ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان خىتتاينىڭ ئىپلاس تاپىنى ئاستىدا ئېزىلمەكتە. خىتتاي يىللاردىن بېرى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز، مىللى كىملىكىمىزگە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلدى، يىزىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ساۋادسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ھازىرغا كەلگەندە تىلىنى ئۆزگەرتىپ ئاتا – ئانىنى بالىدىن، بالىنى ئاتا – ئانىدىن ئايرىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەربات قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. بىر مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھىنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك، مىللى ئېڭى، دىنىي كىملىكى، ئۆزلۈك قارىشىنى تىكلەش كېرەك. ئەدەبىياتنىڭ بۇ ساھەدە قىلىدىغان خىزمىتى ناھايىتى زور بولىدۇ. سىز بىر ئەسەر يازسىڭىز ئۇنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان كىشى بولمىسا، بۇ ئەسەر ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ، ھېچبىر ئەھمىيەتسىز قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆلمەس ئەسەرلىرىمىزنى، تارىخىمىزنى ئەدەبىيات ئارقىلىق ئەۋلادلارغا يەتكۈزىمىز، يەنى، كىتاب قىلىپ قالدۇرىمىز. بۇ كىتابنى بالىمىز ئوقۇشنى بىلمىسە، ئۇ كىتابنىڭ بولغىنىنىڭ نىېمە ئەھمىيىتى؟… ئاتا – ئانىلارغا تەۋسىيەرىم، بالىلىرىمىزغا ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئۈگەتكەندىن سىرت ئەدەبىياتىمىزنى ياخشى ئۈگەتسەك. ئېغىز تىلى بىلەن ئەدەبىي تىل پەرقلىنىدۇ. ئەدەبىيات مول تىل بايلىقىغا مۇھتاج. بالىلار پەقەت سۆزلىيەلەيدىغان يازالمايدىغان، ئوقىيالايدىغان چۈشىنەلمەيدىغان بولۇپ قالمىسۇن. قۇرئان ئەڭ زور پەلسەپىۋى ئەسەر. قۇرئاننى تەتقىق قىلىش، چۈشىنىش ئۈچۈن تەپەككۈرىمىز يېتىشمىسە بولمايدۇ. ئىنسان تەپەككۇرىنى كىتاب ئاچىدۇ. پەلسەپىۋى ئەسەرنى ئون قېتىم ئوقىسا، ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتمۇ ئون خىل بولىدۇ. شۇڭا كىتابنى ئوقۇشنى، ئوقۇپ چۈشىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك. بىزمۇ كەلگۈسىدە تۇڭگاندەك تىلى بار، يېزىقى يوق مىللەتكە ئايلىنىپ قالمايلى. بىر نەرسە ئىشلەتمەسلىكتىن يوقىلىدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى رئئاللىققا توغرا مۇئامىلە قىلايلى. بۇرچىمىز ئېغىر، يولىمىز مۈشكۈل، شۇنداق بولسىمۇ بەل قويىۋەتمەي ئەۋلادلىرىمىز ئالىدىغان تەربىيەنى چىڭ تۇتايلى. بار كۈچىمىز بىلەن ئۆزلىكىمىزنى، روھىيىتىمىزنى، ئېتىقادىمىزنى، كىملىكىمىزنى قوغدايلى. بىزنىڭ كەلگۈسىمىز قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى داۋاملاشتۇرىدىغىنى دەل بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزدۇر.
نۇرانىيە