ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى چۈشكۈنلۈك
ئاينىسا ئابلىكىم
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىپ بارماقتا. ماددىي ئېھتىياج، ماددىي چۈشكۈنلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىشقا سەۋەب بولغىنىدەك، مەنىۋىي ئېھتىياجمۇ مەنىۋىي چۈشكۈنلۈكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا. ماددىي چۈشكۈنلۈك بولسا، ئىنساننىڭ ماددىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ تويۇنمىغان ھالىتىدە شەكىللىنىشىدۇر.
مەنىۋىي چۈشكۈنلۈك بولسا، ئىنسان روھىنىڭ زەئىپلەشكەن، ئاجىزلاشقان، يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان پاسسىپ (بېسىمنىڭ) ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىدۇر.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا، بىزنىڭ سۈيۈملۈك ئۇيغۇر مىللىتىمىز دەل مەنىۋىي چۈشكۈنلۈكنىڭ ئىسكەنجىسىدە جان تالىشىۋاتىدۇ، ئىڭراۋاتىدۇ، چوڭقۇر دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەملەردەك قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ توۋلاۋاتىدۇ!
ئەمما ھېچ ئاۋازى يەتمەيۋاتىدۇ! يامان چۈش كۆرۈپ قارا باسقان ئادەملەردەك كۆزلىرىنى ئاچالمايۋاتىدۇ!
سەۋەبى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، ئېتىقادى، تارىخى، مەدەنىيىتى، تىل – يېزىقى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن يوقىتىشقا، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. روھىي مەنىۋىيىتىمىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۋاتىدۇ. پەرزەنتلىرىمىزنى ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە قىلسا، قىز – يىگىتلىرىمىز ئۆرپ – ئادىتىمىزگە زىت ھالدا ئۆز دۈشمىنىمىز بىلەن يەنى، قېنىمىز، دىنىمىزغا قارمۇ – قارشى بولغان يات خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ .
60 ياشلىق ئاتىلىرىمىز قولى كەلسە، پۇتى كەلمىگەن ھالدا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى مەدھىيىلەيدىغان ئالما ئۇسۇلى ئويناشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر تۈركۈم ياشلىرىمىز، خىتتاينىڭ ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى» دېگەندەك ھىيلە – مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ يوقىتىشىغا دۇچار بولسا، خىتتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئىگەللەشتەك رەزىل مەقسىتىنى، قەدەممۇ – قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ.
يۇقىرىقىدەك بىر تۈركۈم پاسسىپ ئامىللار ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ مەنىۋىيىتىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈشكە سەۋەب بولىۋاتىدۇ ۋە روھىيىتىمىزنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىۋاتىدۇ.
بىز بىر ئۇيغۇر مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىشقا، روھىي چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشايلى! شۇنداقلا، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ماتەمدار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ئاتلىنايلى!
بىزنىڭ دۈشمىنىمىز خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى. دۈشمەننى ئېنىق تونۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئىمكانىمىز يېتىشچە قارشىلىق، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ھەسسە قوشقىنىمىز، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى تونىغانلىق بولىدۇ.
شۇڭا، مەنىۋىي روھىيىتىمىزدىكى كەمچىلىكنى تولۇقلاپ مىللەت ئۈچۈن، ئۈممەت ئۈچۈن ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مەيلى قەيەردە بولايلى، مەيلى قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەشكە شارائىتىمىز يار بەرسە، شۇ شەكىلدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ زۇلۇم چېكىۋاتقان ھالىنى، نىداسىنى ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇرنى بىلمىگەن، تونۇمىغان دۇنياغا ئاڭلىتايلى، تونۇتايلى!
بىزنىڭ باسقان ھەر بىر قەدەملىرىمىزدىن ئۇيغۇر دېگەن تىۋىش كەلسۇن!
ھەر نەپەستە سوققان يۈرەكلىرىمىز ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن سوقسۇن!
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى، مەزلۇم يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم چېكىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى پۈتۈن دۇنياغا ياڭرىسۇن.
2017 – يىلى 11- ئاۋغۇست