ئاپتورى: كۈرەش ئاتاخان
مىللىي ھەرىكىتىمىز مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشتىن باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە ۋە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىمۇ ئۆزىنىڭ ئالىي مەقسەتلىرىنىڭ بىرى قىلىدۇ!
– مىللىي ئويغۇنۇش ئۆرگۈتلىرى
ئۇيغۇرلار ئېتنىك يىلتىزى جەھەتتىن تارىختا سومېر، ساك، توخار، ماساگىت، ھۇن، ياۋچى، تۈرۈك، سوغدى قاتارلىق خەلقلەرگە باغلانغاندىن باشقا مۇڭغۇل ۋە تىبەت خەلقلىرى بىلەنمۇ قەۋمداش كېلىدۇ!
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك ئالاھىدىلىكى بىئولوگىيىلىك ۋە ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن %67 ھىندى – ياۋروپا، %10 ئورتا ئاسىيا،%3 ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خاراكتېرىگە ئىگە دەپ خۇلاسىلەندى. بۇ ئىلمىي ئىزلىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
ئۇيغۇرلار ئوغۇزلارنىڭ قەبىلىسى ئەمەس، ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن بىر مىللەتتۇر. ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ بالدۇر شەھەرلەشكەن، پەلسەپە، تىبابەت، ئاستىرونومىيە، ماتېماتىكا، ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا قاتارلىق تەرەپلەردە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتقان بىر خەلقتۇر. دۆلەتچىلىك شەھەرلىشىشتىن تۇغۇلغان مەدەنىيەت بولۇپ، ئەل – فارابىي، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، برونىي، ئىبىنسىنا، ئەھمەت يەسىۋىي، ئەھمەت يۈكنەكى، جالالىدىن رۇمى ۋە ئەل خارازەمىي قاتارلىق جاھانشومۇل ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە مىڭ يىللىق شانلىق شەھەرلىشىش ھاياتىنىڭ سەمەرىسىدۇر!
ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرىقۇتى ئوغۇزخاننىڭ 6 ئوغلىنىڭ پۇشتىدىن كەلگەن! ئۇيغۇرلار ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسىدىن تەركىپ تاپقان بىر سىياسىي بىرلىك بولۇپ، ئۇيغۇر دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ بىر قەبىلىنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىسمىدۇر!
تارىخى كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقى توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان خەلقلەرنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى بولۇپ، مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىدا نۇرغۇن خەلقلەرنى ئۆزىگە ھەم يۇغۇرۇپ كەتكەن. تارىخى خاتىرىلەردە توققۇز ئوغۇز، ئون ئۇيغۇر دەپ ئاتالغانلارنىڭ بۈيۈك ئەجدادىمىز تەڭرىقۇت ئوغۇزخان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. تەڭرىقۇت ئوغۇزخاننىڭ 6 ئوغلى بولۇپ، ئالتە ئوغۇلنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇرلارنىڭ 24 قەبىلىسى بارلىققا كەلگەنىكەن. 24 ئون ئۇيغۇر/ توققۇز ئوغۇز قەبىلىسى سەلتەنەت ئۈنۋانى ئوغۇزخان بولغان ھۆكۈمدارلارنىڭ تەسەرۇپىدىكى قەۋم بولۇپ، بۈگۈنكى ئۆزىنى ئوغۇز دەپ ئاتايدىغان بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەجدادىدۇر!
ئۇيغۇر، ئوغۇز دېگەن سۆزلەر بىلەن تۈرك دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئارا ئوخشاش بولۇپ، بۇلار ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر. باشتا ئۇيغۇر، ئوغۇز ۋە تۈرك دېگەن ئىسىملار ئوخشاشلا بىرلەشكەن، ئىتتىپاقلاشقان، كۈچلەنگەن، قۇدرەتلىك دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ .
ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسى ۋە بارلىق قىپچاق قەبىلىلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا بىرلەشتۈرگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاكىمىيىتى ناھايىتى ئۇزۇن داۋام قىلغان.
تۈركلەر(ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئىچىدە) قۇرغان 16 ئېمپىراتورلۇقنىڭ تەمەلى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك ئىددىيىسىنى ھۇل تېشى قىلغان.
ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان، يۈكسەك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ياراتقان خەلقلەرنىڭ قاتارىدا تەركىۋىدىكى ئانىلىق، ئاتىلىق ۋە ئۇرۇقداشلىق ئالامەتلىرىنى مىلادىدىن ئىلگىرىلا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئېتنىك، كۈلتۈرال، مەدەنىيەت ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن سىقىپ چىقىرىۋەتكەچكە، ئۆزلىرىنى تۈرك ۋە قازاقلاردەك ئۇ ياكى بۇ قەبىلە دەپ ئايرىماستىن بىر پۈتۈن مىللىي نام ئۇيغۇر دېگەن مۇبارەك نام بىلەن ئاتاپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلار قانچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا قېرىنداش مىلللەتلەرنىڭ ۋە خوشنىلىرىمىزنىڭ ئېتنىك تەركىۋىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناپلا قالماي، ئۆزىدە دۇنيادىكى كۆپ سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئىرانىي ۋە تۇرانىي خەلقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى روشەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلغار بىر دۇنياۋىي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن!
ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت تارىخىدا شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن خوشنا ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. مەسىلەن: ھۇن ئىمپىراتۇرلىقى، كىدان ئىمپىراتۇرلىقى، موڭغۇل ئىمپىراتۇرلىقى ۋە مانجۇ ئىمپىراتورلىقى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىگە تايىنىپ يۇرت سورىغان!
ئۇيغۇرلارنىڭ قان تەركىۋىنىڭ كۆپ خىللىقى تارىختا ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتلەر ۋە ئىدارە قىلغان جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلەردىن كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئېتنىك تىپىدا تۇرانىي ۋە ئىرانىي خۇسۇسىيەت ھازىرلىغان بىردىن – بىر خەلق بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ خەلقئارا ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرگەن، تۈركىي تىللار بىلەن ئىرانىي تىللارنى باغلاپ ئۆز مەدەنىيىتىنى كېلىشتۈرگەن دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئىلغار بىر خەلققە ۋەكىلىك قىلىدۇ! ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك، تىل – يېزىق، ئۆرپ – ئادەت، ئەدەبىيات، پەلسەپە، تىبابەتچىلىك ۋە فولكلور جەھەتتىن تۇرانىي ۋە ئىرانىي خەلقلەرگە يېقىن بولۇشى تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، بۇ مىللىتىمىزنىڭ كەمچىلىكى ئەمەس تام ئەكسىچە كەم تېپىلىدىغان ئارتۇقچىلىقىدۇر!
مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۇرانىي ۋە ئىرانىي تىپتىكى ئوغۇز قەبىلىلىرى ۋە ئاز بىر قىسىم قىپچاقلارنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقىنى ئەجداتلىرىمىز ۋە خوشنىلىرىمىز ئۇيغۇر، دەپ ئاتىغان…ئوغۇزلار بىلەن قىپچاقلار ئۇيغۇر ھۆكۈمدارلارنىڭ بايرىقى ئەتراپىدا بىرلىشىش جەريانىدا ئىسىملار ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ بارغان.
ئوغۇز ۋە قىپچاقلار ئىتتىپاقى شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنىڭ ئورنىغا تۈرك كەلىمىسى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. تۈرك دېگەن ئىسىم ئوغۇز قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ ئورتاق نامى سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلگەن!
مۇڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدە تۈرك دېگەن ئىسىممۇ خۇددى ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمدەك ئىستىمالدىن قېلىپ، ئاۋال تۈركلەر بىلەن مۇڭغۇللارغا ئورتاق بولغان تاتار دېگەن ئىسىم، مۇڭغۇللار ۋە قىپچاقلار تامامەن ئىسلاملاشقاندىن كېيىن ئوغۇز، ئۇيغۇر، تۈرك، تاتار دېگەن ئىسىملارمۇ ئىستىمالدىن قېلىپ مۇسۇلمان دېگەن ئىسىم ئومۇملاشقان.
قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى 16 – يۈز يىلغىچە پۈتكۈل تۈرك – مۇڭغۇل تەسەرۇپلىرىدا ھاكىمىيەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان.تارىخىي ۋە سىياسىي مەنىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا، ئېتمولوگىيىلىك جەھەتتىن ئۇيغۇر ۋە تۈركتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ مەنىسى ئاساسەن ئوخشاشتۇر!
بەزى ئالىملار ئۇيغۇر دېگەن ئىسىم بىلەن ئوغۇز دېگەن ئىسىم بىر سۆز، بىرى تۈركچىنىڭ شەرق دىيالىكتى يەنە بىرى غەربى دىيالىكتى، دەيدۇ…
بۇ گەپنىڭ بەزى يەرلىرى توغرا بەزى يەرلىرى خاتا. توغرا ئۇ ئىككىسى ھەتتا تۈرك بىلەن قوشۇلۇپ ئۈچى بىر گەپ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېتنىك، تارىخىي، گىرامماتىكىلىق ۋە سىياسىي پەرقلەر بار.
ئۇيغۇرلار – ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقىنى، تۈركلەر – ئوغۇز ۋە قىپچاق ئىتتىپاقىنى بىلدۈرىدۇ! مىللىتىمىز ئاز – كۆپ بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق مىللەت ياشىغان كەڭرى جۇغراپىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن خەلق بولغاچقا، دۆلەتنىڭ بەكاسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز تەسەرۇپىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىسمىنى، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزگەرتىپ ماڭغان.
مەسىلەن: تارىختا تاتارلار دېگەن ئىسىم ئوغۇز، قىپچاق، مۇڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق نامىنى، مۇسۇلمانلار دېگەن نام چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرى تەسەرۇپپىدىكى چۆل مۇڭغۇللىرى ۋە خىتتايلاردىن باشقا ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. مۇڭغۇل ئاق سۆڭەكلىرى يەر شارىدىكى مىللەتلەرنى رەڭلىك ۋە رەڭسىز دەپ ئىككىگە ئايرىپ، مۇڭغۇل ياساقلىرىدا ھايۋانلارنى ئۈچىنچى گۇرۇپپىغا، خىتتايلارنى بولسا تۆتىنچى گۇرۇپپىغا تىزغان. مۇڭغۇللارنىڭ مەمۇرىي، ئەسكىرىي ۋە مالىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن ئەجداتلىرىمىز مۇڭغۇللارنىڭ جەسۇر قەبىلىلىرىنى ئۆز ئىچىدە ئېرىتىۋەتكەن. تىپىمىزدىكى ئاسىياچە ئالاھىدىلىك مانا بۇ ھادىسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ بىۋاستە خىتتايلارغا بېرىپ چېتىلمايدۇ. مانجۇ ئىستىلاسى دەۋرىدە بولسا تۈركىي خەلقلەر تارىختا قوللانغان ئىسىملارنىڭ ھەممىسى قەستەن ياساقلانغان ۋە كەمسىتىش تەلەپپۇزىدىكى ئىسىملار بىلەن خەلقىمىز ھاقارەتلەنگەن.
ھازىر تۈرك دېگەن سۆز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋەتەندىشى دېگەنلىك بولۇپ تارىختىكى ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ئوغۇز دېگەن مەناسىنى بىلدۈرمەيدۇ! تارىخ، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە تارىختىكى ئۇيغۇر، ئوغۇز ۋە تۈرك دەپ ئاتالغان خەلقلەردىن يېڭى ئۇيغۇر، يېڭى تۈرك، ئۆزبەك، قازاق، يېڭى قىرغىز، يېڭى تۈركمەن، ئازەرى ۋە يېڭى تاتار دېگەن مىللەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.
دۇنيادا مىللىي تەركىۋى ئۆزگەرمىگەن بىرمۇ خەلق يوق! شۇنىسى ئېنىقكى ھازىرقى تۈركلەر تارىختىكى تۈركلەرنىڭ دەل ئۆزى بولمىغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ دەل ئۆزى ئەمەس. ھازىرقى تۈركلەرنىڭ، ئۆزبېكلەرنىڭ، تۈركمەنلەرنىڭ، ئازەرىيلەرنىڭ، قازاقلارنىڭ ۋە تاتارلارنىڭ مىللىي تەركىۋىدە قەدىمقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەركىۋىدە مۇڭغۇل ۋە تىبەتلەرنىڭمۇ قىسمەن دەرىجىدە يەر ئالغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم!
خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى مەسىلىلىرى يېڭى مىللىي كىملىك بىلەن تېخىمۇ يېقىن باغلىنىشقا ئىگە. بىز سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە خەلقئارا ۋەزىيەتنى دائىم ئەسلىرىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز لازىم.
خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى مەسىلىلىرى يېڭى مىللىي كىملىك بىلەن تېخىمۇ يېقىن ۋە زىچ باغلىنىشقا ئىگە. بىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسەلىلىرىمىز نازۇك بىر رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئاراۋى مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. بىزدەك ھەممە ئىشتا يات مىللەتنىڭ قولىغا قارايدىغان خەلقلەرنىڭ ۋەزىيەتنى دائىم ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق شەكىلدە كونترۇل قىلىپ تۇرۇشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇڭا ئېتنىك ئارقا كۆرۈنىشىمىز، دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە مەدەنىيىتمىزگە ئالاقىدار تارىخىي مەسىلىلەرنىڭ مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلىشىمىز لازىم.
خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى مەسىلىلىرى يېڭى مىللىي كىملىك بىلەن تېخىمۇ يېقىن باغلىنىشقا ئىگە ئىكەن، ئۇ ھالدا مەھەللىۋىي خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئىلمىي پىلانلىشىمىز ھېچ بولمىغاندا توغرا مۆلچەرلىشىمىز لازىم.
دۇنيادا ھەر قانداق ئىشنىڭ ئىلمىي پىلانلانغان نورمىسى بولىدۇ. ئەر – خوتۇن، ئاتا – بالا ۋە قېرىنداشلار ئارا ئورتاق ۋە پەرقلىق شەيئى ۋە ھادىسىلەر بار. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار بىلەن خوشنا مىللەتلەرنىڭ، قېرىنداش خەلقلەرنىڭ، ئىسلامىي خەلقلەرنىڭ ۋە غەيرى ئىسلامىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق ۋە ئورتاقلىقلار بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى نورمىلار تارىخىمىز، ئېتنىك ئالاھىدىلىكىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز تەرىپىدىن نازۇك شەكىلدە ئاللىبۇرۇن بېكىتىلىپ بولۇنغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق ھازىر بەزىلەر سەۋىيەسىزلىكىدىن ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۇرال مەسىلىلىرىنى مۇسۇلمان مىللەتلىرى، تۈركىي خەلقلەر ۋە بىز بىلەن جىددىي مەسىلىلەردە ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان خىتتايلار بىلەن ئىلمىي بولمىغان شەكىلدە ئارىلاشتۇرۇپ ئويلىغاچقا، بۇ ھادىسە مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزگە ھەر تەرەپتىن تولۇق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.
تارىختا دۈشمەن كۈچلەر مىللىتىمىزدىن ھەر تۈرلۈك يامان مەقسەتتە پايدىلىنىپ كەتتى. بىزگە ھىېچقانداق پايدىسى بولمىدى. ئېنگلىزلار ئۇيغۇرىستانلىقلارنى خەلقئارا كوممۇنىزىمغا قارشى لاگىرغا سۆرەپ كىرىپ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ يىقىلىشىغا، رۇسلار بىزنى 3 – ئىنتېرناتسىئونال لاگىرىغا سۆرەپ كىرىپ بىرىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ يىقىلىشىغا سەۋەپ بولغان بولسا، رادىكال ئىسلامچىلار بىزنى خەلقئارا تېرورىزىمنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىرىپ، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئۈچىنچى قېتىمقى يوقىرى دولقۇنغا كۆتۈرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا.
تارىختا دۈشمەن كۈچلەر تۈركىي قان سېستىمىغا ئىگە بولغانلىقىمىزدىن، ئىسلامغا ئېتىقاد قىدىغان بىر خەلق بولغانلىقىمىزدىن ۋە خىتتاي تاجاۋۇزىغا قارشى بىر خەلق بولغانلىقىمىزدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئىنقىلاپ مېۋىسىنى قولىمىزدىن تارتىۋالدى. شۇنىڭغا ئوخشاشلا يەنە بەزىلەر چىقىپ چوڭ تۈركچىلىك ئىچىگە بىزنى يامان مەقسەتتە ئىتتىرىپ كىرىپ قانداش خەلقلەرگە، خوشنىلارغا ۋە ئىنسانىيەتكە دۈشمەن قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېتنىك ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، مىللىتىمىزنى تۇرانچىلىق لاگىرىغا، تۈركچىلىك لاگىرىغا، دىنىي ئېتىقادىغا قاراپ خەلقئارا تېرور لاگىرىغا، خىتتايغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر خەلق بولغىنىمىزغا قاراپ، خىتتاي بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكەرىي ئويۇنلارغا تارتىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرىستانلىقلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە دېموكراتىيەنى ئۆلچەم قىلغان، دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشىدىغان، مىللىتىمىزنىڭ ئىززەت – ئابرويىنى، ئىناۋىتىنى ۋە شان – شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ھەققانىي، ئىنسانىي ۋە قانۇنىي كۈرەشتۇر!
ئۇيغۇرىستانلىقلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتى ھەرگىز تۇرانچىلىق، تۈركچىلىك، رادىكال ئىسلامچىلىق ۋە خەلقئارا مەنپەئەتۋازلىقنىڭ تەركىۋىي قىسمى ئەمەس، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا مەھەللىۋىي سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي مەسىلە بولۇپ، ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ خىتتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، كۆلىمى 1،828، 418 كۋادىرات كېلومەېتىر بولغان جۇغراپىيەدە ياۋروپادىكى گېرمانىيىگە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسرائىلىيىگە، ئاسىيادىكى ياپونىيەگە ئوخاشايدىغان ئەركىن، ئازات، تولۇق دېمۇكراتىك بىر قانۇن دۆلىتى قۇرۇشتۇر!
بىز تارىختا كىم بولغان بولايلى، دىنىمىز نېمە بولسا بولسۇن، ھازىرقى ئەھۋالىمىزنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر توغرا مەيداندا تۇرىشىمىز، بىز بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مىللەتلەرگە، دىنلارغا، مەدەنىيەتلەرگە ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلغاندىن باشقا دۇنياۋىي تەرتىپكە بويسۇنىشىمىز، خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلغان ھالدا مىللىي ھەرىكىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىشىمىز لازىم!
تارىختىكى ئېتنىك، دىنىي ۋە سىياسىي ھادىسىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزلىگەن ھالدا بۈگۈنىمىز ئۈچۈن ئىجابىي خىزمەت قىلدۇرىشىمىز، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى باشقا دۆلەت خەلقلىرىنىڭ رىئال پروبلەملىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېلىشتىن ھەر ۋاقىت ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم. تۈركىي خەلقلەر، ئىسلامىي خەلقلەر ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە دىئالوگ ئىچىدە بىرلىكتە ياشاشقا خەلقئارا نىزاملارنى ئۆلچەم قىلىشىمىز ۋە مەنىۋىي دۇنيارىمىزدا ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك زېمىن ھازىرلىشىمىز لازىم.
بىز مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، شەرتلەرنىڭ، قۇراللارنىڭ ۋە ئۆلچەملەرنىڭ دائىم ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، خەلقئار ۋەزىيەتنى دائىم توغرا مۆلچەرلەشنى مىللىتىمىزگە ھەر ۋاقىت خاتىرىلىتىپ تۇرىشىمىز لازىم. بۇ ھەقتە ھازىرقى قانداش خەلقلەر جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ، ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ ۋە تەرەققىي قىلغان غەرب دۇنياسىنىڭ رايون ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرى ۋە بىزگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بىز ئۈچۈن ياخشى بىر دەرسلىك بولالايدۇ.
مىللەتنىڭ تارىخىنى بىلىش ئۆزىنى ئۆزى تونۇشتۇر! تارىخىنى بىلگەن مىللەتلەرنىڭ كېلەچىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ! شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى تارىخ پۇل ئەمەس، نان ئەمەس ۋە ياستۇقمۇ ئەمەس! تارىخنى ئار – نومۇس، شان – شەرەپ ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئوقۇيمىز!
تارىخىي ھادىسىلەرنى بۈگۈننىڭ رىئاللىقى بىلەن قالايمىقان ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا دىنىي، قانداشلىق ۋە تىلداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىمىز تېخىمۇ ئاقىلانىلىكتۇر!!
09.01.2018 گېرمانىيە
Uyghurlarning Ötmüshidin Kélichikige Bir Nezer!