ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇنىشى نىمىگە باغلىق؟
كۆك ھىلال
دىن ئىلاھى قۇۋۋەت.ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىرەر شەخىس ياكى بىرەر جەمىيەتكە غايەت زور ئىلھام ۋە مەنىۋىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ!ئۇ ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە نىسبەتتەن موھىم سلجىتىش كۈچىگە ئىگە.لىكىن ئىنسانىيەت ئېڭىدىكى سۇبىيكتىپ سۇپەت ئۆزگرىشى ۋە كىشىلەر ئىدىيىسىدىكى قىممەت بۇرۇلۇشى دىننى ئۆزى خالىغان نۇقتىغا،ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە بويسۇندىرىدىغان قۇرالغا ئايلاندۇرۇپ قويدى!دىننىڭ ماھىيىتى بىرقىسىم ناچار ئىدىيىۋىي ھاسىلاتلارنىڭ قارا چاڭگىلىغا چۈشۇپ قالدى!
ئوبىيكتىپ جەھەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بىلەن سۈننەت ۋە مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلىرى دىگەن تامغا بىلەن نۇرغۇن بىدئەت، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ناچار ئىدىيىلەر نۇرغۇن يىل بىكىنمىچىلىك قوينىدا ياشىغان خەلقىمىزنىڭ ئىجاتچانلىق روھى ۋە ئالغا ئىلگىرلەش روھىنى چۈشەپ قويدى!دىننىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ناچار تەرغىباتى ئاستىدا دىننىڭ دوگماتىك ئەندىزىگە كۆچىشى خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالى ۋە بۈگۈنكى زەبۇنلۇغىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ھىچ كىشى ئىنكار قىلالمىسا كىرەك!
دىننىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە قارغۇلارچە ئىستىمال قىلىنىشى بىزنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى سەلتەنەتتىن ئايرىپ تاشلىدى! دىننى مەھكۇملۇق، دىننى نادانلىق، دىننى قاشاڭلىق ئۆتكەن 300 يىللىق تارىخىمىزنى قان-ياشقا، نادانلىق –خۇراپاتلىققا، بىكىنمىچىلىككە موھىمى ھاقارەتكە ئاپىرىپ تاشلىدى!
ئاللاھ نازىل قىلغان ئىسلام دىنىنىڭ بۈيۈك قانۇنى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ئىتىقاد ئۆلىمالارغا، سۈلۈك پىرلىرغا، سۈننەت-پەتىۋالارغا قىلىنغان ھۆرمەت ۋە ئىتىقاددىن كۆپ ئىشىپ كەتتى !مانا بۇ بىزنىڭ خاتالاشقان نۇقتىمىز!
بۇنىڭدىن ساق 600 يىل بۇرۇن غەرىپ جانلىنىشقا باشلىدى! بىرىنجى قىتىملىق ئىدىيە ئاقارتىش ھەركىتى باشلاندى!بۇ ئىدىيە ئاقارتىش ھەركىتىنىڭ موھىم نۇقتىسى دىننىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇش بولدى!مارتىن لۇتىر ئەڭ ئاۋۋال خەلىقنى چىركاۋنىڭ مۇستەبىت نادان تۈزىمىگە خاتىمە بىرىشكە چاقىرىپ ئىنجىلنى توغرا تونۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇنىڭ تەسىرىدە لاتىن يىزىقىدىكى ئىنجىل تەرجىمە قىلىنىپ پۈتكۈل دىن ئىشلىرىدا ئىسلاھ قىلىندى! كىشىلەر قارغۇلارچە ئىنجىل ئوقۇشقا ئەمەس. بەلكى مەنىسىنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ھەقىقى دىن ئىكەنلىكىنى تونىدى! ئىنجىلدىن ئىبارەت ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بار بولغاچقا ئۇنىڭدىن پايدىلانغاچقا بىرىنجى قىتىملىق ئىدىيە ئاقارتىش ھەركىتى بىلەن ياۋرۇپانىڭ تەرەققىياتى تىزلەشتى!ئالغا ئىلگىرلىدى!
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاللاھنىڭ بۇيرىقى قانۇنى بولغان بۈيۈك ساماۋىي كىتاب (قۇرئان كەرىم)قولىمىزدا تۇرسىمۇ ئۇنۇڭدىن پايدىلانماي، ئاللاھنىڭ قانۇنى ئىشلەتمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي قۇرۇق قارىلارچە ئوقۇپ يۈرىشىمىز ھىچ ئەقىلگە سىغمايدۇ!
بۈگۈنكى بەزى قارىملار نەچچە خوتۇن ئالسا بولىدۇ،ئىسلام يول قويىدۇ دەپ قارايدۇيۇ، قۇرئان سۈرە نىسادىكى ئادىل بولالىساڭلار ئالساڭلار بولىدۇ،ئادىل بولالىشىڭلاردىن قورۇقساڭلار ئالماڭلار! بىر خوتۇن بىلەن ئۆتۇش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يىقىندۇر دىگەن سۆزلىرىنى بىلمەيدۇ!چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئەرەپچىسىنى ئوقۇش بىلەن ئالدىراش ئۇنى چۈشىنىش چۈشەنمەسلىك ئۇلارغا بەرىبىر!
ناماز ،قۇرئان ئوقۇش خۇددىي ئىنسانلار ئۈچ ۋاق تاماق يەپ بەدىنىنى قۇۋۋەتلەندۈرگەنگە ئوخشاش بەشۋاق مەنىۋىيىتىنى قۇۋەتلەندۈرۇشتۇر!
بۇ قۇۋۋەتلەندۈرۇش ئىنسانغا لەززەت ئېلىپ كىلىشى كېرەك !لېكىن بىزدە كۆپ سانلىق كىشىللىرىمىز نامازنى ۋەزىپىنى ئادا قىلىش يۈززىسىدىن ئۆتەيدۇ!ئۇلار نامازدىن ئوزۇق ئېلىشنى بىلمەيدۇ! بۇ نىمە ئۈچۈن؟
يىغىپ ئىيتقاندا بىز تىخى ئىسلامنى تولۇق چۈشەنمىدۇق!توغرا چۈشەنگەن بولساق ئىدۇق ھەتتا نامازلىرىمىزدا قۇرئاننى ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭغا شەكسىز ئىتائەت قىلغان بولاتتۇق!
ئاللاھ ھەممە تىلنى بىلگىچىدۇر!
ھازىر قۇرئان ئوقۇپ،نامازنى ئۆتەپلا چىقىپ بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنى يوق دىيەلمەيمىز!بۇنداق يەرلەردە بىز ئۇلارنىڭ نامازلىرى قۇبۇل بولمايدۇ دەپ پەتىۋا پىچىپ توختىدۇق!لىكىن ئويلاپ باقتۇقمۇ ئۇلار ناماز ئۆتىدى،قۇرئان ئوقىدى لېكىن نىمە دىگىنىنى بىلەلىدىمۇ؟ئۇلارنىڭ روھى ناماز ۋە قىرائەت قىلىشتىن مەنىۋىي قۇۋۋەت ئالالىدىمۇ؟
مىنىڭچە بىز قۇرئاننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى بىلەن ئىش قىلىدىغان بولساق تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىغا،مەنىۋىي يۈكسەكلىكنىڭ يۇقرى پەللىسىگە يىتەلىگەن بولاتتۇق.ئەمما بىز قارغۇلارچە ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئالداپ كىلىۋاتىمىز!
ياۋرۇپا ئىنجىلنى تەرجىمە قىلىپ دىننىڭ رولىنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن تەەققي قىلدى ئىسلام دۇنياسىمۇ قۇرئان ۋە ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ!
فۇزەيل رەھىمۇللاھ مۇنداق دەيدۇ : قۇرئان كەرىم ھەقىقەتەن ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان ئىدى ، بىراق كىشىلەر ئۇنى ئوقۇشنى ئەمەل قىلغانلىق دەپ چۈشىنىۋالدى .
بۇ ئىنكاسنى بىر تورداش باشقا بىر تىمامغا يىزىپ قويۇپتىكەن چاپلاپ قويدۇم!
ئۇيغۇر مىللىتى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت!مىللەتنىڭ تەغدىرىنى دىندىن ئايرىپ قاراش بۈگۈنكى كىشىللىرىمىزنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ.چۈنكى 1000 يىللىق ئىسلام دىنى ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنى بىيىتتى!دىندىن مىللەتنى ئايرىپ قاراش مومكىن بولمايدىغان ھادىسىگە ئايلاندى! ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۇيغۇتۇش ئۈچۈن كەڭ خەلقنى دىن ئارقىلىق يىتەكلەش كىرەك،دىن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۇيغۇتۇشتا قۇرئان كەرىمنىڭ يىتەكچىلىك ئورنىنى كۈچەيتىش كىرەك!
يۇقۇرقى مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىي جارى قىلدۇرۇش زۆرۈر.بىر ئايەتنى قايتا-قايتا مىليۇن قىتىم ئوقۇغاندىن بىر قىتىم چۈشەنگەن ئەۋزەل!