كۇرشات ئوغلى
يېقىندا بىر ئۇكا يوللۇق دوستىمىز بىلەن ئۇسسۇل توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق. بۇ دوستۇمنىڭ كۆز قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ناخشا ئۇسسۇلغا ھېرىس بولغاچ، ئۇنىڭغا بەكلا بېرىلگەچ، بىز ئۇيغۇرلار “ئۇسسۇلچى مىللەت” ئاتىلىپ مۇشۇنداق كۈنلەرگە قاپتۇق. مىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى ئويناۋاتقان ئۇسسۇلىمىزغا قارىتا موللا بىلەن زىيالىينىڭ ئېيتىۋاتقان مۇقامىمۇ بىر – بىرىگە قارشى بولۇپ، ياشلىرىمىز گاڭگىراپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، بۇ يازمىنى يېزىپ ئۆزۈمنىڭ ئۇسسۇلغا قارىتا ئويلىغانلىرىمنى بۇ تېمىغا قىزىققۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.
ئۇيغۇرلار ئوينىغان ئۇسسۇلىنى ئۇسسۇل دەيدۇ، ئىش قىلىشتىكى تەدبىر، مېتودلىرىنى ئۇسۇل دەيدۇ. بىرى ھېسسىي ئېستېتىكا، يەنە بىرى ئوبيېكتىپ ھايات پىرىنسىپلىرى.
ئۇسسۇل، ھەرىكەتنىڭ رېتىملىق تەكرارلىنىشى. يەنە ئوينىغان ئۇسسۇل، ئۇ رېتىمغا بولغان سەزگۈ ۋە بىلىش. پۇت – قولىڭىز رېتىمغا كەلسە ئوينىغان ئۇسسۇلىڭىز قاملىشىدۇ، ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزمۇ ئۆزگىلەرمۇ زوق ئالالايدۇ. ئىش قىلىشنىڭ قائىدىسىنى ئۆگەنگىنىڭىزدە ئەمگەك نەتىجىڭىز ئۇتۇقلۇق چىقىدۇ. بۇ دۇنيا نەدىن كەلدى نەگە بارىدۇ ئىلىم – پەن تېخى تولۇق جاۋاب تاپقىنى يوق. ئەمما ئىلىم – پەن بىزگە بۇ دۇنيانىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ئۆز رېتىمىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەر بىر ھاياتلىق ئانا قورسىقىدا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ئۇنىڭ يۈرىكى رېتىملىق سوقىدۇ. يەرشارى ئۆز ئوقىدا رېتىم بىلەن پىرقىراپ، كۈننى رېتىم بىلەن ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ دۇنيادا سىز رېتىمى بولمىغان تەبىئىي مەۋجۇتلۇقنى تاپالمايسىز. ئەكسىچە بارلىق رېتىمى بولمىغان شەيئىلەرنى دەل ئىنسانلار پەيدا قىلىۋاتىدۇ. رېتىمى يوق ياكى رېتىمى بۇزۇلغان شەيئىلەر ئىنسان جەمئىيىتىدىلا مەۋجۇت. ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، ۋابا. بەلكىم ۋاباغا ئوخشاش كېسەللىكنى سىز تەبىئەتتىن كەلگەنغۇ دەيسىز. ئەمما نېمە ئۈچۈن ئىنسانلاردا ۋابا تارقالغان دېسىڭىز: ئېيتىلىشىچە ياۋروپادا ئەسلى ۋابا كېسىلى يوقمىش. موڭغۇللار غەربكە يۈرۈش قىلغاندا ۋابانى ئۆزلىرى بىلەن ئېلىپ ياۋروپادا تارقاتقان. بۇ ۋابا بولسا ئۇلار يېگەن بورسۇق دېگەن ھايۋاندىن يۇققان. ئەمدى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بورسۇق يېگەنمۇ دېگەندە، ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن كۆرە ئەجدادلىرىمىز بورسۇق ئەمەس ئىسلامغا ئېتىقاد قىلمىغان زامانلاردىن تارتىپ ھەتتا توڭگۇزنىمۇ يېمىگەن.
ئەجدادنىڭ گېپى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئۇ ئىككى يىلتىزغا ئۇلىنىدۇ. بۇ ئىككى يىلتىزنىڭ ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارىتا تارىخچىلار ئارىسىدا كۆز – قاراش پەرقى بولسىمۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاتلىق مىللەتنى بۇ ئىككى يىلتىزدىن ھېچكىم ئايرىيالمايدۇ. بۇ يىلتىزنىڭ بىرى موڭغۇل ئېگىزلىكى ۋە كەڭ سىبىرىيە رايونىدا بارلىققا كەلگەن ئاتلىقلار مەدەنىيىتى؛ يەنە بىرى تارىم ۋادىسىدا بارلىققا كەلگەن بوستانلىقتىكى تېرىم مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى مەدەنىيەت تارىم بوستانلىقىدا بىرىكىشىدىن بۇرۇنلا ئۆز زېمىنلىرىدا ھاياتلىقنىڭ رېتىمنى بايقاپ، شۇنىڭغا ماسلىشىپ ئۆز ئۇسۇللىرىنى تاپقان.
موڭغۇل سىبىرىيە رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن ئەجدادىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا شامانىزم ۋە كۆك تەڭرى ئېتىقادىدا بولغان. شامانىزم دۇنيادىكى تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن بولغان، تەسىر دائىرىسىنى بەش قىتئەدىن تاپقىلى بولىدىغان بىر خىل ئىپتىدائىي ئېتىقاد. شامانىزم ئىنسانلار ئەڭ قەدىمكى دەۋرىدىن باشلاپ بۇ دۇنيانىڭ رېتىمى، بولۇپمۇ ھاياتلىقنىڭ ئەبەدى رېتىمىغا بولغان ئىزدىنىشلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلار ھايات رېتىمىنىڭ ئۆلۈمگە ئۇلاشقاندا ئۈزۈلۈشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدىكى ھېسسىي ئىزدىنىشلىرى، شامان ئاتلىق ئالاھىدە بىر تائىپىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇلار ئىنسان ئۆلسىمۇ ھاياتلىقتا بار بولغان رېتىمنىڭ كۆچۈشىنى تەبىئەتتىكى ئۆزلىرى ھېس قىلغان تەبىئىي قانۇنىيەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىزاھات بېرىشكە تىرىشقان. ئۇلار چىقىۋاتقان شامال، ئېقىۋاتقان سۇ، قەد كۆتۈرگەن دەل – دەرەختىكى تەبىئىي رېتىملارنى ھاياتلىقتىكى رېتىمنىڭ كۆچۈپ داۋاملىشىشى دەپ قاراپ، ئۆزلىرى ئوينىغان ئۇسسۇلنىڭ رېتىمىغا يارىشا ئۆلگەندىن كېيىنكى كۆچ ئەتكەن رېتىم(روھ) بىلەن ھايات ئادەمنىڭ تېنىدىكى رېتىمىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەشكە تىرىشقان. كۆك ئاسمان ئاستىدىكى كۆكەرگەن زېمىندا ئات چاپتۇرۇپ شۇڭقار كەبى شۇڭغۇپ، ئىنسانى ھۆرلۈكنى ھېس قىلغان ئاتلىرىمىز رېتىمغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ بىر بالداق ئۆرلىتىپ كۆك تەڭرى ئېتىقادىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ قېتىم ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى بىۋاسىتە ھېس قىلالمايدىغان ھاياتلىقتىن مەھرۇم بولغان ئىنساننىڭ رېتىمى توغرىسىدا باش قاتۇرماي ئۇنى كۆك تەڭرى ناملىق زېمىننى ئاپىرىدە قىلغۇچە ۋە باشقۇرغۇچى دەپ ئىشەنگەن تەڭرىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى ۋە ھېس قىلغىلى بولىدىغان رېتىملار ئۈستىدە ئىزدەنگەن. بۇ مەزگىلگە كەلگەندە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتلىققا بولغان ئىنتىلىشلىرى تېخىمۇ رىئال ۋە ئوبيېكتىپ بولغان. مەيلى قاغان بولسۇن ۋە ياكى چوپان بولسۇن ھايات رېتىمىنىڭ مەڭگۈ بولۇشى ئۈستىدە ئارتۇقچە ئىزدەنمىگەن. خەن پادىشاھلىرى چېن شىخۇاڭ كەبى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن ئۆلمەسنىڭ دورىلىرىنى ئىزدەپ سەرسامە ئىچىدە يۈرگەندە، ئەجدادلىرىمىز كۆك ئاسمان ئاستىدىكى بىپايان يايلاقلاردا ھاياتلىقنىڭ رېتىمىغا كەلتۈرۈپ قەدەم بېسىپ، قاغانمۇ بىر خوتۇنغا سادىق بولۇپ، چوپانمۇ بىر ئاشىققا ۋەدە بېرىپ ھايات ئۇسسۇلىنى تەڭ ئوينىغان.
تەكلىماكاننىڭ تەكتىنىڭ ئەسلى ماكان ئىكەنلىكىنى بۇ ئاتالغۇ ئېنىق ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. سىرتتىن كەلگەنلەر ئۈچۈن قۇم بىلەن ئېزىتقۇدىن باشقا نەرسە مەۋجۇت بولمىغان بۇ قۇم بارخانلىرى ئىچىدە، ئەجدادلىرىمىز ئەگەر شۇنىڭغا لايىق ھايات رېتىمىنى بايقىيالمىغان بولسا ئۇلارنىڭ يىلتىزى بىزگىچە ئۇلىشالمىغان بولاتتى. تۇرپاندا كارىز كولاپ، تارىمدا بوستان قوغداپ، ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان دۇنيادىكى تۇنجى ئورمان قانۇنىنى. شۇ قۇمدا ھاياتلىقنىڭ رېتىمىنى دەڭسىيەلىگەچكە، شۇ رېتىمغا مۇھەببىتى بولغاچقا، توغراق تىكىپ ئورمان بېقىپ، قۇم بارخانلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئەجدادىمىز ھايات رېتىمىنى قۇملۇق ئىچىدىكى بوستانلاردا ياشناتقان. ھايات رېتىمى بىلەن تۇرغۇن بولغاچ، ئىنسان ئەنە شۇ رېتىم بىلەن تەڭ تەۋرەنگەچ ھاياتلىق گۈزەللىككە تولغان. كروران گۈزىلى ئەپسانە ئەمەس. يايلاقتىن كۆچ ئېتىپ تارىمغا يەتكەن ئەجدادلىرىمىز، ئەسلى تارىمدا تەۋرىگەن ھايات رېتىمنى بۇزماي تەڭ تەۋرەپ ئۇنى كۈچلەندۈرگەن. ھايات رېتىمىغا بولغان چۈشىنىشتىكى ئوخشاشلىق بۇ ئىككى يىلتىزىمىزنى بىر -بىرىگە ناھايىتى تەبىئىي رەۋىشتە بىرىكىشىگە تۈرتكە بولغان. بىزنىڭ يايلاقتىكى ئەجدادىمىز تارىمغا كېلىپ كروراننى خاراب قىلمىغان. ئەكسىچە ھاياتلىقنىڭ رېتىمىنى چۈشەنمەي خاننىڭ دېپىغا تەڭكەش قىلىشقا، مۇنداقچە ئېيتقاندا “تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشقا” ئۇرۇنغان ۋە ھازىرغىچە بۇ تەبىئىي رېتىمغا پۇت – قولى كەلمەي ئۇنى بۇزۇۋاتقان قەۋملەر، قانائەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ئوپقاندەك نەپسى ئۈچۈن، پەقەت نەچچە ئون تۇلپارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈنلا، شۇ گۈزەل كروراندىكى ھاياتلىقنى ۋەيران قىلغان.
ئۇسسۇل ئويناش قىيىن ئەمەس. يەر يۈزىدىكى ھەر مىللەت، ھەر قەۋم، ھەر تائىپە ئۆزى بىلگەن رېتىمغا سەكرەشنى بىلىدۇ، ۋە ھازىرغىچە سەكرەپ كەلمەكتە. ئەڭ ئەستايىدىل دېيىلىدىغان ياپونلارمۇ، ئەڭ مۇتەئەسسىپ قارىلىدىغان ئەرەبلەرنىڭمۇ ئۆزلىرى ئوينايدىغان ئۇسسۇللىرى بار. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە بارلىققا كەلگەن، ساغرىسىنى ئوينىتىپ ئۇسسۇل ئويناش، ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن يات جىنىسلارنى ئۆزىگە تارتىشنىڭ ئۇسۇلى(مېتودى) بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان رېتىمنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، يات جىنسلارنى مەھلىيا قىلىشنىڭ ئۇسۇلى(مېتودى) ئادىمىيلىكنىڭ رېتىمىغا ئالمىشىشقا يۈزلەنگەن. بۇ قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باسقان ئىنسانلار تائىپىسىنىڭ ئۇسسۇلىدا ئىپتىدائىي رېتىم، يەنە نوقۇل جىنسىيەتنى ئىپادىلەيدىغان ساغرا تولغاش دېگەندەك ھەرىكەتلەر غايىب بولغان.
بۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسان دۇنياسىدىكى رېتىم، تەبىئەتنىڭ رېتىمى بولغان ھاياتلىق بىلەن جەمئىيەتنىڭ رېتىمى بولغان تىنچلىق بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ، يېڭى بىر رېتىم، يەنە ئىستېتىكا شەكىللەنگەن. ئىنسانلار چەكلىك ھايات رېتىمىنى مەنىلەر بىلەن بېزەشكە تىرىشقان. پەيلاسوپلار ھاياتنىڭ رېتىمى ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە تەبىئىي رېتىملارنى ئۆز قانۇنىيەتلىرى بويىچە كاتېگورىيەلەشتۈرۈپ خاس ئىسىملار بىلەن سۈپەتلەپ، ئىلىم دېگەن بىر ئورتاق ئىسىم ئاستىدا تەھسىل قىلغان. ئەجدادلىرىمىز تۆت پەسىلنىڭ رېتىمىغا كەلتۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلغان، مېۋە باغلىرىنى بەرپا قىلغان؛ يۇلتۇزلارنى كۈزىتىپ، يىپەك يولىنى كولدۇرمامىنىڭ رېتىمىدا تەڭ تەۋرەتكەن.
ئەجدادلىرىمىز بىزگە رېتىم بىلەن ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتكەنكى، بۇ دۇنيانىڭ رېتىمىنى بۇزۇشنى ئۆگەتمىگەن. ئەجدادلىرىمىز بىزگە ھەر ئىشنى قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەنكى، ئۆزىدە يوقنى باردىن بۇلاپ ئېلىشنى ئۆگەتمىگەن. شۇ سەۋەبتىن بىز قۇم بارخانلىرى ئىچىدىمۇ قىزىل گۈلدىن بوستانلارنى بېزىگەن. قاچاندىن بېرى ھاياتلىقنىڭ رېتىمىنى بايقىيالماي ئاچلىقتىن بىر – بىرىنى يېيىشكەن يەجۇجى – مەجۇجىلەر يۇرتىمىزغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەتنىڭ رېتىمىنى بۇزىدىغان ئۇسۇللىرىنى(مېتودىنى)، ھاياتلىقنىڭ رېتىمىنى بۇزىدىغان رېتىمى يوق ئۇسسۇلنى بىزگە تېڭىشقا باشلىغاندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل پەلسەپىسى يوقىلىشقا يۈزلەندى. بۇ پەلسەپىنى ئەجدادلىرىمىز گىرېك پەيلاسوپلىرىدەك كىتابلارغا پۈتمىگەن، ياكى ئىتالىيەلىكلەردەك ئىستىتىكلار بىلەن چېركاۋ تورۇسلىرىغا پەردازلاپ قالدۇرمىغان. بۇ ئۇسسۇل پەلسەپىسىنى ئەجدادلىرىمىز بىزنىڭ قان تومۇرلىرىمىزغا ھاياتلىقنىڭ رېتىمى بىلەن بىللە قوشۇپ قۇيۇۋەتكەن. ئويناۋاتقان ئۇسسۇلىمىزمۇ، قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ بۇزۇۋاتقانلار كۆپىيىۋاتقان، پۈتۈن ھايات چىرىغىمىز بورانغا دۇچ كېلىۋاتقاندا، ئوينايدىغان ئۇسسۇلىمىزغا گۇمان بىلەن قارىماي، ئىش قىلىش ئۇسۇلىمىزنى زاماننىڭ رېتىمىغا تەڭكەش قىلىشىمىز كېرەك.
2018 – يىل 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى