىلىرىمىزنىڭ بىلىم سەۋىيەسى، سۇپىتى، جەمىيەتتىكى ئورۇنلىرى ئۇستۇن ئادەملەردىن بولۇپ بىزگە بولغان ھورمىتى چەكسىز بولىدۇ.
بىز چەتئەللەردە قېلىپ قالدۇق. تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكى بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. بۇنداق دەرت-ئەلەم، غەزەپ ۋە قۇللۇق ئاستىدا ياشىغىچە ئوقۇشقا تەسلىم بولۇپ تىل ئوگۇنۇپ كىتاب ئوقايلى. كىتاب ئوقۇشنىڭ ئوزىمۇ بىر خۇمار. مەلۇم نوقتىدىن ئېيتقاندا سىز 300 كىتابنى ئېلىشنى بىلىڭ ئوقۇشتىن غەم قىلماڭ. بۇ كىتابلارنىڭ جەلىپ قىلىش كۇچى دەھشەت كۇچلۇك، ھەرگىز بېشىغا توپا قوندۇرمايدۇ. ئىشىنىمەنكى كىتابلار ئۆيدە پەيدا بولغاندىن كىيىن بالىلىرىڭىز ۋە ئوزىڭىز باشچىلاپ كىرىپ كەتىسىز. بالىلار 3-4 يېشىدىن باشلاپ يامغۇردەك سوئال سوراشقا باشلايدۇ ۋە بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى ئورتاق تىللار ئىچىمىزدىكى بىلىمىمىزگە قاراپ داۋاملىشىدۇ. بەزى ئوقۇمايدىغان ئائىلىلەردە بالىلار 15-10 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئىشتىن ھېرىپ كىلىپ ياتقان ئاتا-ئانىسىغان گەپ قىلماس بولىۋالىدۇ. بالىلار بىلەن بىرەر كىتابنى بىللە ئوقۇپ شۇ ھەقتە پاراڭلاشقاندەك كۆڭۈللۇك ئىش يوق. بايلار بالىلىرى ئۇچۇن مىليون دوللار خەشلەيدۇ. ئامېرىكادا فۇجەنلىكلەر ئاشخانىدا 10 سائەت ئىشلەيدۇ، بىرلا مەقسەت بالىلىرىنى بىرەر ياخشىراق ئۇنىۋېرسىتقا كىرگۇزۋېلىش. نەكەم بالىلىرى بىرەر كومپىيوتېر ياكى دوختۇرخانىدا ئىش تاپقان كۇننىڭ ئەتىسى ئاشخانىنى تاقاپ ماجاڭ ئويناپ تېلېۋىزور كۆرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بالىلارنى قانداق ياخشى تەربىيەلەش ھەر بىر ياش ئاتا ئانىنىڭ ئالدىدىكى بىر تېپىشماق. قارا-قۇيۇق تىرىشقاننىڭ ئورنىغا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلايلى. مېتودىمىز توغرا بولسا خاپىلىق ئورنىغا خوشاللىق، جاپا ئورنىغا راھەت ۋە دوتنىڭ ئورنىغا ئەلاچى كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئالى تەربىيە پروگراممىمىزدا ئۇنچىۋېلا جىق جاپا ئىش يوق، مۇھىمى تۇرمۇش ئادىتىمىزنى ئوزگەرتىش. « يېرىم سائەت ئوقۇش» بىلەن «يېرىم سائەت يېزىش» مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ. بۇنداق بالىلارنىڭ مىڭىسى ئۇچۇق، ئەقىللق بولۇپ مەكتەبنىڭ گۇھەرلەرىگە ئايلىنىپ ھەممە دەرستە ئەلاچى بولىدىكەن. بالىلاردا بىر تۇغما ئوگۇنۇش قىزغىنلىقى بولىدۇ. قولىمىزدىن كەلسە ئۇلارغا تەربىيە بېرىمىز، كەلمىسە ھىچبولمىغاندا شۇ شارائىتلارنى ھازىر قىلىپ بېرىشىمىز لازىم. بۇلار ئاددىسى «300 كىتاب» نى ئېلىش، ھەر-كۇنى بىر سائەت ئوقۇش ۋە يېزىش، ھەر شەنبە كۇتۇبخانىگە ئاپىرىش، مەكتەب ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاپىرىش بولۇپ ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىش يوق.
بۇ كىتابلار ئىنسانىيەت جەمئىيەتىنى ئۆزگەرتكەن ئىكەن بالىلىرىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. مەنچە 50 كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قالغان 300گە ۋە 1000گە ئۆزىلا كىرىپ كېتىدۇ. «300 كىتاب» ئۆيىمىزدە مۇشۇنداق بىر خىل يۇشۇرۇن كۇچنىڭ داۋاملىشىشىغا تىكلەنگەن بىر مەڭگۇ تاش بولۇپ تۇرىدۇ. ئىشىنىمەنكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئەلاچىسى، مۇشۇ شەھەرنىڭ ھاكىمى، مۇشۇ ۋىلايەتنىڭ گوبېرناتورى ۋە مۇشۇ دولەتنىڭ رەئىسى چوقۇم مۇشۇ ئويدىن چىقىدۇ!